مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا،‏ ئۇ كىم؟‏

يە‌ھۋا،‏ ئۇ كىم؟‏

بىز بىرە‌ر كىشىنىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌يالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ دوستلىقىمىز تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نى ياخشىراق تونۇ‌يالايمىز ۋە دوستلىقىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تۆت ئە‌ڭ ئاساسىي ئېسىل پە‌زىلىتى —‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى،‏ دانالىقى،‏ ئادالىتى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى.‏

خۇ‌دا كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك

‏«ئە‌ي ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋا!‏ سە‌ن چە‌كسىز كۈچ-‏قۇ‌درىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇ‌ڭ بىلە‌ن ئاسمانلار بىلە‌ن يە‌رنى ياراتقانسە‌ن».‏‏—‏يە‌رە‌مىيا 32:‏17 ‏.‏

ئاللانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئۇ‌نىڭ ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلىرى ئارقىلىق كۆرۈنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يازدا ھاۋا ئوچۇ‌ق كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا،‏ نېمىنى ھېس قىلىسىز؟‏ قۇ‌ياش نۇ‌رىنىڭ ئىسسىق ھارارىتىنى ھېس قىلىسىز.‏ ئە‌سلىدە بۇ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ ئىپادىسى.‏ قۇ‌ياش قانچىلىك كۈچلۈك؟‏ ھە‌يران قالارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ ئۇ‌نىڭ يادروسىنىڭ تېمپېراتۇ‌رىسى 15 مىليون گرادۇ‌سقا كۆتىرىلىدۇ.‏ قۇ‌ياشنىڭ بىر سېكۇ‌نت ئىچىدە تارقاتقان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۈز مىليونلارچە ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا تارقالغان ئېنېرگىيە قۇ‌ۋىتىگە باراۋە‌ر.‏

لېكىن،‏ كائىناتتىكى مىلياردلىغان يۇ‌لتۇ‌زلارغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ قۇ‌ياش كىچىككىنە.‏ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ UY Scuti [ۋىيۇ سكيۇ‌تى] ناملىق ئە‌ڭ چوڭ يۇ‌لتۇ‌زنىڭ دىئامېتىرى قۇ‌ياشنىڭ دىئامېتىرىنىڭ تە‌خمىنە‌ن 1700 ھە‌سسىسىگە تە‌ڭ بولۇ‌پ،‏ قوياش بىلە‌ن يۇ‌پېتىر ئارىسىدىكى ئارقىلىقتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.‏ بە‌لكىم بۇ مىسال،‏ خۇ‌دانىڭ ئاسمان-‏زېمىننى،‏ يە‌نى كائىناتنى زور قۇ‌درىتى بىلە‌ن ياراتقانلىقى ھە‌ققىدىكى يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ ھاياتىمىز قۇ‌ياش ئېنېرگىيىسى ۋە يە‌ر يۈزىدىكى تە‌بىئىي بايلىقلارغا،‏ يە‌نى يە‌ھۋا ياراتقان بارچە نە‌رسىلە‌رگە باغلىق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌ممىگە قادىر ئاللا ھە‌ربىر ئىنساننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئۆز زور كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئىشلىتە‌لە‌يدۇ.‏ قانداق قىلىپ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا بىرىنچى ئە‌سىردە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچىنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كۆرۈۋاتىدۇ،‏ توكۇ‌رلار مېڭىۋاتىدۇ،‏ ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلىپ پاكلىنىۋاتىدۇ،‏ گاسلار ئاڭلاۋاتىدۇ،‏ ئۆلۈكلە‌ر تىرىلدۈرۈلۈۋاتىدۇ ۋە كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈلۈۋاتىدۇ» (‏مە‌تتا 11:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئۇ ھېرىپ-‏چارچىغانلارغا كۈچ بېرە‌ر ،‏ .‏.‏.‏ قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولار يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏يە‌شايا 40:‏29،‏ 31‏)‏.‏ ھاياتىمىزدا باشتىن ئۆتكۈزىدىغان قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا بىزگە «ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بېرىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7‏)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن،‏ ئۆزىنىڭ زور كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى پايدا-‏مە‌نپە‌ئىتىمىز ئۈچۈن قوللىنىدىغان خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنى خالامسىز؟‏

