بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى نېمە؟
سىزنىڭچە ئۇ . . .
-
سۆيگۈ-مۇھەببەتمۇ؟
-
پۇل-مالمۇ؟
-
ياكى باشقىمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ... بەختلىك!». — لۇقا 11:28.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
چىن سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز. — ئەفەسلىكلەرگە 5:28،29.
ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز. — ئەفەسلىكلەرگە 5:33.
ئىناق-ئىجىل، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.— ماركۇس 10:6–9.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:
-
خۇدا ئائىلە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. مۇقەددەس كىتاب يەھۋا خۇدا تۇنجى بىر جۈپ ئىنساننى نىكاھ ئارقىلىق بىرلەشتۈرگەن دەيدۇ (يارىتىلىش 2:18–24). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەربىر ئائىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان. نېمە ئۈچۈن بۇنى بىلىش بەكمۇ مۇھىم؟
ئويلاپ باقايلى: ئەگەر سىز ئوخشىغان بىر ۋاق تاماق يېگىنىڭىزدە، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كىمدىن سوراپ باقىسىز؟ ئەلۋەتتە، تاماقنى تەييار قىلغان كىشىدىن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
شۇنىڭغا ئوخشاش، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا كېتىدىغان خۇرۇچلارنى تېپىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېنىقكى ئائىلە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى يەھۋادىن سوراپ كۆرىشىمىز كېرەك.
-
خۇدا سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەربىر ئائىلىنىڭ يەھۋانىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتقان مەسلىھىتى ھەققىدە ئىزدىنىشى دانالىقتۇر. نېمە ئۈچۈن؟ «چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:6،7). يەھۋا بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى كۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ مەسلىھەتلىرى بىز ئۈچۈن ھەمىشە پايدىلىق! — پەندى-نەسىھەت 3:5،6؛ يەشايا 48:17،18.
ئويلاپ كۆرۈڭ
قانداق قىلىپ ياخشى ئەر ۋە ئايال، ئاتا ياكى ئانا بولالايسىز؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: ئەفەسلىكلەرگە 5:1، 2 ۋە كولوسىلىقلارغا 3:18–21.