مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبەتلىشىش كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ،‏ ئۇ بالىلىرىڭىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.‏

ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن

5.‏ ئوچۇ‌ق سۆزلىشىش

5.‏ ئوچۇ‌ق سۆزلىشىش

دېگە‌ن نېمە؟‏

ئوچۇ‌ق سۆزلىشىش ئاتا-‏ئانىسى ۋە بالىلىرى ئۆزئارا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

ئاتا-‏ئانىلارغا ئۆز ئۆسمۈر بالىلىرى بىلە‌ن سۆزلىشىپ تۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ يېقىندىلا پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ قە‌لب ئىشىكى سىز ئۈچۈن ئوچۇ‌ق ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌مدى بولسا ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.‏ ئىشىكىنى قانچە تاقىلداتسىڭىزمۇ،‏ ئۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ.‏ بىراق قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا ئۆسمۈر بالىلىرىڭىز مۇ‌ڭدىشىپ تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ئىنتايىن مۇ‌ھتاج بولىدۇ.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

مۇ‌ڭدىشىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ،‏ ئىشىك ھە‌رقاچان ئېچىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا يېرىم كېچىدە سۆزلىشىشكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ شۇ‌نداق قىلىپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏

‏«بە‌لكىم،‏ سىز بالىڭىزغا:‏ «مە‌ن كۈن بويى سېنىڭ بىلە‌ن بولدۇ‌مغۇ.‏ نېمە ئە‌مدىلىكتە گە‌پ قىلغۇ‌ڭ كېلىپ قالدىمۇ؟‏»—‏ دېمە‌كچى بولىسىز.‏ بىراق،‏ پە‌رزە‌نتلىرىمىز بىزگە كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ بە‌رمە‌كچى بولغاندا،‏ نارازىلىق بىلدۈرۈش توغرىمۇ؟‏» (‏لىزا)‏.‏

‏«مە‌ن ئە‌تىگە‌نرە‌ك ئۇ‌خلاشنى ياخشى كۆرۈمە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۆسمۈر بالىلىرىم بىلە‌ن ئادە‌تتە يېرىم كېچىلە‌ردە ياخشىراق مۇ‌ڭدىشالايمە‌ن» (‏گېربېرت)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ھېچكىم ئۆز نە‌پىنى [مە‌نپە‌ئىتىنى] ئىزدىمە‌ي،‏ بە‌لكى باشقىسىنىڭكىنى ئىزدىسۇ‌ن».‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏24‏.‏

دىققىتىڭىز چېچىلمىسۇ‌ن‏.‏ بىر ئاتا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «گايىدا بالىلىرىم بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ يە‌نە باشقا نە‌رسە ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىمە‌ن.‏ بىراق،‏ بالىلىرىممۇ بۇ‌نى بايقايدۇ».‏

ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ تېلېۋىزور ۋە باشقا تېلېفونغا ئوخشاش دە‌خلى قىلىدىغان نە‌رسىلە‌رنى ئۆچۈرۈپ قويۇ‌ڭ.‏ بالىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت بىلە‌ن قۇ‌لاق سېلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ ئۇ گە‌پ قىلغاندا پۈتۈن دىققە‌ت ئېتىبارىڭىزنى قارىتىڭ.‏

‏«بالىلىرىمىزنى ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلمىساق،‏ ئۇ‌لار بىزدىن ئۆزلىرىنى چە‌تكە تارتىشى ياكى باشقا جايدىن ياردە‌م ئىزدىشى مۇ‌مكىن» (‏ماراندا)‏.‏

‏«ھە‌تتا بالىڭىز ناتوغرا ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېيتسىمۇ،‏ ئارتۇ‌قچە ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ئە‌يىبلىمە‌ڭ» (‏ئانتونى)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «قانداق ئاڭلىغىنىڭلارغا سە‌پسېلىپ بېقىڭلار».‏—‏لۇ‌قا 8:‏18‏.‏

پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش‏.‏ بە‌زىدە بالا بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز ئولتۇ‌رۇ‌پ سوئال-‏سوراق شە‌كلىدە پاراڭلاشقاندا،‏ ئۇ‌لار كۆڭلىدىكىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىپ بېرە‌لمە‌يدۇ.‏

‏«بىز ماشىنىدا كېتىپ بېرىپ،‏ سۆزلىشىش پۇ‌رسىتىدىن پايدىلىنىمىز.‏ يۈزمۇ-‏يۈز بىر-‏بىرىمىزگە قاراپ ئولتارمىغاچ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ئېيتالايمىز» (‏نىكول)‏.‏

بىر داستىخاندا جە‌م بولۇ‌ش ئە‌ركىن-‏ئازادە سۆزلىشىش ئۈچۈن يە‌نە بىر قولايلىق پۇ‌رسە‌تنى يارىتىدۇ.‏

‏«كە‌چكى تاماق ئۈستىدە ھە‌ربىرىمىز پاراڭ سېلىپ،‏ بىر كۈن ئىچىدە يۈز بە‌رگە‌ن ياخشى-‏يامان ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ بېرىمىز.‏ بۇ بىزنى بىرلە‌شتۈرىدۇ ۋە ھە‌تتا قىيىنچىلىقلارغا يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س،‏ يېقىن كىشىلىرىمىز بىلە‌ن بىرگە قارشى تۇ‌رىدىغانلىقىمىزنى ئە‌ستىن چىقارماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ» (‏روبىن)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ھە‌ر ئادە‌م ئاڭلىماقتا ئىتتىك،‏ سۆز قىلىشتا ئېغىر .‏.‏.‏ بولسۇ‌ن».‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏.‏