مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

نىكاھ رىشتىسىنى قە‌دىرلە‌ڭ

نىكاھ رىشتىسىنى قە‌دىرلە‌ڭ

‏«خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىغا قوشقانلارنى ئادە‌م ئايرىمىسۇ‌ن».‏—‏ماركۇ‌س 10:‏9‏.‏

ناخشىلار:‏ 36،‏ 25

1،‏ 2.‏ ئىبرانىيلار 13:‏4-‏ئايە‌ت بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

 ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام كۆرسىتىمىز،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ شان-‏شە‌رە‌پكە لايىقتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋامۇ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 2:‏30؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏9؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌نە بىزنىڭ باشقا ئادە‌ملە‌رنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرىنى ھۆرمە‌تلىشىمىزنى خالايدۇ (‏رىملىقلار 12:‏10؛‏ 13:‏7‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قارىشىمىز زۆرۈر يە‌نە ئالاھىدە بىر نە‌رسە بار.‏ بۇ —‏ نىكاھ رىشتىسى.‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ھە‌ممە ئادە‌م نىكاھقا ھۆرمە‌ت قىلسۇ‌ن ۋە ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىگە داغ تە‌ككۈزمىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ئىبرانىيلار 13:‏4‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى بۇ‌يرۇ‌ق سۈپىتىدە ئېيتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نىكاھ رىشتىسىنى ھۆرمە‌تلىشى ياكى قە‌دىرلىشى زۆرۈر.‏ سىزمۇ،‏ بولۇ‌پمۇ توي قىلغان بولسىڭىز،‏ نىكاھقا شۇ‌نداق قارامسىز؟‏

3.‏ ئە‌يسا نىكاھ ھە‌ققىدە قانداق مۇ‌ھىم نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

3 ئە‌گە‌ر نىكاھقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قارىسىڭىز،‏ سىز ماختاشقا سازاۋە‌ر.‏ ئە‌يسامۇ نىكاھنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن ۋە بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ پە‌رىسىيلە‌ر ئە‌يساغا ئاجرىشىش توغرۇ‌لۇ‌ق سوئال قويغاندا،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ دە‌سلە‌پتە نىكاھ توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى قايتا تە‌كىتلىگە‌ن:‏ «شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئايالى بىلە‌ن ئىككىسى بىر تە‌ن بولىدۇ».‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دە‌پ قوشقان:‏ «خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىدا قوشقانلارنى،‏ ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن».‏—‏ماركۇ‌س 10:‏2—‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ يارىتىلىش 2:‏24‏.‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ نىكاھقا باغلىق نىيىتى قانداق بولغان؟‏

4 خۇ‌دا ئۆزى نىكاھنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقىنى ۋە نىكاھ رىشتىسى مە‌ڭگۈلۈك بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئە‌يسا ئېتىراپ قىلغان.‏ يە‌ھۋا تۇ‌نجى نىكاھنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئاجراشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭ نىيىتى بويىچە،‏ ئە‌ر-‏ئايال مە‌ڭگۈ بىرگە ئۆتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏

نىكاھقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئۆزگىرىشلە‌ر

5.‏ ئۆلۈمنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شى نىكاھقا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

5 بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلغاندىن كېيىن،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌ر ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆلىدىغان بولغان ۋە بۇ نىكاھقىمۇ تە‌سىر قىلغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنڭ ئېرى ياكى ئايالى ۋاپات بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ قايتا نىكاھ قۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏—‏رىملىقلار 7:‏1—‏3‏.‏

6.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا خۇ‌دانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغان؟‏

6 تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىن خۇ‌دانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىنى بىلىشكە بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قانۇ‌ن بويىچە بىر ئىسرائىل ئە‌ر كىشى كۆپ ئاياللىق بولالىغان.‏ بۇ ئۆرپ-‏ئادە‌ت مۇ‌سا قانۇ‌نى بېرىلىشتىن بۇ‌رۇ‌نمۇ كە‌ڭ تارقالغان.‏ ئە‌مما،‏ قانۇ‌ن ئاياللار بىلە‌ن بالىلارنىڭ ھوقۇ‌قىنى قوغدىغان.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر كىشى بىر قۇ‌ل ئايالغا ئۆيلىنىپ،‏ كېيىن ئىككىنچى ئايال ئالغان بولسا،‏ ئۇ بىرىنچى ئايالىنى ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكتىن،‏ كىيىم-‏كېچە‌كتىن ۋە جىنسىي ئالاقىدىن مە‌ھرۇ‌م قىلماسلىقى كېرە‌ك ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىنىڭ ئايالىنى بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك قوغدىشىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىنى تە‌لە‌پ قىلغان (‏چىقىش 21:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە ياشىمىساقمۇ،‏ ئۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋانىڭ نىكاھنى قە‌دىرلىگە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىزمۇ نىكاھقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قاراشنى ئۆگىنىمىز.‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 24:‏1دە ئاجرىشىشقا باغلىق قانداق قانۇ‌ن يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاجرىشىشقا قانداق قارايدۇ؟‏

7 تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا ئاجرىشىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئېيتىلغان؟‏ يە‌ھۋا ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ئاجرىشىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ،‏ قانۇ‌ن بويىچە بىر ئىسرائىل ئە‌ر كىشى ئايالىنىڭ «نامۇ‌ۋاپىق ئىشىنى بايقاپ»،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاجرىشالىغان ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 24:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قانۇ‌ندا «نامۇ‌ۋاپىق ئىش» نېمە ئىكە‌نلىكى ئېيتىلمىغان.‏ لېكىن،‏ بۇ پە‌قە‌ت ئە‌رزىمە‌سلا سە‌ۋە‌ب ئە‌مە‌س،‏ ئە‌خلاقسىزلىق ياكى بە‌ك ئېغىر قىلمىش بولۇ‌شى شە‌رت ئىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 23:‏14‏)‏.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا كۆپلىگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار ئايالى بىلە‌ن «ھە‌رقانداق ئىشنى سە‌ۋە‌ب قىلىپ» ئاجراشقان (‏مە‌تتا 19:‏3‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز شۇ‌نداق كۆز قاراشتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏

8 مالاكى پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا كۆپلىگە‌ن ئىسرائىللىقلار بىرىنچى ئايالى بىلە‌ن ئاجرىشىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان ياش ئاياللارغا ئۆيلە‌نگە‌ن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ئاجرىشىشقا بولغان كۆز قارىشىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن تالاق قىلىشنى ئۆچ كۆرىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مالاكى 2:‏14—‏16‏)‏.‏ خۇ‌دا ئە‌ر كىشى «ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز خوتۇ‌نى بىلە‌ن باغلىنىدۇ ۋە ئۇ‌لار بىر تە‌ن بولىدۇ» دېگە‌ندىن كېيىن،‏ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتمىگە‌ن (‏يارىتىلىش 2:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسامۇ:‏ «خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىدا قوشقانلارنى،‏ ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ نىكاھقا دە‌ل ئاتىسىغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏مە‌تتا 19:‏6‏.‏

ئاجرىشىش ئۈچۈن بىردىن-‏بىر سە‌ۋە‌ب

9.‏ ئە‌يسانىڭ ماركۇ‌س 10:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

9 بە‌زى كىشىلە‌ر:‏ «مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى قانداق سە‌ۋە‌ب بىلە‌ن ئاجرىشىپ،‏ قايتىدىن نىكاھ قورالايدۇ؟‏»،‏ دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىمكى ئايالنى تالاق قىلىپ،‏ باشقا ئايال بىلە‌ن توي قىلسا،‏ ئۇ زىنا قىلغان ۋە ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئايال ئېرىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن،‏ باشقا ئە‌رگە تە‌گكە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌مۇ زىنا قىلغان بولىدۇ» (‏ماركۇ‌س 10:‏11،‏ 12؛‏ لۇ‌قا 16:‏18‏)‏.‏ ئە‌يسا نىكاھنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىنى خالىغان.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر كىشى ۋاپادار ئايالى بىلە‌ن ئاجرىشىپ،‏ باشقىسىغا ئۆيلە‌نسە،‏ ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.‏ ئايال كىشىمۇ ۋاپادار ئېرى بىلە‌ن ئاجرىشىپ،‏ قايتىدىن تۇ‌رمۇ‌شقا چىقسا،‏ ئۇ‌مۇ زىنا قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بىرى ئۆز جۈپتى بىلە‌ن ئاجراشسىمۇ،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھ رىشتىسى ئۈزۈلدى دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ‌لار تېخىغىچە «بىر تە‌ن» بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئە‌ر كىشى ۋاپادار ئايالى بىلە‌ن ئاجراشسا،‏ ئايالىمۇ زىنا قىلىش خە‌ۋپى ئاستىدا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ بىلە‌ن نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمدە ئايال كىشى ماددىي تە‌رە‌پتىن قىينالماسلىق ئۈچۈن قايتىدىن تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىشنى ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ زىنا قىلىش بىلە‌ن باراۋە‌ر بولاتتى.‏

