مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىمىز؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلىرى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇ‌رۇ‌ۋېلىپ دۇ‌ئا قىلىشاتتى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ باشقىلارغا كۆز-‏كۆز قىلىش ئۈچۈن.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لار سىرتقى قىياپە‌تتە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌ۋېلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌زۇ‌ندىن-‏ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىشقان ۋە ئۇ‌لار گە‌پنى تە‌كرارلاۋە‌رسە‌ك خۇ‌دا تە‌لىپىمىزنى ئىجابە‌ت قىلىدۇ دە‌پ ئويلاشقان (‏مە‌تتا 6:‏5–‏8‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌نداق دۇ‌ئالارنىڭ قۇ‌رۇ‌ق ياكى پايدىسىز ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ،‏ سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌رگە قانداق دۇ‌ئالارنى قىلىشتىن ساقلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ دۇ‌ئا قىلماسلىقنىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقا نە‌رسىلە‌رنىمۇ ئۆگە‌تگە‌ن.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شى،‏ پادىشاھلىقنىڭ كېلىشى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ شە‌خسىي مە‌سىلىلە‌ردىمۇ خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراشنىڭ ئورۇ‌نلۇ‌ق ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏9–‏13؛‏ لۇ‌قا 11:‏2–‏4‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا تە‌مسىللە‌رنى ئېيتىپ بېرىپ،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌ستايىدىل،‏ ئىشە‌نچىلىك ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏5–‏13؛‏ 18:‏1–‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆگە‌تكە‌نلىرىنى ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق تە‌ستىقلىغان.‏—‏مە‌تتا 14:‏23؛‏ ماركۇ‌س 1:‏35‏.‏

شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ تە‌لىملە‌رنى بە‌رگە‌ندىن كېيىن شاگىرتلىرى تېخىمۇ مە‌زمۇ‌نلۇ‌ق دۇ‌ئالارنى قىلىشنى باشلىغانىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسىدە ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە دۇ‌ئا توغرىسىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم تە‌لىمنى بە‌رگە‌ن.‏

دۇ‌ئاغا قارىتا تارىختىكى ئە‌ڭ چوڭ ئۆزگە‌رتىش

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئە‌ڭ ئاخىرقى كېچىسىنى ساداقە‌تمە‌ن ئە‌لچىلىرىگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىپ ئۆتكۈزگە‌ن.‏ شۇ كېچە يېڭى تە‌لىمنى ئاشكارىلاشنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتى بولغان.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يول،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ھاياتلىق مە‌ن ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن».‏ كېيىن،‏ ئۇ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئىشە‌ندۈرۈپ:‏ «مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن نېمە تىلىسە‌ڭلار،‏ ئۇ‌نى قىلىمە‌ن،‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئوغلى ئارقىلىق ئاتا ئۇ‌لۇ‌غلانسۇ‌ن.‏ ئە‌گە‌ر مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن نېمە تىلىسە‌ڭلار،‏ مە‌ن ئۇ‌نى قىلىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ تە‌لىمى ئاخىرلىشىشقا يېقىن،‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھازىرغىچە مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن ھېچنېمە سورىمىدىڭلار.‏ سوراڭلار ۋە ئېرىشىسىلە‌ر،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌شاللىقىڭلار تولۇ‌پ تاشسۇ‌ن».‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏6،‏ 13،‏ 14؛‏ 16:‏24‏.‏

بۇ سۆزلە‌ر ئىنتايىن مۇ‌ھىم بولغان.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب لۇ‌غىتىدە،‏ بۇ «دۇ‌ئاغا قارىتا تارىختىكى ئە‌ڭ چوڭ ئۆزگە‌رتىش» دە‌پ يېزىلغان.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌داغا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچقان.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاللا ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌ئالىرىغا دائىم قۇ‌لاق سالغان (‏1-‏سامۇ‌ئىل 1:‏9–‏19؛‏ زە‌بۇ‌ر 65:‏2‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقى بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆز دۇ‌ئالىرىغا خۇ‌دانىڭ قۇ‌لاق سېلىشىنى خالايدىغان كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسرائىل خە‌لقىنى تاللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ پادىشاھ سۇ‌لايمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دە‌ۋرىدە،‏ ئۇ‌لار قۇ‌ربانلىقلىرىنى پە‌قە‌ت خۇ‌دا تاللىغان جايغا،‏ يە‌نى يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىگە ئېلىپ كېلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم ئىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 9:‏29؛‏ 2-‏تارىخنامە 6:‏32،‏ 33‏)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نداق ئىبادە‌ت قىلىش ۋاقىتلىق ئىدى.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىسرائىل خە‌لقىگە بېرىلگە‌ن تە‌ۋرات قانۇ‌نى ھە‌م مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىغا ئېلىپ كېلىنگە‌ن قۇ‌ربانلىقلار «كە‌لگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزە‌ل ئىشلارنىڭ ئۆز ئە‌ينىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ كۆلە‌ڭگىسىنىلا سۈرە‌تلە‌پ بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ئىبرانىيلار 10:‏1،‏ 2‏)‏.‏ كۆلە‌ڭگىنىڭ ئورنىنى رېئاللىق ئېلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏كولوسىلىقلار 2:‏17‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مىلادى 33-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ھە‌ر بىر ئىنسان تە‌ڭرى يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىش ئۈچۈن تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى بېشارە‌ت قىلغان ئە‌ۋلاد،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھكە بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك بولغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏14–‏16؛‏ گالاتىيالىقلار 3:‏24،‏ 25‏.‏

