ئەر-ئاياللار ئۈچۈن
1. ۋاپادارلىق
دېگەن نېمە؟
ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ۋاپادارلىقنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نىكاھىنى ئۈزۈلمەس رىشتە دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئۇلارغا بېخەتەرلىك ھېس-تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ھەتتا قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ، ئۇلار ئۆز جورىسىنىڭ نىكاھقا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بەزى ئەر-ئاياللار يۇرت خەلقى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى بىللە ياشاپ قالىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ ئورنىغا، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ئاساسىدا ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشاش تېخىمۇ ياخشىراق.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئەر ھەم ئۆز خوتۇنىنى قويۇپ بەرمىسۇن».—1-كورىنتلىقلار 7:11.
«ئەگەر سىز جۈپتىڭىزگە ۋاپادار بولسىڭىز، ئۇنىڭغا دەرھاللا رەنجىپ يۈرمەيسىز، ئەكسىنچە كەچۈرۈشكە ۋە كەچۈرۈم سوراشقا تەييار بولىسىز. ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئاجرىشىش ئۈچۈن باھانە-سەۋەبلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۆتەر يولىمىزدىكى توساقلار دەپ قارايسىز» (مايك).
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئەگەر كىشىنىڭ نىكاھ قەسىمى بىلەن باغلانغان جورىسىگە ۋاپادار بولۇش نىيىتى قەتئىي بولمىسا، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: «بىز بىر-بىرىمىزگە ماس كەلمەيدىكەنمىز، ئاجرىشىپ كېتەيلى».
«كۆپىنچە تۇرمۇش قۇرغانلار، «بەختلىك بولالمىساق، ئاجرىشىپ كەتمەي جان قىيناپ ئۆتۈۋېرىمىزمۇ» دەپ ئاجرىشىپ كېتىش يولى ھەققىدە ئويلايدۇ. توي قىلماقچى بولغانلار ئاللىقاچان ئاجرىشىش توغرۇلۇق ئويلانسا، بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھ قەسىمى باشلىنىشتىلا قەتئىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ» (جېين).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ
جېدەل-ماجىرا بولغاندا:
-
ئىسىت، كۆزۈم قارغۇ بولۇپ، سەن بىلەن توي قىلىپ قالغىنىمنى، دەپ پۇشايمان قىلامسىز؟
-
يېنىمدا باشقا بىرسى بولسا دەپ خىيال سۈرەمسىز؟
-
«كېتىمەن» ياكى «قەدرىمگە يېتىدىغان بىر ئادەمنى تاپىمەن» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى ئېيتامسىز؟
ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇنداقتا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋاپادارلىقىڭىزنى كۈچەيتىڭ.
جۈپتىڭىز بىللە مۇھاكىمە قىلىڭ
-
نىكاھ رىشتىڭلار ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلامسىلەر؟ شۇنداق بولسا، سەۋەبى نېمە؟
-
بىر-بىرىڭلارغا بولغان ۋاپادارلىق كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىلەر؟
مەسلىھەتلەر
-
ئىللىق ئىككى ئېغىز سۆز-جۈملىلەرنى يېزىپ تۇرۇڭ
-
ئىش ئورنىڭىزدا جۈپتىڭىزنىڭ سۈرىتىنى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇڭ
-
مەيلى سىز قەيەردە بولماڭ، ھەر كۈنى جورىڭىزغا تېلېفون قىلىپ تۇرۇڭ
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «خۇدانىڭ قوشقىنىنى ئىنسان ئايرىمىسۇن».—مەتتا 19:6.