ئەر-ئاياللار ئۈچۈن
3. ھۆرمەت
دېگەن نېمە؟
بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەر-ئاياللار، ھەتتا ئوي-پىكىرلىرى بىر يەردىن چىقمىسىمۇ، بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ. بىر كىتابتا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «بۇنداق ئەر-ئاياللار ئۆز سۆزىدە تۇرۇپ ئارىسىدا كېلىشمەسلىك پەيدا قىلىدىغان ۋەزىيەتلەردىن قاچىدۇ. ئۇلار كېلىشمەسلىكلەر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. ئۆز ئۆمۈرلۈك جورىسىنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىڭشايدۇ ۋە ئۇلار سۈركىلىشتىن ساقلىنىپ، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدۇ» (Ten Lessons to Transform Your Marriage).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «مېھىر-مۇھەببەت . . . شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ».—1-كورىنتلىقلار 13:4، 5؛ ي.د.
«ئايالىمنى ھۆرمەت قىلىش ئۇنى قەدىرلەشنى، رەنجىتىدىغان ياكى نىكاھىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ» (مايك).
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئەگەر ئەر-ئايال پاراڭلاشقاندا تەنقىد، مەسخىرە سۆزلىرىنى قىلسا، ھەتتا بىر-بىرىنى كەمسىتسە، بۇنى پسىخولوگلار ئاجرىشىشقا يېتەكلەيدىغان سەۋەب دەپ ئاتايدۇ.
«ئايالىڭىزغا رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈپ مەسخىرە قىلسىڭىز، ئۇ ئۆزىگە ۋە سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ سىز نىكاھىڭىزغا زىيان يەتكۈزىسىز» (برايىن).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ
بىر ھەپتە ئۆز گەپ-سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى كۈزىتىپ كۆرۈڭ. كېيىن ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
-
ھەمراھىمنى قانچە قېتىم تەنقىد قىلىمەن ۋە قانچە قېتىم ئۇنى ماختايمەن؟
-
ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى قانداق كۆرسەتتىم؟
جۈپتىڭىز بىللە مۇھاكىمە قىلىڭ
-
قايسى گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز؟
-
قايسى گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر بىر-بىرىمىزگە قارىتا ھۆرمەتسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ؟
مەسلىھەتلەر
-
قايسى ئۈچ ساھەدە ھۆرمەتنى ھېس قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى قەغەزگە يېزىپ قويۇڭ. جۈپتىڭىزمۇ شۇنى يازسۇن. كېيىن قەغەزلەرنى ئالماشتۇرۇپ، يېزىلغان ساھەلەردە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ.
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ سىز ياقتۇرىدىغان پەزىلەتلىرىنى يېزىپ قويۇڭ. كېيىن، ئۇنىڭغا بۇ پەزىلەتلىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
«ئېرىمنى ھۆرمەتلەش دېمەك ئىش-ھەرىكەتلىرىم ئارقىلىق ئۇنى قەدىرلەيدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭ شاد-خۇرام بولۇشىنى خالايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. ھەردائىم چوڭ ئىشلىرىم ئەمەس، بەزىدە كىچىك ئىش-ھەرىكەتلىرىم ئۇنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى كۆرسىتەلەيدۇ» (ماگېن).
خۇلاسىلىسەك، ئەڭ مۇھىمى گەپ جورىڭىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ياكى ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى جورىڭىز ھۆرمىتىڭىزنى ھېس قىلىدىمۇ ياكى قىلالمىدىمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «كۆڭۈل شەپقەتلىكىنى، مۇلايىملىقنى، كەمتەرلىكنى، ياۋاشلىقنى ۋە سەۋرنى» كىيىڭلار.—كولوسىلىقلار 3:12.