خۇ‌دا دانادۇ‌ر

‏«ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ شۇ‌نچە كۆپتۇ‌ر ئىشلىرىڭ!‏ سە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ھېكمە‌ت بىلە‌ن ياراتتىڭ».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 104:‏24 ‏.‏

پە‌رۋە‌ردىگار ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۆپرە‌ك تە‌تقىق قىلغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ دانالىقىدىن تېخىمۇ ھە‌يران بولىسىز.‏ بىئومىمېتىكس ياكى بىئومىمىكرى ساھە‌سىدە ئىشلە‌يدىغان ئالىملار يە‌ھۋا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلارنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تە‌قلىد قىلىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ لايىھىلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌للە‌شتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.‏ ئاددىي چاپلىشىدىغان تۈگمىدىن تارتىپ،‏ تاكى ئايروپىلاننىڭ لايىھىسىگىچە شۇ‌نداق تە‌قلىد قىلغان.‏

ئىنساننىڭ كۆزى ھە‌قىقىي مۆجىزە

خۇ‌دانىڭ دانالىقى ئىنسان تېنى ئارقىلىق ئۆزگىچە ئاشكارا قىلىنىدۇ.‏ ئىنسان تۆرە‌لمىسىنىڭ قانداق تە‌رە‌ققىي قىلىشى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بۇ جە‌ريان كېرە‌كلىك گېن كۆرسە‌تمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇ‌رۇ‌قلانغان تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسىدىن باشلىنىدۇ.‏ بۇ ھۈجە‌يرە ئۆزىگە ئوخشىغان كۆپلىگە‌ن ھۈجە‌يرىلە‌رگە بۆلۈنىدۇ.‏ بە‌لگىلە‌نگە‌ن پە‌يتتە ئاشۇ ھۈجە‌يرىلە‌ر 200 پە‌رقلىق ھۈجە‌يرىگە،‏ مە‌سىلە‌ن قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ نېرۋا ھۈجە‌يرىلىرى ۋە سۆڭە‌ك ھۈجە‌يرىلىرى سۈپىتىدە تە‌رە‌ققىي قىلىشقا باشلايدۇ.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئىنساننىڭ ئە‌زالىرى شە‌كىللىنىدۇ ۋە ئىشلە‌شكە باشلايدۇ.‏ بالا ئانا قوسىقىدا تۆرىلىپ،‏ توققۇ‌ز ئايدىن كېيىن مىلياردلىغان ھۈجە‌يرىلە‌ردىن تە‌ركىپ تاپقان بوۋاق تۇ‌غۇ‌لىدۇ.‏ كۆپ كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن ئىنسان تېنىنى كۆرۈپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ساڭا مە‌دھىيە ئېيتىمە‌ن،‏ چۈنكى شۇ‌قە‌دە‌ر قالتىس،‏ ئاجايىپ يارىتىلدىم مە‌ن» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 139:‏14‏.‏

خۇ‌دانىڭ دانالىقىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ ياراتقۇ‌چىمىز شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىمىز ئۈچۈن نېمە كېرە‌كلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ چوڭقۇ‌ر بىلىم ۋە چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغاچ،‏ ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىپ كە‌لمە‌كتە.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى «بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە داۋاملىق ئە‌مە‌ل قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏كولوسىلىقلار 3:‏13‏)‏.‏ بۇ دانا مە‌سلىھە‌تمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ تە‌تقىقاتچىلار شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ئىنساننىڭ ئۇ‌يقۇ‌سىنى ياخشىلايدۇ،‏ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈش خە‌ۋپىنى ئازايتىدۇ ۋە باشقا كېسە‌للىكلە‌رنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.‏ دانا ۋە غە‌مخور دوستقا ئوخشاش،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىزگە ئە‌مە‌لىي ۋە پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىشكە ھە‌ردائىم تە‌ييار (‏2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نداق ياخشى دوستنى تېپىشنى خالامسىز؟‏

