ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن خۇدا خىزمەتچىلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندە، پەخەس بولۇشى كېرەك؟
بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلار ياكى باشقا گۇۋاھچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدۇ. ئەلۋەتتە، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداش، مۇنداق نەسىھەتكە قۇلاق سالىدۇ: «زېرەك كىشى بالا-قازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار، ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار».—پەند. نە 27:12.
يەھۋا خۇدانىڭ بىزنى ھىمايە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. دېمەك، بىز بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان، جامائەتتىن چىقىرىلغان ياكى يالغان تەلىملەرنى ئۆگىتىدىغان ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلمايمىز (رىملىقلار 16:17؛ 1-كورىنت. 5:11؛ 2-يۇھاننا 10، 11). بەزى قېرىنداشلار ياكى جامائەت بىلەن ئارىلىشىدىغان بەزى كىشىلەر، مۇقەددەس كىتاب قانۇنلىرىغا بويسۇنماسلىقى مۇمكىن (2-تىموت. 2:20، 21). دوستلارنى تاللىغاندا بۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. ئەمما، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەندە ياخشى دوستلارنى تېپىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
تور ئارقىلىق ئالاقە قىلىش توپى بەك چوڭ بولسا، بىز تېخىمۇ پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. بەزى ئېتىقادداشلار چوڭ بىر توپلارغا كىرىپ، يامان تەسىرگە ئۇچرىغان. بىراق، ئەگەر ئالاقە توپى يۈزلىگەن ياكى مىڭلىغان ئادەملەردىن ئىبارەت بولسا، قېرىنداشلار قانداق پەخەس بولالايدۇ؟ شۇنداق چوڭ توپ ئەزالىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ روھىي ئەھۋالىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس. زەبۇر 26:4-ئايەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «يالغانچىلار بىلەن ئارىلاشمايمەن، ئىككى يۈزلۈكلەردىن يىراق تۇرىمەن». بۇ ئايەت ئۇچۇرلارنى پەقەت شەخسەن تونۇيدىغان ئادەملەرگە ئەۋەتىشنىڭ دانا قارار ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
ھەتتا ئالاقە توپى كىچىك بولسىمۇ، خۇدا خىزمەتچىسى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى ۋە نېمە ھەققىدە پاراڭلىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم. ئۇچۇرلار مەيلى نېمە ھەققىدە بولسۇن ياكى ۋاقتىمىزنى ئالسۇن، بىز ئۇلارغا جاۋاب بېرىشىمىز شەرت، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينى غەيۋەت قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ئادەملەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (1-تىموت. 5:13). بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق غەيۋەت قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش كەڭ ئومۇملاشقان.
روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداش باشقا گۇۋاھچىلار توغرىسىدا قىلىنغان تەنقىدلەرنى ياكى مەخپىي مەلۇماتنى تىڭشىمايدۇ ۋە ئۆزىمۇ باشقىلارغا شۇنداق مەلۇماتنى تارقاتمايدۇ (زەبۇر 15:3؛ پەند. نە 20:19). ئۇ يەنە ناھايىتى ئاشۇرۇۋېتىلگەن مەلۇماتلاردىن ياكى ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈلمىگەن خەۋەرلەردىن نېرى تۇرىدۇ (ئەفەس. 4:25). بىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئىشەنچىلىك تەلىماتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. ئۇلارنى jw.org تور بېكىتىمىزدىن ياكى JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئايلىق پروگراممىلىرىدىن تاپالايمىز.
بەزى قېرىنداشلار ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش ياكى ئۆز تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇنداق سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. پۇلپەرەسلىكتىن نېرى تۇرىدىغان قېرىنداش، كۆپرەك پۇل تېپىش مەقسىتىدە قېرىنداشلاردىن پايدىلانمايدۇ.—ئىبرانىي. 13:5.
ياردەمگە مۇھتاج ياكى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالاقە توپلىرى ئارقىلىق پۇل يىغىش توغرا ئۇسۇلمۇ؟ ئادەتتە بىز مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىش ياكى سەمىمىي قىزىقىش ئارقىلىق كۆرسىتىمىز (ياقۇپ 2:15، 16). بىراق، ئەگەر بىز چوڭ ئالاقە توپى ئارقىلىق پۇل يىغىشقا ھەرىكەت قىلساق، بەيتەل ياكى جامائەت ئۇيۇشتۇرغان ياخشى چارە-تەدبىرلەرگە كاشىلا قىلىشىمىز مۇمكىن (1-تىموت. 5:3، 4، 9، 10، 16). ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ بىزدە قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىمىز بار، دەپ ئويلاپ قېلىشىنى خالىمايمىز.
بىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشنى خالايمىز (1-كورىنت. 10:31). ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ياكى تور بېكەتلەرنى ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز، پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلەر ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىڭ!