ياشلار ئۈچۈن
10. ئىشەنچىلىك بولۇش
دېگەن نېمە؟
ئىشەنچىلىك كىشىلەر ئاتا-ئانىلىرى، دوستلىرى ۋە ئىش ئورنىدىكى خۇجايىنلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋەدىلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە دائىم راست گەپنى ئېيتىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە قانچە كۆپ ئېرىشسىڭىز، شۇنچە كۆپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيسىز.
«ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار يېنىڭىزدا بولمىغاندىمۇ، پىشىپ يېتىلگەن ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك» (ساراخى).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار. ئىماندا تۇرىمىزمۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئىمتىھان قىلىڭلار».—2-كورىنتلىقلار 13:5.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە كۆپرەك ئېرىشىشنى ياكى يوقاتقان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىسىڭىز، تۆۋەندىكى قەدەملەر سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
راستچىل بولۇڭ. يالغان گەپ قىلسىڭىز، باشقىلار سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بىراق، بولۇپمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، راستچىل بولۇپ، ھېچنېمىنى يۇشۇرمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
«ھەممە ئىش جايىدا بولغان ۋاقىتتا، راستچىل بولۇش ئاسان. لېكىن، سىزنى يامان قىلىپ كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەتلەردىمۇ راستچىل بولسىڭىز، ئادەملەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ» (كايمان).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ھەر ئىشتا توغرا يولدا يۈرۈشنى» خالايمىز.— ئىبرانىيلار 13:18.
ئىشەنچىلىك بولۇڭ. ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەتقىقاتتا 78 پىرسەنت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىزدىگۈچىلەر شۇنداق دەيدۇ، ئىشقا كىرىشتە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئۈچ تەلەپتىن بىرى — ئىشەنچىلىك بولۇش. ھازىردىن باشلاپ ئىشەنچىلىك بولۇشنى ئۆگەنسىڭىز، چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيسىز.
«ئاتا-ئانام ئېسىمگە سېلىپ تۇرمىسىمۇ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقىنىمنى بايقايدۇ. مەن شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۆپرەك كۆرسەتسەم، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى شۇنچىلىك ئاشىدۇ» (سارا).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئىتائىتىڭگە ئىشىنىپ، ئېيتقىنىمدىن ئوشۇقراق قىلىدىغىنىڭنى بىلىپ ساڭا پۈتتۈم».—فىلىمون 21.
سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭ. سىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىڭىز باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئاسانلا چېلىقىدۇ، لېكىن ئىشەنچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى بولغانلىقىڭىزنى كۆرۈشى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت كېرەك.
«پەقەت بىرلا قېتىم مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئاتا-ئانىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. لېكىن، ھەردائىم مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئارقىلىق، بارا-بارا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز» (براندون).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «سەۋرنى» كىيىڭلار.—كولوسىلىقلار 3:12.