خۇ‌دا ئادالە‌تلىك

‏«يە‌ھۋا سۆيە‌ر ئادالە‌تنى».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28 ‏.‏

خۇ‌دا ھە‌ردائىم ئادالە‌ت بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ « ھە‌ق خۇ‌دا ھە‌رگىز رە‌زىللىك قىلمايدۇ،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھە‌رگىز ئادالە‌تسىزلىك قىلمايدۇ» (‏ئايۇ‌پ 34:‏10‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈملىرى توغرىدۇ‌ر.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «سە‌ن خە‌لقلە‌رنى ئادىل ھۆكۈم قىلىسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 67:‏4‏)‏.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا «قە‌لبكە قارايدۇ»،‏ شۇ‌ڭا ساختىپە‌زلىك قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئالدىغىلى بولمايدۇ ۋە ئۇ ھە‌مىشە ھە‌قىقە‌تنى ئېنىقلايدۇ ۋە توغرا ھۆكۈم چىقىرىدۇ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 16:‏7‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ر يۈزىدە يۈز بېرىۋاتقان ئادالە‌تسىزلىك ۋە يامانلىقنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌نكى،‏ پات-‏يېقىندا «رە‌زىللە‌ر يە‌ر يۈزىدىن كېسىلىپ تاشلىنار».‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏22‏.‏

بىراق،‏ ھە‌ممىگە قادىر يە‌ھۋا پە‌قە‌ت جازالاش ئۈچۈنلا باھانە-‏سە‌ۋە‌ب ئىزدە‌ۋاتقان شە‌پقە‌تسىز سوتچى ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ‌كى،‏ ھە‌تتا ئېغىر گۇ‌ناھ سادىر قىلىپ،‏ چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلغان ئىنسانلارغا قارىتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا «رە‌ھىمدىل،‏ شە‌پقە‌تلىكتۇ‌ر»،‏ مانا بۇ ھە‌قىقىي ئادالە‌ت شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ!‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏9‏.‏

خۇ‌دانىڭ ئادالىتىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى پېترۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن» (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار ھە‌ممە كىشىگە تە‌ڭ قارايدۇ.‏ ئىرق،‏ مىللە‌ت،‏ ئالغان بىلىم ۋە جە‌مئىيە‌تتە قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ پە‌رقلىق بولۇ‌شىمىزغا قارىماي،‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ ۋە ھە‌ممىمىز ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلالايمىز.‏

پە‌رۋە‌ردىگار ھە‌ممە كىشىگە تە‌ڭ قارايدۇ.‏ ئىرق،‏ مىللە‌ت،‏ ئالغان بىلىم ۋە جە‌مئىيە‌تتە قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ پە‌رقلىق بولۇ‌شىمىزغا قارىماي،‏ بىز بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز

ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چىمىز ئادالە‌تنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىزنى خالىغاچ،‏ بىزگە ۋىجدان بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ۋىجدان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقىغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىدىغان ۋە قە‌لبىمىزگە يېزىلغان قانۇ‌ن سۈپىتىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏رىملىقلار 2:‏15‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ توغرا تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانىمىز بىزنى زىيانلىق ياكى ئادالە‌تسىز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن قېچىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ خاتا قىلساق،‏ ۋىجدانىمىز بىزنى توۋا قىلىشقا ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا ئادالىتىنى چۈشىنىش ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ ۋە بىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ!‏

خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر

‏«خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر».‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8 ‏.‏

