ئائىلىلەر ئۈچۈن ياردەم
مۇقەددەس كىتابتا ئەڭ ئىشەنچىلىك يول-يورۇق بار. ئۇ يەردە ئەر-ئاياللار، ئاتا-ئانىلار ۋە ياشلار ئۈچۈن مەسلىھەتلەر يېزىلغان. بۇ كىتابنىڭ پرىنسىپلىرى ئىنساننىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ھاياتقا بولغان توغرا كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.—پەندى-نەسىھەت 1:1—4.
مۇقەددەس كىتابتا ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بار، شۇ جۈملىدىن:
ھاياتنىڭ مەنىسى نېمە؟
ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۈچۈن خۇدا ئەيىبلىكمۇ؟
ئادەم ئۆلگەندە نېمە بولىدۇ؟
بۇ ۋە باشقا سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، سىزنى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. «نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش كېرەك؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ. كودنى سكانېر قىلىڭ ياكى jw.org.www تور بېكىتىگە كىرىڭ.