نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىمىز؟
ئەيسا پەيغەمبەر قانداق دۇئا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا-قايتا ئۆگەتكەن. ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلىرى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشاتتى. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن. ئېنىقكى، ئۇلار سىرتقى قىياپەتتە ساداقەتمەن بولۇۋېلىپ، ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىشقان ۋە ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ دەپ ئويلاشقان (مەتتا 6:5–8). ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دۇئالارنىڭ قۇرۇق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سەمىمىي ئادەملەرگە قانداق دۇئالارنى قىلىشتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. دۇئا قىلماسلىقنىلا ئەمەس، باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۆگەتگەن.
ئەيسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇقەددەس بولۇشى، پادىشاھلىقنىڭ كېلىشى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەققىدە دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شەخسىي مەسىلىلەردىمۇ خۇدادىن ياردەم سوراشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە تەلىم بەرگەن (مەتتا 6:9–13؛ لۇقا 11:2–4). ھەزرىتى ئەيسا تەمسىللەرنى ئېيتىپ بېرىپ، يەھۋا دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن، بىز ئەستايىدىل، ئىشەنچىلىك ۋە كەمتەر بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن (لۇقا 11:5–13؛ 18:1–14). ئەيسا پەيغەمبەر ئۆگەتكەنلىرىنى ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق تەستىقلىغان.—مەتتا 14:23؛ ماركۇس 1:35.
شەك-شۈبھىسىزكى، ئەيسا پەيغەمبەر بۇ تەلىملەرنى بەرگەندىن كېيىن شاگىرتلىرى تېخىمۇ مەزمۇنلۇق دۇئالارنى قىلىشنى باشلىغانىدى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسىدە ئەگەشكۈچىلىرىگە دۇئا توغرىسىدا ئەڭ مۇھىم تەلىمنى بەرگەن.
دۇئاغا قارىتا تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش
ھەزرىتى ئەيسا ئەڭ ئاخىرقى كېچىسىنى ساداقەتمەن ئەلچىلىرىگە كۈچ-مەدەت بېرىپ ئۆتكۈزگەن. شۇ كېچە يېڭى تەلىمنى ئاشكارىلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى بولغان. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېگەن: «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن». كېيىن، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىشەندۈرۈپ: «مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇنى قىلىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئارقىلىق ئاتا ئۇلۇغلانسۇن. ئەگەر مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن ئۇنى قىلىمەن»،— دېگەن. تەلىمى ئاخىرلىشىشقا يېقىن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھازىرغىچە مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن ھېچنېمە سورىمىدىڭلار. سوراڭلار ۋە ئېرىشىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن».—يۇھاننا 14:6، 13، 14؛ 16:24.
بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇھىم بولغان. بىر مۇقەددەس كىتاب لۇغىتىدە، بۇ «دۇئاغا قارىتا تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش» دەپ يېزىلغان. ھەزرىتى ئەيسا ئادەملەرنىڭ خۇداغا ئەمەس، ئەمدى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچقان.
ئەلۋەتتە، ئاللا ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا دائىم قۇلاق سالغان (1-سامۇئىل 1:9–19؛ زەبۇر 65:2). ئەمما، تەڭرى يەھۋا ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن كېيىن، ئۆز دۇئالىرىغا خۇدانىڭ قۇلاق سېلىشىنى خالايدىغان كىشىلەر خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك ئىدى. كېيىنرەك، پادىشاھ سۇلايمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە، ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت خۇدا تاللىغان جايغا، يەنى يېرۇسالىم شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم ئىدى (تەكرار قانۇن 9:29؛ 2-تارىخنامە 6:32، 33). لېكىن، بۇنداق ئىبادەت قىلىش ۋاقىتلىق ئىدى. ئەلچى پاۋلۇس ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن تەۋرات قانۇنى ھەم مەركىزىي ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن قۇربانلىقلار «كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بېرىدۇ»،— دەپ يازغان (ئىبرانىيلار 10:1، 2). كۆلەڭگىنىڭ ئورنىنى رېئاللىق ئېلىشى كېرەك ئىدى (كولوسىلىقلار 2:17). شۇڭا، مىلادى 33-يىلدىن باشلاپ، ھەر بىر ئىنسان تەڭرى يەھۋا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، تەۋرات قانۇنى بېشارەت قىلغان ئەۋلاد، يەنى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنۇشى كېرەك بولغان.—يۇھاننا 15:14–16؛ گالاتىيالىقلار 3:24، 25.
