مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە ئۆزگە‌رمە‌ي،‏ يېتىپ كە‌لگە‌نلىكى بىر مۆجىزە!‏ 1900 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئىلگىرى،‏ ئۇ يېزىلىپ تاماملانغان.‏ ئۇ تېز چىرىپ كېتىدىغان ماتېرىياللارغا،‏ يە‌نى پاپىرۇ‌س قومۇ‌شىدىن ياسالغان قە‌غە‌زگە ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان تېرە قە‌غە‌زلە‌رگە يېزىلغان ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار يېزىلغان قە‌دىمقى تىللارنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلە‌ر چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھوقۇ‌قدارلار،‏ ئىمپېراتورلار ۋە دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر بار كۈچى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يوق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏

بۇ ئاجايىپ يازمىلار قانداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ سىنىغىدىن ئۆتۈپ،‏ ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان؟‏ كېلىڭ،‏ بۇ‌نىڭ پە‌قە‌ت ئىككى سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

نۇ‌سخا كۆچۈرۈش

ئە‌ڭ دە‌سلە‌پكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى قوغدىغۇ‌چىلار بولغان ئىسرائىللار قە‌دىمقى ئورام يازمىلارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ساقلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان قولدا كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىلىرىنى چىقارغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا «شە‌رىئە‌ت كىتابىنى ئالدۇ‌رۇ‌پ كېلىپ،‏ ئۇ‌نى بىر كىتابقا كۆچۈرۈۋېلىپ» ساقلاش ھە‌ققىدە ئە‌مىر بېرىلگە‌ن (‏تە‌كرار.‏قا 17:‏18‏)‏.‏

كۆپ ئىسرائىللار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئاللانىڭ سۆزى ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ مە‌خسۇ‌س تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن كاتىپلار ياكى كۆچۈرگۈچىلە‌ر يازمىلارنىڭ تۈپ نۇ‌سخىسىدىن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن كۆچۈرۈپ كە‌لگە‌ن.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان بۇ كۆچۈرگۈچىلە‌رنىڭ بىرى ئە‌زرا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ئۇ بولسا كاتىپ بولۇ‌پ،‏ ئىسرائىلنىڭ تە‌ڭرىسى خۇ‌داۋە‌ندە مۇ‌ساغا بە‌رگە‌ن شە‌رىئە‌تنىڭ بىلىشىدە كامىل ئىدى» (‏ئە‌زرا 7:‏6‏)‏.‏ مىلادى IV—‏XI ئە‌سىرلە‌ردە،‏ ئىبرانىي يازمىلاردىن ياكى «كونا ئە‌ھدە» كىتابىدىن نۇ‌سخا كۆچۈرگە‌ن ماسورېتلار خاتالىقلار كىرگۈزۈلمە‌سلىكى ئۈچۈن،‏ ھە‌تتا تېكىستنىڭ ھە‌ر بىر ھە‌رىپىنى ساناپ چىققان ئىدى.‏ بۇ‌نداق ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن كۆچۈرۈلگە‌چكە،‏ دۈشمە‌نلە‌ر بار كۈچى بىلە‌ن قايتا-‏قايتا بۇ يازمىلارنى يوق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان بولسىمۇ،‏ يازمىلار ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نى توغرا ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالە‌تلىك قىلغان.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ مىلادىدىن ئىلگىرى 168-‏يىلى سۈرىيە ھۆكۈمرانى ئانتىئوخ VI پۈتۈن پە‌لە‌ستىن زېمىنىدا تېپىلغان ئىبرانىي يازمىلارنىڭ بارچە نۇ‌سخىلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار تارىخىدا شۇ دە‌ۋىر توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ئۇ‌لار تاپقان ھە‌رقانداق تە‌ۋرات ئورام يازمىلىرىنى يىرتىپ،‏ كۆيدۈرۈۋە‌تتى».‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قامۇ‌سىدا بولسا:‏ «ھوقۇ‌قدارلار بۇ ئە‌مىرنى پۈتۈن جان دىلى بىلە‌ن ئورۇ‌ندىغان .‏ .‏ .‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ساقلىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى .‏ .‏ .‏ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏«‏The Jewish Encyclopedia‏»)‏.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ پە‌لە‌ستىندە ۋە باشقا يۇ‌رتلاردا ياشىغان يە‌ھۇ‌دىيلار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ نۇ‌سخىلىرىنى ساقلاپ قالغان.‏

