ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىر كۈنى تۈگەرمۇ؟
سىزنىڭچە . . .
-
تۈگەيدۇ؟
-
تۈگىمەيدۇ؟
-
بەلكىم تۈگەر؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«خۇدا ... ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھەر ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ ۋە غەم يا پەرياد ۋە يا ئاغرىق يەنە بولمايدۇ». — ۋەھىي 21:3،4.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايسىزكى، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى خۇدا پەيدا قىلغان ئەمەس. — ياقۇپ 1:13.
ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىمىزدە، خۇدانىڭ ھېسسىياتلىرىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىش سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. — زەكەرىيا 2:8.
بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ چوقۇم تۈگەيدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىيالايسىز. — زەبۇر 37:9–11.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:
-
خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ. قەدىمقى زاماندا خۇدا خەلقى شەپقەتسىزلەرچە ئېزىلگەندە، يەھۋا خۇدانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. مۇقەددەس كىتاب: دۈشمەنلىرى سالغان زۇلۇمدىن، خۇدا ‹ئۇلارنىڭ ئاھ ئۇرۇپ... قىلغان پەريادىنى ئاڭلاپ ئىچى ئاغرىدى› دەيدۇ. — ھاكىملار 2:18.
باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدىغانلار خۇدانىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ ئاغرىتىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب: ‹ناھەق قان تۆكىدىغان قوللار›، خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك دەيدۇ. — پەندى-نەسىھەت 6:16،17.
-
خۇدا ھەربىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئادەملەر ‹ھەربىرى ئۆز كۆڭۈل دەردىنى بىلىپ› قالماي، بەلكى يەھۋا ھەم دەردلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ. — تارىخنامە 2-يازما 6:29،30.
ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق، يەھۋا پات ئارىدا ھەربىر كىشىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تۈگىتىدۇ (مەتتا 6:9،10). شۇ كۈن يېتىپ كەلگىچە، ئۇنى جان-دىلى بىلەن ئىزدىگەنلەرگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللىي بېرىدۇ. — ئەلچىلەر 17:27؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3،4.
ئويلاپ كۆرۈڭ
نېمە ئۈچۈن خۇدا ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: رىملىقلارغا 5:12 ۋە پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9.