10.‏ ئاجرىشىشنىڭ ۋە قايتىدىن نىكاھ قۇ‌رۇ‌شنىڭ بىردىن-‏بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

10 ئە‌يسا ئاجرىشىشنىڭ پە‌قە‌ت بىرلا سە‌ۋە‌بى بارلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ:‏ «سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقىدىن باشقا سە‌ۋە‌ب بىلە‌ن ئايالىدىن ئاجرىشىپ،‏ باشقا بىرى بىلە‌ن توي قىلغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 19:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىرنى تاغدىكى تە‌لىمىدە ئوتتۇ‌رغا قويغان (‏مە‌تتا 5:‏31،‏ 32‏)‏.‏ ھە‌ر ئىككىلا پە‌يتتە،‏ ئە‌يسا «جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق» توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق —‏ زىنانى،‏ پاھىشۋازلىقنى،‏ نىكاھتا بولمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدىكى جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تنى،‏ ئوخشاش جىنىسلىق كىشىلە‌ر ۋە ھايۋان بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆيلە‌نگە‌ن ئە‌ر كىشى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسا،‏ ئايالى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاجرىشىش-‏ئاجراشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئاجرىشىشنى قارار قىلسا،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا نىكاھ رىشتىسى ئۈزۈلىدۇ.‏

11.‏ جورىسى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسىمۇ،‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بە‌زىلىرى ئاجراشماسلىقنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 ئە‌يسا بىر كىشى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسا،‏ ۋاپادار جورىسى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاجرىشىشى كېرە‌ك دە‌پ ئېيتمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىدە ئايال كىشى زىنا قىلغان يولدىشى بىلە‌ن داۋاملىق ياشاشنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ ئۇ ھە‌مراھىنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈپ،‏ نىكاھ رىشتىسىنى بىللە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە تە‌ييار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ يولدىشى بىلە‌ن ئاجرىشىپ،‏ قايتىدىن تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىسا،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى ئېھتىمال.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ماددىي ۋە جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ؟‏ ئۇ يالغۇ‌زسىراپ قالمامدۇ؟‏ ئاجرىشىش بالىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ بالىلارنى ھە‌قىقە‌تتە تە‌ربىيىلە‌ش قىيىن بولۇ‌پ كە‌تمە‌مدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏14‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ بىگۇ‌ناھ تە‌رە‌پ ئاجرىشىشنى قارار قىلسا،‏ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ ھوشىيانىڭ نىكاھىسىدا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ ھوشىيا نېمە ئۈچۈن گومە‌رنى قايتا قوبۇ‌ل قىلغان ۋە بىز ئۇ‌نىڭ نىكاھىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

12 ھوشىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىدىن،‏ خۇ‌دانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ نە‌رسىنى بىلىشكە بولىدۇ.‏ خۇ‌دا ھوشىياغا «پاھىشە ئايالنى» ۋە «زىنادىن پە‌رزە‌نتلە‌رنى» تۇ‌غۇ‌پ بېرىدىغان گومە‌ر ئىسىملىك ئايالغا قىزغا ئۆيلىنىشنى ئېيتقانىدى.‏ ئۇ‌لار نىكاھ قۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ «ئۇ ئۇ‌نىڭدىن ھامىلدار بولۇ‌پ بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غدى» (‏ھوشىيا 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ گومە‌ر ئېھتىمال باشقا ئە‌ر كىشىدىن بىر قىز ۋە بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غقان.‏ گومە‌ر بىرنە‌چچە قېتىم جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسىمۇ،‏ ھوشىيا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاجراشمىغان.‏ ئاخىرى،‏ ئۇ ھوشىيانى تاشلاپ،‏ قۇ‌ل بولۇ‌پ قالغان.‏ بىراق،‏ ھوشىيا ئۇ‌نى قايتۇ‌رۇ‌ۋالغان (‏ھوشىيا 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھوشىيانىڭ مىسالى ئارقىلىق باشقا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىپ،‏ ۋاپاسىزلىق قىلغان ئىسرائىل خە‌لقىنى كۆپ قېتىم كە‌چۈرگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئېلىشقا بولىدۇ؟‏

