ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا دۇئا قىلىشىم كېرەكمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ياق. مۇقەددەس كىتابتا بىزنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسىمى بىلەن پەقەت خۇداغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكى يېزىلغان. ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە: «شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئەي ئاسماندىكى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي»» (مەتتا 6:9). ئۇ شاگىرتلىرىغا ئاللادىن باشقا بىرىگە، مەسىلەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا ياكى پەرىشتىلەرگە دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتمىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ھەزرىتى ئەيسا: «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 14:6). دەرھەقىقەت، خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيساغا بىز ئۈچۈن ۋاستىچى بولۇش ھوقۇقىنى تاپشۇرغان.
ئەگەر خۇدادىن باشقا ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا دۇئا قىلسامچۇ؟
خۇدا ئون ئەمىر-پەرماننىڭ بىرىدە، مۇنداق دەپ ئېيتقان: «پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بولغان مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن» (چىقىش 20:5). خۇدانىڭ قىزغىنىدىغانلىقى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىر كىتابتا قىزغىنىدىغان خۇدا ئىبارىسى «ئۇ مۇتلەق ساداقەتمەنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ يېزىلغان. خۇدا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشنى ۋە دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ (يەشايا 48:11).
ئەگەر بىز خۇدادىن باشقا بىرىگە، مەسىلەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا ياكى پەرىشتىلەرگە دۇئا قىلساق، خۇدانى قاتتىق رەنجىتىمىز. ئەلچى يۇھاننا پەرىشتىگە سەجدە قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، پەرىشتە ئۇنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا: «ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل!»،— دەپ ئېيتقان (ۋەھىي 19:10).