ھەرقانداق ئىسىمدىن يۇقىرى ئىسىم
ئەيسا پەيغەمبەر تەڭرى يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشىمىز ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ئۇل ئاساسنى سالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىزنىڭ دۇئا ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلىشىپ، ياراتقۇچىمىزدىن جاۋابقا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان كۈچ-قۇدرەتلىك دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق، نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ قولىدىن بۇنى قىلىش كېلىدۇ؟
ھەممىمىز گۇناھنى مىراس ئېلىپ تۇغۇلغاچ، ھەرقانداق ئىشىمىز ياكى كەلتۈرگەن قۇربانلىقىمىز بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلالمايدۇ ۋە مۇقەددەس خۇدايىمىز يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا ياردەم قىلالمايدۇ (رىملىقلار 3:20، 24؛ ئىبرانىيلار 1:3، 4). لېكىن، ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە بېرىپ، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان (رىملىقلار 5:12، 18، 19). ئەمدى، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئالدىدا گۇناھتىن پاك بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلىكىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىشى كېرەك.—ئەفەسلىكلەر 3:11، 12.
ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىساق، خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئۇنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەن بولىمىز. كېلىڭ، ئۇشبۇ رولنىڭ پەقەت ئۈچ تەرىپىنى كۆرۈپ چىقىمىز: (1) ئەيسا مەسىھ «خۇدانىڭ قوزىسىدۇر» ۋە ئۇنىڭ قۇربانلىقى گۇناھلارنى كەچۈرۈش ئۈچۈن ھۇل-ئاساس بولۇپ كەلمەكتە. (2) تەڭرى يەھۋا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرگەن ۋە ھازىر ئۇ «باش روھانىيىمىز» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، بىزنى تۆلەم ئارقىلىق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرمەكتە. (3) پەقەت ئەيسا مەسىھ دۇئا ئارقىلىق ياراتقۇچى يەھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ يولىنى ئاچقان.—يۇھاننا 1:29؛ 14:6؛ ئىبرانىيلار 4:14، 15.
ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىش ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ ھېچ يامىنى يوق، سەۋەبى، ياراتقۇچى يەھۋا شۇنى ئىرادە قىلغان: «. . .ئەيسانىڭ ئىسىمىغا تىز پۈكۈپ، ئەيسا مەسىھنى ھەزرىتىمىز دەپ ئوچۇق ئېتىراپ قىلىپ، خۇدا ئاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن» (فىلىپىلىكلەر 2:10، 11). ئەڭ مۇھىمى، ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىپ، بىز ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىققا بەرگەن تەڭرى يەھۋانى ئۇلۇغلايمىز.—يۇھاننا 3:16.
خۇداغا رەسمىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىمىزدىن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
ئەيسا مەسىھنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنى تەسۋىرلەيدىغان تۈرلۈك نام-ئۇنۋانلار قوللىنىلغان. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان، قىلىۋاتقان ۋە كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (« ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھىم رولى» ناملىق رامكىغا قاراڭ). دەرھەقىقەت، خۇدا ئۇنىڭغا «باشقا ھەرقانداق ئىسىمدىن يۇقىرى ئىسىمنى» ۋە ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇقنى بەرگەن.—فىلىپىلىكلەر 2:9؛ مەتتا 28:18.
بۇ پەقەت بىر رەسمىيەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك
ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشىنى خالىساق، ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىشىمىز لازىم (يۇھاننا 14:13، 14). لېكىن، ئەيسانىڭ نامىدىن دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى رەسمىيەتكە ئايلاندۇرۇش تەكرار-تەكرار ئېيتماسلىقىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟
بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. سىزگە بىر خەت كەلدى دەيلى. ئۇنىڭ ئاخىرىدا «ھۆرمەت بىلەن» دېگەن سۆز-ئىبارە بار. بۇ سۆز-ئىبارە، ئۇنى يازغان كىشىنىڭ سەمىمىي ھېس-تۇيغۇلىرىمۇ ياكى بىر رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلامدۇ؟ ئېنىقكى، دۇئالىرىمىزدا ئەيسانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىش رەسمىيەتچىلىك ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب بىزنى «توختىماي دۇئا قىلىڭلار»،— دەپ دەۋەت قىلىدۇ. لېكىن، خۇداغا رەسمىي ھالدا ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىمىزدىن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.—1-سالونىكالىقلار 5:17؛ زەبۇر 119:145.
‹ئەيسا مەسىھ نامىدىن› دېگەندەك سۆزلەر رەسمىيەتچىلىككە ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ مەسىلەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاجايىپ پەزىلەتلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇ سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭ. دۇئالىرىڭىزدا يەھۋاغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئوغلىغا ئاجايىپ رولنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ھەزرىتى ئەيسا بەرگەن ۋەدىنىڭ ئەمەل ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولىدۇ: «ئاتىدىن نېمە سورىساڭلار، سىلەرگە مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن بېرىدۇ».—يۇھاننا 16:23.