سەگەك تۇرۇڭلار!
مۇساپىرلار كرىزىسى _ مىليونلىغان ئىنسانلار ئۇكرائىنادىن قېچىپ كەتتى
2022-يىلى 24-فېۋرالدا روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىدى. بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتتە مىليونلىغان ئادەملەر ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچ، ئېغىر مۇساپىرلار كرىزىسى پەيدا بولدى a.
«بومبىلار ۋە پارتىلاشلار. ھەقىقەتەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھالەتتە قورقۇنچلۇق. پۇقرالارنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پويىزلارنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز ئۆي-بىساتلىرىمىزنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشنى قارار قىلدۇق. ھەربىر ئادەم پەقەت بىرلا كىچىك سۇمكىنى ئېلىشقا بولغاچقا، بىز ھەممىنى تاشلاپ كەتتۇق. بىز پەقەت ھۆججەتلەر، دورىلار، سۇ ۋە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئالالىدۇق. بىز ھەممە نەرسىلەرنى تاشلاپ، پويىز ئىسىتانسىسىغا باردۇق، ئەتراپتا بومبىلار پارتىلاۋاتاتتى». ناتالىيا (ئۇكرائىنا، خاركوۋ).
«شۇ ئاخىرقى پەيت يېتىپ كەلگىچە، بىز ئۇرۇش بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدىن كەلگەن پارتىلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم، دېرىزىلەر تىترەيتتى. مەن پەقەت مۇھىم نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدىم. ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئۆيدىن چىقىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ لۋىۋغا، ئاندىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ پولشاغا باردىم». نادىيە (ئۇكرائىنا، خاركوۋ).
بۇ ماقالىدە
بۇ مۇساپىرلار كرىزىسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى نېمە؟
روسىيەنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزى سەۋەبلىك، ئۇكرائىنادىكى مۇساپىرلار كرىزىسى باشلاندى. بىراق، مۇقەددەس كىتاب بارلىق مۇساپىرلار كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، يوشۇرۇن سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلايدۇ:
ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ مۇھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەپ بېرىلمەي كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتلەر دائىم ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنى تىزگىنلەش ياكى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ._ۋەز 4:1؛ 8:9.
شەيتان ئىبلىس «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى». ئۇ ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن يامان تەسىر قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب بۇنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر»._يۇھاننا 14:30؛ 1-يۇھاننا 5:19، [كالام تەرجىمىسى].
ئىنسانىيەت ئەسىرلەردىن بۇيان تۈرلۈك ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى. بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋىر توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى يېزىلغان: «ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ» (تىموتىيغا 2-خەت 3:1). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇشلار، تەبىئىي ئاپەتلەر، ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ._لۇقا 21:10، 11.
مۇساپىرلار قەيەردىن ئۈمىدكە ئېرىشەلەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ b مۇساپىرلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان مېھرىبان خۇدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ (تەكرار قانۇن 10:18). ئۇ بارچە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان خۇدا پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىدىغان ئاسماندىكى ھۆكۈمەت ئارقىلىق مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (دانىيال 2:44؛ مەتتا 6:10). يەھۋا خۇدا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئىبلىس شەيتاننى يوق قىلىدۇ (رىملىقلارغا 16:20). بۇ پادىشاھلىق پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بۆلۈنۈشلەرنى يوقىتىدۇ. يەر يۈزىدە بارچە ئىنسانلار بىر ئائىلە كىشلىرى بولۇپ ئىناق ياشايدۇ. ھېچكىم يەنە ئۆز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچمايدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق ۋەدىلەر يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچ كىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ. چۈنكى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى»._ مىكاھ 4:4، [كالام تەرجىمسى].
بۈگۈن بىز ئۇچراتقان مۇساپىرلار كرىزىسىنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقىلا ھەل قىلالايدۇ. ياراتقۇچى يەھۋا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇرلايدىغان بارلىق مەسىلىلەرنى يوق قىلىدۇ. بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى:
ئۇرۇش. «توختاتقۇچىدۇر ئۇ [يەھۋا] ھەممە ئۇرۇشلارنى» (زەبۇر 46:9). ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۇرۇشلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، «يەر يۈزىدە تىنچلىق بولامدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق. «ئۇ [يەھۋا] خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى» (زەبۇر 72:14). كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كۆزقاراشنى قانداق ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، «ئۆچمەنلىكتىن پۈتۈنلەي ئازاد بولۇش» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
نامراتلىق. «ئۇ [يەھۋا] قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، ... مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى» (زەبۇر 72:12). ياراتقۇچى ئاللانىڭ يوقسۇللۇق ياكى نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن «ئادىل بىر ئىقتىسادىي تۈزۈم ئورنىتىش مۇمكىنمۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
ئاچارچىلىق. «ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي» (زەبۇر 72:16). مېھرىبان خۇدانىڭ ھېچكىمنىڭ ئاچ قالماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «ئاچارچىلىق بولمىغان دۇنيا» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتاب مۇساپىرلارغا ياردەم بېرەلەمدۇ؟
ھە-ئە. مۇقەددەس كىتاب مۇساپىرلارنى كەلگۈسى ئۈمىدكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر. لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەر بىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار» (پەندى-نەسىھەت 14:15).
مەنىسى: سىز دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن بولغان خەۋپ-خەتەرلەر ۋە ئۆزىڭىزنى قانداق قوغداش ھەققىدە ئويلىنىڭ. جىنايەتچىلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار مۇساپىرلار قېچىپ بارغان يېڭى جايلاردا ئۆزلىرىنى بېخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ۋە تەجرىبىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك»._تىموتىيغا 1-خەت 6:8.
مەنىسى: دىققىتىڭىزنى مال-دۇنياغا قارىتىشتىن ساقلىنىڭ. زۆرۈر نەرسە-كېرەكلىرىڭىز بولسا، شۇنىڭغا رازى بولسىڭىز، تېخىمۇ خۇشال بولىسىز.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «كىشىلەرنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار»._مەتتا 7:12.
مەنىسى: سەۋرچان ۋە ئاق كۆڭۈل بولۇڭ. سىز كۆچۈپ بارغان يېڭى جايلاردا، كىشىلەرنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشىڭىزگە بۇ پەزىلەتلەر ياردەم بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق قايتۇرماڭلار»._رىملىقلارغا 12:17.
مەنىسى: ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، ئاچچىقلىنىپ ئۆچ ئېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق قىلىش ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم»._فىلىپىلىكلەر 4:13، [كالام تەرجىمىسى].
مەنىسى: ھاياتىڭىزدا خۇدانى مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭ. ئۇ سىز مۇھتاج بولغان كۈچ-قۇۋۋەتنى سىزگە بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى: «ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە ھەر قانداق تەلىپىڭلار بولسا، دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكىرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ» (فىلىپىلىكلەر 4:6، 7).
مەنىسى: مەيلى قانداق ۋەزىيەتتە بولسۇن، خۇدادىن كۆڭلىڭىزگە تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىشنى تىلەڭ. «فىلىپىلىكلەر 4:6، 7 _ ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار» ناملىق ماقالىنى كۆرۈڭ.
a تاجاۋۇز باشلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى (UNHCR) سۆز قىلىپ، بۇ كرىزىس ئەڭ جىددىي ئەھۋال دەپ ئېلان قىلدى. قىسقىغىنە 12 كۈن ئىچىدە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر ئۇكرائىنادىن قېچىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە كەتكەن، يەنە بىر مىليون كىشى دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەكتە ئىكەن.
b يەھۋا بۇ خۇدانىڭ خاس ئىسمى (زەبۇر 83:18). «يەھۋا، ئۇ كىم؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.