گرېك يازمىلار ياكى «يېڭى ئە‌ھدە» يېزىلىپ تاماملىنىپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان خە‌تلە‌ر،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك ھە‌م تارىخىي خاتىرە يازمىلارنىڭ نۇ‌سخىلىرى كە‌ڭ تارقىلىشقا باشلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئە‌فە‌ستە ياكى ئۇ‌نىڭغا يېقىن جايدا يېزىلغان.‏ مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئاشۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ئە‌سلى تۈپ نۇ‌سخىسى يېزىلىپ،‏ 50 يىلدىن كېيىن كۆچۈرۈلۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىسىنىڭ بىر ئۈزۈندىسى ئە‌فە‌ستىن يۈزلە‌رچە كىلومېتر يىراقلىقتا تۇ‌رغان مىسىردا تېپىلغان ئىدى.‏ بۇ بايقاش يىراق جايدا ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ قولىدا يېقىندىلا خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدىن نە‌چچە يۈز يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كە‌ڭ تارقىلىشى ئۇ‌نىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مىلادى 303-‏يىلى،‏ فېۋرالنىڭ 23-‏كۈنى تاڭ سە‌ھە‌ردە،‏ رىم ئىمپېراتورى دىئوكلېتىئان ئۆز ئە‌سكە‌رلىرىنىڭ بىر چىركاۋنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ تاشلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىلىرىنى كۆيدۈرگە‌نلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن كۆرگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ دىئوكلېتىئان مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يوق قىلسام،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلايمە‌ن دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌تىسى ئۇ پۈتۈن رىم ئىمپېرىيە زېمىنىدا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ بارچە نۇ‌سخىلىرىنى خە‌لق ئالدىدا كۆيدۈرۈشنى ئە‌مىر قىلغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرى ساقلىنىپ قالغان ۋە يە‌نە كۆچۈرۈلۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ گرېك تىلىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پە‌قە‌ت ئىككى نۇ‌سخىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار دىئوكلېتىئان بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ندىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ كۆچۈرۈلگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى رىم شە‌ھىرىدە،‏ ئىككىنچىسى بولسا،‏ لوندوندىكى برىتانىيە كۇ‌تۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.‏

گە‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئە‌سلى تۈپ نۇ‌سخىسى تېپىلمىغان بولسىمۇ،‏ تولۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى مە‌لۇ‌م بۆلە‌كلىرىنىڭ نە‌چچە مىڭلىغان قوليازما نۇ‌سخىلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بە‌ك قە‌دىمىي.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆچۈرۈلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىلگە‌نمۇ؟‏ ئالىم ۋىليام گرىن ئىبرانىي يازمىلار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىشە‌نچلىك ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ باشقا قە‌دىمقى يازمىلارنىڭ ھېچقايسىسى بىرى شۇ‌نچىلىك توغرا يېتىپ كە‌لمىگە‌ن».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قوليازمىلىرىنىڭ تە‌تقىقات يېتە‌كچىسى،‏ ئالىم فرېدېرىك كېنون گرېك يازمىلار توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «قوليازمىلارنىڭ ئە‌سلى تۈپ نۇ‌سخىلىرى بىلە‌ن تېپىلغان قولىمىزدا بار ئە‌ڭ قە‌دىمقى نۇ‌سخىلىرى ئارىسىدىكى ۋاقىت شۇ‌نچىلىك قىسقاكى،‏ ھە‌تتا بۇ‌نىڭغا ئە‌سلى ئە‌ھمىيە‌ت بە‌رمىسىمۇ بولىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە دە‌سلە‌پتە يېزىلغاندە‌ك ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ھېچقانداق گۇ‌مان يوق.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ «يېڭى ئە‌ھدە» كىتابلىرى ئىشە‌نچىلىك ۋە ئە‌سلىدىكىدە‌ك ساقلىنىپ قالغانلىقىدا ھېچبىر مە‌سىلە يوق،‏ دە‌پ ئېيتساق بولىدۇ».‏ ئۇ يە‌نە:‏ «شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنىڭ توغرا ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ھېچقانداق گۇ‌مان يوق .‏ .‏ .‏ دۇ‌نيادىكى باشقا ھېچبىر قە‌دىمىي كىتاب ھە‌ققىدە بۇ‌نداق ئېيتالمايمىز»،‏—‏دېگە‌ن.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىسى

يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆپ تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغاچقا،‏ دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان.‏ بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بارچە خە‌لقلە‌رنىڭ ئۆزىنى تونۇ‌پ،‏ ئۆزىگە روھ ۋە ھە‌قىقە‌ت بويىچە ئىبادە‌ت قىلىشىنى خالايدۇ (‏يۇ‌ھ 4:‏23،‏ 24؛‏ مىك 4:‏2‏)‏.‏

ئىبرانىي يازمىلارنىڭ دە‌سلە‌پكى تە‌رجىمىسى —‏ گرېك تىلىدىكى سېپتۇ‌ئاگىنت.‏ ئۇ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر توغۇ‌لۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزىدە ئۆز خىزمىتىنى باشلاشتىن تە‌خمىنە‌ن ئىككى ئە‌سىر ئىلگىرى پە‌لە‌ستنىڭ سىرتىدا ياشىغان گرېكچە سۆزلە‌يدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن تە‌ييارلانغان ئىدى.‏ ئىنجىل ياكى گرېك يازمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پۈتۈنلە‌ي يېزىلىپ بولغاندىن كېيىنكى بىرنە‌چچە ئە‌سىر ئىچىدە نۇ‌رغۇ‌ن تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغان ئىدى.‏ لېكىن كېيىنرە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىنسانلارنىڭ قولىغا يە‌تكۈزۈش ۋە‌زىپىسى بار شۇ پادىشاھلار ۋە ھە‌تتا دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر دە‌ل ئە‌كسىچە بار كۈچى بىلە‌ن تە‌رجىمە ئىشلىرىغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ھە‌ممە كىشىلە‌ر ئورتاق چۈشىندىغان تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنىشىنى مە‌نئىي قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى روھىي قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا تاشلاپ قويۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏

ھۆكۈمە‌تنىڭ ۋە چىركاۋنىڭ چە‌كلىمىسىگە قارىماستىن،‏ جە‌سۇ‌ر كىشىلە‌ر ئۆز ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر چۈشىنىدىغان تىللارغا تە‌رجىمە قىلغان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئوكسفوردتا بىلىم ئالغان ۋىليام تىندال ئىسىملىك بىر ئىنگلىز كىشى 1530-‏يىلى ئىبرانىي يازمىلارنىڭ دە‌سلە‌پكى بە‌ش كىتابى بولغان تە‌ۋراتنى نە‌شىردىن چىقارتقان.‏ قاتتىق قارشىلىققا قارىماي،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىرىنچى بولۇ‌پ،‏ بىۋاسىتە ئىبرانىي تىلىدىن ئىنگلىزچە تە‌رجىمە قىلغان.‏ تىندال،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمىنى ئىشلە‌تكە‌ن بىرىنچى ئىنگلىز تە‌رجىمان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىسپان تىلىغا تە‌رجىمە قىلغانلارنىڭ بىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى كاسىيودورو دې رېينا تە‌رجىمە خىزمىتى سە‌ۋە‌بلىك،‏ كاتولىكلار تە‌رىپىدىن دائىم ئۆلۈم خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۆز ئىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن،‏ ئۇ ئە‌نگلىيە،‏ گېرمانىيە،‏ گوللاندىيە،‏ فرانسىيە ۋە شېۋىتسارىيىدە‌ك تۈرلۈك مە‌ملىكە‌تلە‌ردە ياشاشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ *

بۈگۈنكى كۈندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارغانسېرى كۆپ تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنىپ،‏ مىليونلىغان نۇ‌سخا بېسىپ چىقىرىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە ئە‌ڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغانلىقى،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يازغان سۆزلە‌رنىڭ ھە‌ق ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدۇ:‏ «يە‌ر ئوتى قۇ‌رۇ‌يدۇ‌ر ۋە گۈل توزۇ‌پ كېتىدۇ‌ر.‏ لېكىن خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ سۆزى ئە‌بە‌دكىچە سابىت [يوقالماي] قالادۇ‌ر» (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏24،‏ 25‏)‏

‏[بە‌ت ئاستى ئىزاھاتى]‏

^ رېينانىڭ تە‌رجىمىسى 1569-‏يىلى نە‌شىردىن چىققان ۋە 1602-‏يىلى سىپرانو دې ۋالېرا تە‌رىپىدىن قايتا نە‌شىر قىلىنغان.‏

‏[رامكا\سۈرە‌ت]‏

قايسى تە‌رجىمىنى ئوقۇ‌سام بولىدۇ؟‏

ھازىر نۇ‌رغۇ‌ن تىللاردا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىرقانچە تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرى بار.‏ بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ردە كونا سۆزلە‌ر ۋە چۈشىنىش قىيىن تىل ئىشلىتىلگە‌ن.‏ باشقىلىرىدا بولسا،‏ ئوقۇ‌شقا ئاسان سۆزلە‌ر ئىشلىتىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ مە‌زمۇ‌نىنى توغرا چۈشۈنۈش قىيىن.‏ يە‌نە بە‌زىلىرىدە ئۇ‌دۇ‌ل،‏ يە‌نى پۈتۈنلە‌ي سۆزمۇ-‏سۆز تە‌رجىمە قىلىنغان.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ يېڭى دۇ‌نيا ئىنگىلىزچە تە‌رجىمىسى»نى نە‌شىر قىلغان.‏ بۇ تە‌رجىمىنى ئىسىملىرى ئاشكارلانمىغان تە‌رجىمانلار تە‌رىپىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى تىلدىكى نۇ‌سخىلىرىدىن تە‌رجىمە قىلغان.‏ كېيىن،‏ بۇ تە‌رجىمە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 60دىن كۆپرە‌ك تىلغا تە‌رجىمە قىلىنىشىدا ئاساس بولۇ‌پ ئىشلىتىلگە‌ن.‏ شۇ تىللارغا تە‌رجىمە قىلغۇ‌چىلار دائىم ئە‌سلى نۇ‌سخىدىكى تىل بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ مە‌قسىتى —‏ مە‌نىسىنى بۇ‌رمىلىماي،‏ ئە‌سلى نۇ‌سخىدىكى مە‌زمۇ‌نىنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر سۆزمۇ-‏سۆز يە‌تكۈزۈپ بېرىش بولغان.‏ بۇ تە‌رجىمانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى مە‌زمۇ‌نىنى قە‌دىمقى زاماندا ياشىغان كىشىلە‌رگە قانچىلىك چۈشىنىشلىك بولغان بولسا،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رگە شۇ‌نچىلىك چۈشىنىشلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن تىرىشقان.‏

بە‌زى تىلشۇ‌ناسلار بۈگۈنكى كۈندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرى،‏ شۇ جۈملىدىن «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» توغرا تە‌رجىمە قىلىنغان-‏قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لاردا ناتوغرا سۆز-‏ئىبارىلە‌ر بار-‏يوقلىقىنى تە‌كشۈرۈپ چىققان.‏ ئاشۇ ئالىملاردىن بىرى ئامېرىكىدىكى شىمالىي ئارىزونا ئۇ‌نىۋېرسىتېتىدا دىنشۇ‌ناسلىق ساھە‌سىدە ئىشلە‌يدىغان دوسېنت —‏ جېيسون دېيۋىد بېدۇ‌ن.‏ ئۇ 2003-‏يىلى «ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خە‌لقلە‌ر ئارىسىدا «ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىسى»دىن توققۇ‌زى ھە‌ققىدە 200-‏بە‌تلىك بىر تە‌تقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.‏ ئۇ تاللاش-‏تارتىش دە‌پ قارالغان مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ بە‌زى ئۈزۈندىلىرىگە،‏ بولۇ‌پمۇ «تە‌رجىمە جە‌ريانىدا بىر تە‌رە‌پلىمە قاراش كىرگۈزۈلگە‌ن» ئۈزۈندىلە‌رگە دىققە‌ت-‏ئېتىبارىنى قاراتقان.‏ ئۇ شۇ ئۈزۈندىلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ تە‌رجىمانلارنىڭ مە‌نىسىنى قە‌ستە‌ن بۇ‌زۇ‌ش نىيىتى بارلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ ئىنگلىزچە تە‌رجىمىلە‌ردىكى ئۈزۈندىلە‌رنى گرېك تىلىدىكى ھە‌ر بىر ئۈزۈندە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ ئۇ قانداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن؟‏

