مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏(.E+/taseffski/via Getty Images )Stock photo. Posed by model

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رنىڭ روھىي ساغلاملىقى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رنىڭ روھىي ساغلاملىقى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 2023-‏يىل،‏ 13-‏فېۋرال دۈشە‌نبە كۈنى،‏ «ئامېرىكىدىكى كېسە‌للىكلە‌رنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مە‌ركىزلىرى» (‏CDC)‏ ئامېرىكىدىكى ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رنىڭ روھىي ساغلاملىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.‏ بۇ باياناتتا،‏ تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پ ئوقۇ‌غۇ‌چىلىرى ئارىسىدا 40 پىرسە‌نتتىن كۆپرە‌ك بالىلارنىڭ دائىم كۆڭلى يېرىم ۋە ئۈمىدسىز يۈرىدىغانلىقى خە‌ۋە‌ر قىلىندى.‏

 شۇ مە‌ركە‌زلە‌رنىڭ «ئۆسمۈرلە‌ر ۋە مە‌كتە‌پ ساغلاملىقى بۆلۈمى» (‏HSAD)‏ مۇ‌دىرى،‏ دوكتور كە‌سېلىن ئېيسىر مۇ‌نداق دېدى:‏ «يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ياشلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق بىر ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ ھازىر ئۆسمۈر قىزلار ئارىسىدا روھىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ،‏ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلايدىغان،‏ ھە‌تتا پىلان تۈزۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ كە‌تمە‌كتە».‏

 باياناتتا:‏

  •   ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ھە‌ر 10نىڭ 1دىن كۆپرە‌كى (‏14 پىرسە‌نت)‏ خالىمىغان ئە‌ھۋالدا،‏ زوراۋانلىق بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلانغان.‏ دوكتور ئېيسىر:‏ «بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنى ئىنتايىن چۆچىتىدۇ.‏ سىز تونۇ‌يدىغان ئون قىزدىن كە‌م دېگە‌ندە بىرى،‏ بە‌لكىم ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌كى جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن»،‏—‏ دېدى.‏

  •   ئۈچ ئۆسمۈر قىزدىن بىرى (‏30 پىرسە‌نت)‏ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌ستايىدىل ئويلانغان.‏

  •   بە‌ش ئۆسمۈر قىزنىڭ ئۈچى (‏57 پىرسە‌نت)‏ ھە‌ر دائىم كۆڭلى يېرىم ۋە ئۈمىدسىز يۈرىدىكە‌ن.‏

 بۇ سىتاستىكا ئۇ‌چۇ‌رى ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى ئېچىندۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌سلىدە ياشلار ئويناپ كۈلۈپ يۈرۈشى كېرە‌ك.‏ بۈگۈنكى كۈندە ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رنىڭ دۇ‌چ كېلىۋاتقان بېسىمغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىدۇ

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلە‌ر ھە‌ققىدە تە‌سۋىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ‏«ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار»‏ دە‌پ ئاتىغان (‏2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5‏)‏.‏ قانداقلا بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھېچقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كە‌تمە‌يدىغان دانا مە‌سلىھە‌تنى بېرىدۇ.‏ شۇ مە‌سلىھە‌ت پۈتۈن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رنىڭ ئۆزلىرى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماقالىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىڭ:‏

 ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بار ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رگە ياردە‌م

  •   ئە‌گە‌ر ياشىغۇ‌م كە‌لمىسىچۇ؟‏

  •   ياشىغۇ‌م كە‌لمىسە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  •   نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقنى قە‌دىرلە‌ش كېرە‌ك؟‏

 چۈشكۈنلۈك،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ياكى سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان ياش-‏ئۆسمۈرلە‌رگە ياردە‌م

  •   چۈشكۈنلۈكنى قانداق يېڭە‌لە‌يمە‌ن؟‏

  •   سە‌لبىي پىكىر قىلىش تە‌رزىدىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمە‌ن؟‏

  •   غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رگە قانداق تاقابىل تۇ‌رالايمە‌ن؟‏

  •   ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى قانداق كونترول قىلالايمە‌ن؟‏

  •   قايغۇ‌نى يېڭە‌لە‌يسىز (‏تېز سىزما كارتونلار)‏

 بوزە‌ك قىلىش ياكى ئىنتېرنېتتا بوزە‌ككە ئۇ‌چرىغان ئۆسمۈرلە‌رگە ياردە‌م

  •   مە‌كتە‌پتە مېنى بوزە‌ك قىلسا،‏ نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  •   ئىنتېرنېت ئارقىلىق بوزە‌ك قىلىشقا ئۇ‌چرىسام،‏ نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  •   لۈكچە‌كلە‌رنى مۇ‌ش كۆتۈرمە‌ي يە‌ڭگىن!‏ (‏تېز سىزما كارتونلار)‏

 جىنسىي خورلاشقا ۋە زوراۋانلىققا ئۇ‌چرىغان ئۆسمۈرلە‌رگە ياردە‌م

  •   جىنسىي خورلۇ‌ققا قانداق تاقابىل تۇ‌رالايمە‌ن؟‏

  •   جىنسىي خورلاش ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرە‌ك؟‏ (‏1-‏قىسىم)‏.‏ قوغدىنىش چارىلىرى

  •   جىنسىي خورلاش ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرە‌ك؟‏ (‏2-‏قىسىم)‏.‏ قوغدىنىش چارىلىرى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاتا-‏ئانىلارغا ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاتا-‏ئانىلارغىمۇ ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ.‏ بۇ مە‌سلىھە‌ت ئارقىلىق ئۇ‌لار بالىلىرى ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماقالىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

  •   نېمە ئۈچۈن ياش-‏ئۆسمۈرلە‌ر چۈشكۈنلۈككە چۈشىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  •   قىزىڭىز چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن بولسا،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏

  •   بالام بوزە‌ك قىلىنغان بولسا،‏ نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  •   بالام ئۆز-‏ئۆزىگە زىيان-‏زە‌خمە‌ت كە‌لتۈرۈپ يۈرسە،‏ نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  •   بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى (‏1-‏قىسىم)‏.‏ بالام ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشى كېرە‌كمۇ؟‏

  •   بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى (‏2-‏قىسىم)‏.‏ بالىلارغا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى بىخە‌تە‌ر ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش

  •   بالىلار ۋە يانفون (‏1-‏قىسىم)‏.‏ بالام يانفونغا مۇ‌ھتاجمۇ؟‏

  •   بالىلار ۋە يانفون (‏1-‏قىسىم)‏.‏ بالىلارغا يانفوننى توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش

  •   شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى ئۇ‌چۇ‌رنى ئە‌ۋە‌تىشتىن ساقلىنىش ھە‌ققىدە بالىلارغا ياردە‌م بېرىش