ھە‌رقانداق ئىسىمدىن يۇ‌قىرى ئىسىم

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌ڭرى يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئورنىتىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌ل ئاساسنى سالغان.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئۇ بىزنىڭ دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىزدىن جاۋابقا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك دوست ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قولىدىن بۇ‌نى قىلىش كېلىدۇ؟‏

ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھنى مىراس ئېلىپ تۇ‌غۇ‌لغاچ،‏ ھە‌رقانداق ئىشىمىز ياكى كە‌لتۈرگە‌ن قۇ‌ربانلىقىمىز بىزنى گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد قىلالمايدۇ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىمىزغا ياردە‌م قىلالمايدۇ (‏رىملىقلار 3:‏20،‏ 24؛‏ ئىبرانىيلار 1:‏3،‏ 4‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنىڭ گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى تۆلە‌م سۈپىتىدە بېرىپ،‏ بىزنى خۇ‌دا بىلە‌ن ياراشتۇ‌رغان (‏رىملىقلار 5:‏12،‏ 18،‏ 19‏)‏.‏ ئە‌مدى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا گۇ‌ناھتىن پاك بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا يۈرە‌كلىك بىلە‌ن سۆزلە‌شنى خالايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بە‌دە‌ل تۆلىگە‌نلىكىگە ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىشى كېرە‌ك.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏11،‏ 12‏.‏

ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىساق،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىدا ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن بولىمىز.‏ كېلىڭ،‏ ئۇ‌شبۇ رولنىڭ پە‌قە‌ت ئۈچ تە‌رىپىنى كۆرۈپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «خۇ‌دانىڭ قوزىسىدۇ‌ر» ۋە ئۇ‌نىڭ قۇ‌ربانلىقى گۇ‌ناھلارنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ھۇ‌ل-‏ئاساس بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە.‏ (‏2)‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى تىرىلدۈرگە‌ن ۋە ھازىر ئۇ «باش روھانىيىمىز» سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ بىزنى تۆلە‌م ئارقىلىق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرمە‌كتە.‏ (‏3)‏ پە‌قە‌ت ئە‌يسا مە‌سىھ دۇ‌ئا ئارقىلىق ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ يولىنى ئاچقان.‏—‏يۇ‌ھاننا 1:‏29؛‏ 14:‏6؛‏ ئىبرانىيلار 4:‏14،‏ 15‏.‏

ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىش ئۇ‌نىڭغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ھېچ يامىنى يوق،‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا شۇ‌نى ئىرادە قىلغان:‏ «.‏ .‏ .‏ئە‌يسانىڭ ئىسىمىغا تىز پۈكۈپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ھە‌زرىتىمىز دە‌پ ئوچۇ‌ق ئېتىراپ قىلىپ،‏ خۇ‌دا ئاتىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرسۇ‌ن» (‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بىز ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن تە‌ڭرى يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلايمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏.‏

خۇ‌داغا رە‌سمىيە‌ت ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى چىن قە‌لبىمىزدىن دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قانچىلىك يۇ‌قىرى ئورۇ‌نغا ئىگە بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نى تە‌سۋىرلە‌يدىغان تۈرلۈك نام-‏ئۇ‌نۋانلار قوللىنىلغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان،‏ قىلىۋاتقان ۋە كېلە‌چە‌كتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏«‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌ھىم رولى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا «باشقا ھە‌رقانداق ئىسىمدىن يۇ‌قىرى ئىسىمنى» ۋە ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇ‌قنى بە‌رگە‌ن.‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏9؛‏ مە‌تتا 28:‏18‏.‏

بۇ پە‌قە‌ت بىر رە‌سمىيە‌ت بولۇ‌پ قالماسلىقى كېرە‌ك

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشىنى خالىساق،‏ ئە‌يسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم (‏يۇ‌ھاننا 14:‏13،‏ 14‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ نامىدىن دېگە‌ن سۆزنى ئىشلىتىشنى رە‌سمىيە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش تە‌كرار-‏تە‌كرار ئېيتماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ سىزگە بىر خە‌ت كە‌لدى دە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭ ئاخىرىدا «ھۆرمە‌ت بىلە‌ن» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە بار.‏ بۇ سۆز-‏ئىبارە،‏ ئۇ‌نى يازغان كىشىنىڭ سە‌مىمىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمۇ ياكى بىر رە‌سمىيە‌تكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلامدۇ؟‏ ئېنىقكى،‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا ئە‌يسانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىش رە‌سمىيە‌تچىلىك ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى «توختىماي دۇ‌ئا قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ خۇ‌داغا رە‌سمىي ھالدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى چىن قە‌لبىمىزدىن دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17؛‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏145‏.‏

‏‹ئە‌يسا مە‌سىھ نامىدىن› دېگە‌ندە‌ك سۆزلە‌ر رە‌سمىيە‌تچىلىككە ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلانسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلماقچى بولغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ دۇ‌ئالىرىڭىزدا يە‌ھۋاغا شۈكۈر ئېيتىپ،‏ ئوغلىغا ئاجايىپ رولنى بە‌رگە‌نلىكى ئۈچۈن ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌ل ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولىدۇ:‏ «ئاتىدىن نېمە سورىساڭلار،‏ سىلە‌رگە مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن بېرىدۇ».‏—‏يۇ‌ھاننا 16:‏23‏.‏