بىر كىشى خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر دىنغا تەۋە بولۇشى كېرەكمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ھەئە، چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ يىغىلىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىنى خالايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق دېيىلگەن: «مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. ... ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى» (ئىبرانىيلارغا 10:24، 25).
ئەيسا پەيغەمبەر ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى تەشكىللىنىپ بىر توپ بولىدىغانلىقىنى كۆرستىپ، مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ» (يۇھاننا 13:35). ئەڭ مۇھىمى، بۇنداق مېھىر-مۇھەببەت مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىرى-بىرى بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئېتىشى كېرەك. ئۇلار جامائەتلەر بولۇپ تەشكىللىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشى كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 16:19). بارچە جامائەتلەر بىرلىكتە خەلقئارالىق قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئورناتقان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:17).
بىرەر دىنغا تەۋە بولۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس
گەرچە مۇقەددەس كىتابتا ئادەملەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇنى خۇرسەن قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس. ئەسلى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن كىشىنىڭ دىنى، يەنى ئىمان-ئېتىقادى شۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىشى لازىم. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر» (ياقۇپ 1:27).