مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌دا بارمۇ؟‏

خۇ‌دا بارمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 ھە‌ئە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا بارلىقى ھە‌ققىدە ئىشە‌نچىلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلار كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى دىنىي كۆزقاراشقا قارغۇ‌لارچە ئىشىنىشكە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌قلىمىزنى ئىشلىتىپ،‏ خۇ‌داغا ئىشىنىشكە ئۈندە‌يدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏1؛‏ يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏20‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تۆۋە‌ندىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  •   كائىناتتىكى ھاياتلىقنىڭ تە‌رتىپلىك ھالدا مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شى ياراتقۇ‌چىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممە ئۆينىڭ بە‌رپا قىلغۇ‌چىسى باردۇ‌ر،‏ پۈتۈن مە‌ۋجۇ‌داتنىڭ بە‌رپا قىلغۇ‌چىسى بولسا خۇ‌دادۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئىبرانىيلارغا 3:‏4‏)‏.‏ گە‌رچە بۇ سۆزلە‌ر ئاددىي بولسىمۇ،‏ كۆپلىگە‌ن بىلىملىك ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نى كۈچلۈك دە‌لىل-‏ئىسپات دە‌پ قارايدۇ.‏ *

  •   ئىنسانلار سۈپىتىدە،‏ بىزدە ھاياتنىڭ مە‌نىسى ۋە مە‌قسىتىنى چۈشىنىش كە‌بى تە‌بىئىي ئىستە‌ك بار.‏ ھە‌تتا جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىز قانائە‌تلە‌ندۈرۈلگە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ ئىستە‌ك يوقاپ كە‌تمە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانى تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياج ھە‌ققىدە سۆز قىلىنغان (‏مە‌تتا 4:‏4؛‏ 5:‏3؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏11‏)‏.‏ روھىي ئېھتىياجنىڭ بارلىقى پە‌قە‌ت خۇ‌دا بارلىقىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئاشۇ ئېھتىياجىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشنى خالايدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى ھە‌م كۆرستىپ بېرىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏4‏)‏.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىشتىن بىرنە‌چچە ئە‌سىر ئالدىن يېزىلغان ۋە ئۇ‌لار بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىت-‏سائە‌ت كە‌لگە‌ندە،‏ تە‌پسىلىي ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏ بۇ بېشارە‌تلە‌رنىڭ تە‌پسىلىي ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 1:‏21‏)‏.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى قە‌لە‌مگە ئېلىپ يازغان كىشىلە‌ر ئۆز زامانداشلىرى چۈشە‌نمە‌يدىغان بىلىملە‌رگە ئىگە بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمدە كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر يە‌ر پىل،‏ ياۋا توڭگۇ‌ز ياكى بۇ‌قا دېگە‌ندە‌ك ھايۋاناتلارنىڭ ئۈستىدە تۇ‌رىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بولسا،‏ خۇ‌دا «زېمىننى بوشلۇ‌ققا ئېسىپ قويدى»،‏ _ دە‌پ يېزىلغان (‏ئايۇ‌پ 26:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌رنىڭ «شار» شە‌كلىدە ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە يېزىلغان (‏يە‌شايا 40:‏22‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا بۇ‌نىڭغا ئوخشاش زامانىۋى ئىلىم-‏پە‌ن بىلىملىرى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن،‏ شۇ سە‌ۋە‌ب نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغان كىشىلە‌رگە مە‌لۇ‌ماتلار خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆپلىگە‌ن قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ ئادە‌ملە‌ر مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا مېھىرىبان ۋە ھە‌ممىگە قادىر بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك قان تۆكۈلۈشلە‌رگە تولۇ‌پ كە‌تتى؟‏ نېمە ئۈچۈن دىنىي-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك ئىنسانلار بىر-‏بىرىگە ئۆچمە‌نلىك قىلىشىدۇ؟‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللارغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب تاپالمىسا،‏ خۇ‌دانىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدىغان بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن (‏تىتۇ‌س 1:‏16‏)‏

^ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاللان سە‌نداج ئىسىملىك ئاسترونوم كائىنات ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «تە‌رتىپلىك كائىنات تە‌رتىپسىزلىكتىن پە‌يدا بولغان دېگە‌ن كۆزقاراش ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلايمە‌ن.‏ بۇ تە‌رتىپنىڭ قانداقتۇ بىر مە‌نبە‌سى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌دا يوشۇ‌رۇ‌ن سىر،‏ لېكىن پە‌قە‌ت ئۇ بارلىق نە‌رسىلە‌رنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ،‏ نېمە ئۈچۈن كائىناتنىڭ قۇ‌پقۇ‌رۇ‌ق ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌نچە كۆپ نە‌رسىلە‌رگە تولغانلىقىنى بىزگە دە‌پ بېرىدۇ ».‏