13 ئە‌گە‌ر نىكاھلىق جورىسى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسا،‏ بىگۇ‌ناھ تە‌رە‌پ مۇ‌ھىم قارار چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ بىگۇ‌ناھ تە‌رە‌پتە ئاجرىشىش ۋە قايتىدىن نىكاھ قۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قى بار.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ گۇ‌ناھ قىلغان جورىسىنى كە‌چۈرۈشنى قارار قىلسا،‏ بۇ ناتوغرا بولمايدۇ.‏ ھوشىيا گومە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌پ ئە‌كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا ئە‌ر كىشىلە‌ر بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولماسلىقنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ ھوشىيا بىر مە‌زگىل ئايالىغا يېقىنلاشمىغان (‏ھوشىيا 3:‏3‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ كېيىنرە‌ك ھوشىيا ئايالى بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏ بۇ مىسال بىلە‌ن يە‌ھۋا خە‌لقىنى قايتا قوبۇ‌ل قىلىشقا ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى (‏ھوشىيا 1:‏11؛‏ 3:‏3—‏5‏)‏.‏ بۇ مىسالدىن بۈگۈنكى كۈندە نىكاھ ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىگۇ‌ناھ تە‌رە‌پ گۇ‌ناھ قىلغان جورىسى بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولسا،‏ بۇ ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌نلىكىنىڭ بە‌لگۈسى (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏3،‏ 5‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن يە‌نە ئاجرىشىشقا ھېچ ئاساس بولمايدۇ.‏ كە‌چۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ نىكاھقا خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن قاراش ئۈچۈن ئە‌ر-‏ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ،‏ بىر-‏بىرىگە ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك.‏

قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ نىكاھنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ

14.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ نىكاھتا نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏

14 ھە‌ربىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى نىكاھقا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يساغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ بە‌زىدە بۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالىمىز (‏رىملىقلار 7:‏18—‏23‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى جامائە‌تتە بە‌زى ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س «ئايال ئۆز ئېرىدىن ئايرىلىپ كە‌تمىسۇ‌ن» دە‌پ يازسىمۇ،‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن‏.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئە‌ر-‏ئايال نىكاھىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌ر-‏ئايال نېمە قىلىشقا تىرىشىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏2)‏ نىكاھلىق جورىسى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمىسا،‏ نىكاھتا قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندا،‏ بۇ نە‌سىھە‌تنى قانداق قوللىنىشقا بولىدۇ؟‏

15 پاۋلۇ‌س شۇ ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ ئايرىم ياشىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ بىز مە‌سىلىنىڭ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق بىلىمىز.‏ چۈنكى،‏ ئە‌گە‌ر يولدىشى ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسا،‏ ئايالى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاجرىشالايتتى ۋە قايتىدىن تۇ‌رمۇ‌شقا چىقالايتتى.‏ لېكىن،‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە پاۋلۇ‌س ئېرىدىن ئايرىلىپ ياشىغان ئايال كىشى توغرىسىدا:‏ «ئۇ [ئايال] توي قىلماي يالغۇ‌ز ياشىسۇ‌ن ياكى ئۆز ئېرى بىلە‌ن يارىشىۋالسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ‌لار يە‌نىلا نىكاھتا باغلانغان ئە‌ر-‏ئايال بولغان.‏ پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ جورىسىنىڭ بىرى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلمىسا،‏ ئە‌ر-‏ئايال نىكاھىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسمىسۇ‌ن،‏ يارىشىۋېلىشى،‏ يە‌نى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىپ،‏ بىرگە ياشاشقا تىرىشىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىسا بولىدۇ.‏ ئاقساقاللار ئە‌ر ياكى ئايال تە‌رە‌پتە تۇ‌رماي،‏ يازمىلاردىن ئە‌مە‌لىي نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏

16 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جورىسى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان بولسىچۇ؟‏ نىكاھىدا قىيىنچىلىقلار بولسا،‏ ئۇ‌لار ئايرىم ياشىسا بولامدۇ؟‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ بىردىن-‏بىر سە‌ۋە‌بى —‏ ئە‌ر ياكى ئايالنىڭ زىنا قىلىشىدۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ يازمىلاردا ئايرىم ياشاشنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى كە‌لتۈرۈلمىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س:‏ «بىر ئايالنىڭ ئېرى ئىمانداش بولمىسا ۋە ئېرى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياشاشنى خالىسا،‏ ئۇ ئېرىدىن ئايرىلىپ كە‌تمىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏12،‏ 13‏)‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌ت بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە.‏

17،‏ 18.‏ بە‌زى ئېتىقادچىلار نېمە ئۈچۈن قىيىن ۋە‌زىيە‌تتىمۇ جورىسى بىلە‌ن قېلىشنى قارار قىلىدۇ؟‏

17 بە‌زىدە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان ئە‌رنىڭ ئايالىغا تۇ‌تقان مۇ‌ئامىلسىدىن بىرگە ياشاشقا كېلىشمە‌يدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌ر زوراۋانلىق قىلىپ،‏ ئايالىنىڭ سالامە‌تلىكى ۋە ھاياتىغا خە‌ۋپ تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ ئايالى بىلە‌ن بالا-‏چاقىسىنى تە‌مىنلە‌شتىن باش تارتىشى ياكى ئايالىنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىغا توسالغۇ قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ئېرىنىڭ كۆز قارىشى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئايالى بە‌لكىم ئېرى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياشاشنى خالىمايدۇ،‏ دە‌پ قاراپ ئېرىدىن ئايرىلىپ ياشاشىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتە،‏ يە‌نە باشقا ئېتىقادچىلار نىكاھلىق جورىسى بىلە‌ن قېلىشنى قارار قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار قىيىنچىلىقلارغا چىداپ،‏ نىكاھ رىشتىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە تىرىشىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

18 ئايرىلىپ ياشىغان ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا يە‌نىلا «بىر تە‌ن» بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئايرىلىپ ياشىسا،‏ ھە‌ر ئىككىسى يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌ر-‏ئايالنىڭ نىكاھ رىشتىسىنى كۈچە‌يتىش ھە‌ققىدە يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بنى تىلغا ئالغان:‏ «ئىمانداش بولمىغان ئە‌ر ئۆز ئايالى ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س بولىدۇ؛‏ ئىمانداش بولمىغان ئايال ئېرى ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداق بولمىسا ئىدى،‏ پە‌رزە‌نتلىرى ناپاك بولاتتى،‏ لېكىن ئە‌مدى ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر» (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏14‏)‏.‏ قىيىن ۋە‌زىيە‌ت بولسىمۇ،‏ بە‌زى ئېتىقادچىلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان نىكاھلىق جورىسى بىلە‌ن قېلىشنى قارار قىلىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك،‏ نىكاھلىق جورىسى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رگە‌نلىكى ئۈچۈن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ‏.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏1،‏ 2‏.‏

19.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىدە،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈۋاتقان ئە‌ر-‏ئاياللار نېمە ئۈچۈن كۆپ؟‏

19 ئە‌يسا ئاجرىشىش توغرىسىدا ۋە پاۋلۇ‌س ئايرىلىپ ياشاش توغرىسىدا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌ر ئىككىلىسى نىكاھنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائە‌تلىرىدە،‏ نىكاھى بە‌ختلىك بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شال ھايات كە‌چۈرۈۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال كۆپ.‏ بە‌لكىم،‏ سىزنىڭمۇ جامائىتىڭىزدە ئايالىنى سۆيىدىغان سادىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئېرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ئاياللار بار.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسى نىكاھنى ھۆرمە‌تلە‌شكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ:‏ «ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز ئايالى بىلە‌ن باغلىنىدۇ ۋە ئىككىسى بىر تە‌ن بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ يۈرگە‌ن مىليونلىغان ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن بىزمۇ خۇ‌شال بولىمىز!‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏31،‏ 33‏.‏