ياشلار ئۈچۈن
9. كىملىك
دېگەن نېمە؟
كىملىك ئىسىمىڭىز ۋە تاشقى كۆرۈنىشىڭىزدىن كۆپرەك نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سىزنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىڭىز، ئىمان-ئېتىقادىڭىز ۋە مىجەز-خۇلقىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىدە، بۇنىڭغا ئىچكى ھەم تاشقى جەھەتتىن كىم ئىكەنلىكىڭىز كىرىدۇ.
بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ياخشى چۈشەنسىڭىز، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن، تەڭداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى كونترول قىلىشىغا يول قويمايسىز.
«كۆپ ئادەملەر خۇددى دۇكانلارغا تىزىپ قويغان ھەيكەلگە ئوخشاش بولۇپ، قانداق كىيىملەرنى كىيىشنى ئۇلار ئۆزلىرى ئەمەس، باشقىلار تاللايدۇ» (ئادرىئان).
«مەن ھەتتا قىيىن پەيتلەردىمۇ، توغرا ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئۆگەندىم. مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارايمەن ۋە ئۇلار بىلەن بولغاندا، ئۆزۈمنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىمغا قاراپ، كىملەر ھەقىقىي دوستۇم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن» (كورتنىي).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «بۇ دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، ئەكسىچە . . . ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار».—رىم. 12:1، 2؛ ي.د.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
سىز ھازىر قانداق ئىنسان ۋە كېيىن قانداق ئىنسان بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرىڭىز بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. تۆۋەندىكى سوئاللار سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئارتۇقچىلىق. مەن قانداق قابىلىيەتلەر ۋە ماھارەتلەرگە ئىگە؟ مېنىڭ قايسى جەھەتتىن ئارتۇقچىلىقىم بار (مەسىلەن، مەن ۋاقىتقا ئەمەل قىلىمەنمۇ؟ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالايمەنمۇ؟ ئىشچانمۇ؟ ۋە سېخىيمۇ؟). قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن؟
مەسلىھەت: ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئېنىقلاش قىيىن بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىڭىز ياكى جان دوستىڭىزدىن سوراڭ. ئۇلار سىزدە قانداق ئارتۇقچىلىق بارلىقىنى كۆردى ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلايدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «لېكىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن، شۇ چاغدا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ».—گال. 6:4؛ ي.د.
ئاجىزلىق. قايسى مىجەز-خۇلقۇمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك؟ قاچان بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويۇشقا ئازدۇرۇلۇشقا كۆپرەك مايىلمەن؟ قايسى ساھەلەردە ئۆز-ئۆزۈمنى بەكرەك تۇتۇۋېلىشىم كېرەك؟
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئەگەر گۇناھىمىز يوقتۇر دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدايمىز».—1-يۇھاننا 1:8.
كۆزقاراش. قانداق ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرىمەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟ خۇداغا ئىشىنىمەنمۇ؟ نېمە مېنى ئۇنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ؟ قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى ناتوغرا دەپ قارايمەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟ كېلەچەكتە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن؟
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئەقىل سېنى ساقلاپ، پەم سېى مۇھاپىزەت قىلار».—پەندى-نەسىھەت 2:11.