جېيسون بېدۇ‌ن شۇ‌نى بايقىغانكى،‏ ««مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نى تە‌رجىمە قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى باشقا تە‌رجىمىلە‌رگە ئوخشىمغاچ،‏ كۆپىنچە كىشىلە‌ر ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى،‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ تە‌رجىمانلىرى دىنىي كۆزقاراشلىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان دە‌پ قاراشقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ باشقا تە‌رجىمىلە‌ردىن پە‌رقلىنىدىغان ئاساسلىق تە‌رىپى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزمۇ-‏سۆز،‏ بە‌ك ئېنىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن تە‌رجىمە قىلىنغانلىقىدۇ‌ر».‏ گە‌رچە،‏ بېدۇ‌ن «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»دىكى بە‌زى ئوي-‏پىكىرلە‌رگە قوشۇ‌لمىسىمۇ،‏ ئومۇ‌مىي جە‌ھە‌تتىن ئالغاندا،‏ ئۇ‌نى «ئۆزى كۆرۈپ چىققان تە‌رجىمىلە‌ر ئارىسىدىكى ئە‌ڭ توغرا تە‌رجىمە» دە‌پ قارىغان ۋە ھە‌تتا «ئە‌ڭ ياخشى تە‌رجىمە» دېگە‌ن.‏

ئىبرانىي تىلىنى تە‌تقىق قىلىۋاتقان پروفېسسور بىنيامىن كېدار،‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» ھە‌ققىدە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىرنى ئىپادىلە‌پ،‏ 1989-‏يىلى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن بۇ تە‌رجىمىدىن بىر توپ سە‌مىمىي تە‌رجىمانلارنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىدىكى مە‌زمۇ‌ننى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر ئېنىق ۋە توغرا يە‌تكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تتىم.‏ .‏ .‏ .‏ مە‌ن ئە‌سلى نۇ‌سخىدا بولمىغان نە‌رسىلە‌رنى «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»گە قە‌ستە‌ن قوشۇ‌پ قويۇ‌ش نىيىتى بارلىقىنى ھە‌رگىزمۇ بايقىمىدىم».‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏ «نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يمە‌ن؟‏ مە‌ن ئۈچۈن نېمە بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم:‏ مە‌زمۇ‌نى توغرا بولۇ‌شىمۇ،‏ ئوقۇ‌شقا ئاسانراق بولۇ‌شمۇ ياكى خۇ‌دا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان ئە‌سلى نۇ‌سخىدىكى ئوي-‏پىكىرلە‌رنىڭ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر ئېنىق يە‌تكۈزۈلىشىمۇ؟‏» (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 1:‏20،‏ 21‏)‏.‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز قايسى تە‌رجىمىنى تاللىشىڭىزنى بە‌لگىلە‌يدۇ.‏

‏[سۈرە‌ت]‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» كۆپ تىللاردا نە‌شىر قىلىنغان

‏[سۈرە‌ت]‏

ماسورېت قوليازمىلىرى

‏[سۈرە‌ت]‏

لۇ‌قا 12:‏7-‏ئايە‌تنىڭ بىر پارچىسى « .‏ .‏ .‏ قورقماڭلار؛‏ سىلە‌ر نۇ‌رغۇ‌نلىغان قۇ‌شقاچتىن قىممە‌تلىكسىلە‌ر!‏»‏

‏[رە‌سىم رۇ‌خسىتى بىلە‌ن]‏

Foreground page: National Library of Russia, St. Petersburg; second and third: Bibelmuseum, Münster; background: © The Trustees of the Chester Beatty Library, Dublin