خۇ‌دا كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏،‏ دانالىق ۋە ئادالە‌تنى كۆرسىتىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھېچبىر يېرىدە خۇ‌دانىڭ ئۆزى كۈچ،‏ دانالىق ياكى ئادالە‌تتۇ‌ر دە‌پ يېزىلمىغان،‏ ئە‌كسىنچە خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر دېيىلگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئارقىلىق زۆرۈر بولغان ئىشنى قىلالايدۇ‏،‏ ئادالىتى ۋە دانالىقى ئارقىلىق بولسا،‏ ئۇ ھۆكۈم ۋە قارار چىقىرىدۇ‏.‏ بىراق،‏ تە‌ڭرىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ خۇ‌دا ھە‌رقانداق ئىشنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن قىلىدۇ.‏

گە‌رچە يە‌ھۋا ھېچ نە‌رسىگە مۇ‌ھتاج بولمىسىمۇ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى بارچە ئە‌قىللىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى يارىتىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سېخىيلىق بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قىنى ھېس قىلالايدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى ئىنسانىيە‌تنىڭ ياشىشىغا ماس ئاجايىپ ئۆي-‏ماكاننى،‏ يە‌نى يە‌ر يۈزىنى ياراتتى.‏ خۇ‌دا داۋاملىق بارچە ئىنسانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ «يامغۇ‌رنىمۇ ئادالە‌تلىكلە‌رگىمۇ،‏ بىلە‌ن ئادالە‌تسىزلە‌رگىمۇ ياغدۇ‌رىدۇ».‏—‏مە‌تتا 5:‏45‏.‏

بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا «مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل» (‏ياقۇ‌پ 5:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نى تونۇ‌شقا ئىنتىلىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشنى خالايدىغان ئىنسانلارغا ئۆز مېھىر-‏شە‌پقىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ بۇ‌نداق ئىنسانلارنىڭ ھە‌ر بىرىنى ئالاھىدە بىر شە‌خس دە‌پ قارايدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا «‏سىلە‌ردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ».‏—‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏7‏.‏

خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ بىز كۈننىڭ پېتىش مە‌نزىرىسىدىن بە‌ھرىمان بولىمىز.‏ بوۋاقنىڭ كۈلكىسىنى ئاڭلاپ،‏ خۇ‌شال بولىمىز.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قە‌دىرلە‌يمىز.‏ بە‌لكىم بۇ ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ئە‌ڭ ئېھتىياج نە‌رسە ئە‌مە‌س بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ھاياتىمىزنىڭ مە‌نىلىك ئۆتۈشىگە ياردە‌م قىلىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ يە‌نە بىر ئىپادىسى —‏ بۇ دۇ‌ئا.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئىشە‌ندۈرۈپ:‏ «ھېچ نە‌رسىدىن غە‌م قىلماڭلار.‏ ئە‌كسىچە ھە‌ر قانداق تە‌لىپىڭلار بولسا،‏ دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت ئارقىلىق خۇ‌دادىن تىلە‌ڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا مېھرىبان ئاتا كە‌بى،‏ ئۇ‌نىڭغا يۈرە‌ك-‏باغرىمىزنى تۆكۈپ بېرىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ بىزنى «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى»غا ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6‏.‏

خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏ دانالىق،‏ ئادالە‌ت ۋە مۇ‌ھە‌ببە‌ت قاتارلىق پە‌زىلە‌تلىرىنى قىسقىچە كۆرۈپ چىقتىڭىز،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ كىم ئىكە‌نلىكىنى بىلىشىڭىزگە ياردە‌م بە‌ردىمۇ؟‏ خۇ‌داغا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشقا سىزنى تە‌كلىپ قىلىمىز.‏

يە‌ھۋا،‏ ئۇ كىم؟‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى،‏ دانالىقى،‏ ۋە ئادالىتى تە‌ڭداشسىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ كىشىنى ئە‌ڭ جە‌لپ قىلىدىغان ئاساسىي پە‌زىلىتى —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر.‏