مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبە‌ت | ئانتونىئو دېللا-‏گاتتا

نېمە ئۈچۈن بىر روھانىي چىركاۋدىن كە‌تتى؟‏

نېمە ئۈچۈن بىر روھانىي چىركاۋدىن كە‌تتى؟‏

ئانتونىئو دېللا-‏گاتتا،‏ رىمدا 9 يىل بىلىم ئالغاندىن كېيىن،‏ 1969-‏يىلى روھانىي بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ ئىتالىيىنىڭ نېئاپول شە‌ھىرىگە يېقىن جايلاشقان دىنىي مە‌كتە‌پتە مۇ‌دىر بولۇ‌پ ئىشلىگە‌ن.‏ كۆپ ئىزدىنىپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ئۇ كاتولىك دىنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانمايدۇ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌نىدى.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن چىركاۋدىن كە‌تكە‌نلىكىنى «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلىنىڭ مۇ‌خبىرىغا ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏

مە‌رھە‌مە‌ت،‏ بالىلىق چاغلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ.‏

مە‌ن 1943-‏يىلى ئىتالىيىدە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ ئائىلىمىز بىلە‌ن كىچىككىنە بىر يېزىدا ياشىدۇ‌ق.‏ دادام دېھقان ۋە ياغاچچى ئىدى.‏ ئاتا-‏ئانىمىز بىزنى ياخشى كاتولىك قىلىپ تە‌ربىيىلىگە‌ن.‏

نېمە ئۈچۈن روھانىي بولۇ‌شنى خالىدىڭىز؟‏

بالىلىق چېغىمدا چىركاۋدىكى روھانىيلارنىڭ ئېيتقانلىرى ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ روھانىيلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرىنى ھە‌ۋە‌س بىلە‌ن تىڭشايتتىم ۋە چىركاۋ مۇ‌راسىملىرى مېنى ھە‌يران قالدۇ‌راتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن روھانىي بولۇ‌شنى خالىغانىدىم.‏ 13 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ئاپام مېنى ئوغۇ‌ل بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌يدىغان ياتاقلىق مە‌كتە‌پكە ئوقۇ‌شقا بە‌ردى.‏ ئۇ يە‌ردە ئوغۇ‌ل بالىلارنى كېلە‌چە‌كتە روھانىي بولۇ‌شىغا تە‌ربىيىلە‌يتتى.‏

ئۇ يە‌ردە سىلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بە‌ردىمۇ؟‏

ياق.‏ 15 يېشىمدا ئوقۇ‌تقۇ‌چى ماڭا ئىنجىل،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى بايان قىلىنغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابنى بە‌رگە‌ن ئىدى ۋە مە‌ن ئۇ‌نى بىرنە‌چچە قېتىم ئوقۇ‌پ چىقتىم.‏ 18 يېشىمدا رىمغا بېرىپ،‏ بىۋاسىتە رىم پاپىسى رە‌ھبە‌رلىكى ئاستىدىكى ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ئوقۇ‌شقا چۈشتۈم.‏ شۇ يە‌ردە مە‌ن لاتىن ھە‌م گرېك تىللىرىنى،‏ تارىخ،‏ پە‌لسە‌پە،‏ پسىخولوگىيە ۋە ئىلاھىيە‌تشۇ‌ناسلىقنى ئۆگە‌ندىم.‏ گە‌رچە يە‌كشە‌نبە كۈنىدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھە‌ت مۇ‌راسىمىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى يادلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌لغاندا تىڭشىغان بولساقمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌نى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نمىگە‌نىدۇ‌ق.‏

سىز مە‌كتە‌پ مۇ‌دىرى بولغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن باشقىلارغا تە‌لىم بە‌ردىڭىزمۇ؟‏

كۆپىنچە ۋاقىتتا،‏ مە‌مۇ‌رىي ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىناتتىم.‏ بىراق،‏ ۋاتىكاننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كېڭە‌ش يىغىنىنىڭ قارارلىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دە‌رسلە‌رنى بېرە‌تتىم.‏

كېيىن نېمە ئۈچۈن چىركاۋنىڭ تە‌لىماتلىرىدىن گۇ‌مانلىنىشقا باشلىدىڭىز؟‏

چۈنكى،‏ ئۈچ نە‌رسە مېنى تە‌شۋىشلە‌ندۈرە‌تتى.‏ بىرىنچى،‏ چىركاۋ سىياسە‌تكە ئارىلىشاتتى.‏ ئىككىنچى،‏ چىركاۋ روھانىيلار بىلە‌ن جامائە‌ت ئە‌زالىرى ئارىسىدىكى ئە‌خلاقسىزلىققا كۆز يۇ‌ماتتى.‏ ئۈچىنچى،‏ كاتولىك چىركاۋسىنىڭ بە‌زى تە‌لىماتلىرى ماڭا ناتوغرا تۇ‌يۇ‌لاتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا قانداقمۇ ئۆلگە‌نلە‌رنى مە‌ڭگۈ قىينىشى مۇ‌مكىن؟‏ ياكى بولمىسا،‏ خۇ‌دا بىزدىن تە‌سۋى ساناپ،‏ يادلىۋالغان دۇ‌ئالارنى نە‌چچە يۈز قېتىملاپ تە‌كرارلاشنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏

خوش،‏ كېيىن سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز؟‏

خۇ‌داغا ماڭا يول كۆرسىتىشىنى سوراپ،‏ كۆز ياشلىرىم بىلە‌ن ئىلتىجا قىلدىم.‏ يېقىندىلا ئىتالىيان تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان كاتولىكلارنىڭ «يېرۇ‌سالىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابى» نە‌شىرىنى سېتىۋېلىپ،‏ ئوقۇ‌شقا باشلىدىم.‏ بىر كۈنى يە‌كشە‌نبە كۈنىدىكى دىنىي مۇ‌راسىملار تۈگىگە‌ندىن كېيىن،‏ خىزمە‌ت كىيىملىرىنى يېشىپ قۇ‌يۇ‌ۋاتسام،‏ ئىككى ئە‌ر كىشى مە‌كتە‌پكە كىرىپ كە‌لدى.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌پ تونۇ‌شتۇ‌ردى،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىر سائە‌تتىن كۆپرە‌ك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ق دىننى ساختا دىنلاردىن پە‌رقلە‌ندۈرۈشكە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە پاراڭلاشتۇ‌ق.‏

ئۇ‌لار سىزگە قانداق تە‌سىرات قالدۇ‌ردى؟‏

ئۇ‌لار ئىشە‌نچ بىلە‌ن سۆزلىگە‌نلىكىنى ۋە كاتولىك دىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىدىن شۇ‌نچە ماھىرلىق بىلە‌ن پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌يران قالدىم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ مارىئو ئىسىملىك باشقا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ماڭا كېلىشكە باشلىدى.‏ ئۇ بە‌ك سە‌ۋرچان ئىدى.‏ ھاۋا رايى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ھە‌ر شە‌نبە كۈنى ئە‌تىگە‌ندە دە‌ل سائە‌ت 9 دا مە‌كتە‌پنىڭ ئىشىك قۇ‌ڭغۇ‌رىقىنى باساتتى.‏

ئۇ‌نىڭ كېلىشىگە باشقا روھانىيلار قانداق قارايتتى؟‏

مە‌ن ئۇ‌لارنى مۇ‌ھاكىمىمىزگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلاتتىم.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشىنى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س دە‌پ قارايتتى.‏ مە‌ن بولسام،‏ ئۆگىنىشنى بە‌ك ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ مېنى ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى ئويلاندۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتقان سوئاللىرىمغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن جاۋاب تاپتىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏

ئۈستىڭىزدىكى روھانىيلار سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشتىن توختاتماقچى بولغانمۇ؟‏

1975-‏يىلى،‏ مە‌ن چىركاۋنىڭ تە‌لىملىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرىمنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن بىرنە‌چچە قېتىم رىمغا باردىم.‏ يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك روھانىيلار ئوي-‏پىكىرىمنى ئۆزگە‌رتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېچبىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلە‌تمىگە‌ن ئىدى.‏ ئاخىرىدا،‏ مە‌ن 1976-‏يىلى،‏ 9-‏يانۋاردا رىمغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن خېتىمدە،‏ ئە‌مدى مە‌ن كاتولىك چىركاۋىدىن كېتىدىغانلىقىمنى يازدىم.‏ ئىككى كۈندىن كېيىن،‏ مە‌ن دىنىي مە‌كتە‌پتىن كە‌تتىم ۋە پويىزغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ بىرىنچى قېتىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.‏ لېكىن بارسام،‏ چوڭ يىغىلىش بولغان ئىكە‌ن ۋە ئۇ يە‌ردە بىرنە‌چچە جامائە‌ت قاتناشقان ئىدى.‏ ھە‌ممىسى مە‌ن چىركاۋدىكى دىنىي مە‌كتە‌پلە‌ردە ئۆگە‌نگە‌نلىرىمدىن بە‌ك پە‌رقلىق ئىدى!‏ ھە‌ر بىر گۇ‌ۋاھچىنىڭ قولىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بار ئىدى ۋە ناتىقلار تۈرلۈك ماۋزۇ‌لارنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ ئاڭلىغۇ‌چىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىنى ئېچىپ،‏ ئايە‌تلە‌رگە قارايتتى.‏

ئائىلىڭىزدىلە‌ر بۇ‌نىڭغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟‏

ئائىلە ئە‌زالىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا قاتتىق قارشىلىق كۆرسە‌تتى.‏ كېيىن،‏ مە‌ن ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى لامباردى شە‌ھىرىدە ياشايدىغان ئىنىمنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ قېشىغا باردىم ۋە يە‌رلىك گۇ‌ۋاھچىلار مېنىڭ ئىش ھە‌م تۇ‌رالغۇ ئۆي تېپىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ شۇ يىلى مە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولدۇ‌م.‏

مە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌داغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىمە‌ن

چىقارغان قارارىڭىزدىن ئۆكۈنە‌مسىز؟‏

بۇ يولنى تاللىغانلىقىمغا ھە‌رگىز ئۆكۈنمە‌يمە‌ن.‏ مە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌داغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىمە‌ن.‏ چۈنكى مېنىڭ خۇ‌دا توغرىسىدىكى بىلىملىرىم ئە‌مدى پە‌لسە‌پە ياكى چىركاۋدىكى ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىدۇ.‏ ئە‌مدى تولۇ‌ق ئىشە‌نچ ۋە سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن باشقىلارغا تە‌لىم بېرە‌لە‌يمە‌ن.‏