ئەيسا — ئۇ خۇدامۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچ بىرلىك تەلىماتىنى خرىستىئان دىنلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەلىماتى دەپ قارايدۇ. ئۈچ بىرلىك تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھتىن ئىبارەت ئۈچ روھىي شەخس بىر خۇدادۇر. كاردىنال جون ئوكوننور ئۈچ بىرلىك تەلىماتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ تەلىماتنىڭ يوشۇرۇن سىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ھەم ئەسلا ئۇنى تولۇق چۈشەنمەيمىز». نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلىك تەلىماتىنى چۈشىنىش شۇنچە قىيىن؟
بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بىر لۇغەتتە مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچ بىر ئايىتىدە ئۈچ بىرلىك تەلىماتىغا ئېنىقلىما بېرىلمىگەچ، ئۇ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان» («The Illustrated Bible Dictionary»). شۇنداقتىمۇ، بۇ تەلىماتقا ئىشەنگەنلەر ئۇنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنى تەستىقلايدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى قايتا-قايتا ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى بۇرمىلايدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر ئۈچ بىرلىك تەلىماتىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلامدۇ؟
دائىم ناتوغرا چۈشەندۈرۈلىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەردىن بىرى يۇھاننا 1:1-ئايەتتۇر. «مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە» بۇ ئايەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «دەسلەپتە سۆز بار ئىدى، سۆز خۇدا [گرېكچە، تون تېئون] بىلەن بىللە ئىدى ۋە سۆز بىر ئىلاھ [تېئوس] ئىدى» (يۇھاننا 1:1). بۇ ئايەتتە، تېئوس («خۇدا») دېگەن گرېك سۆزىنىڭ ئىككى شەكلى ئىشلىتىلىدۇ. تېئون سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل تون بولغاچ، تېئون ھەممىگە قادىر خۇدانى كۆرسىتىدۇ. تېئوس سۆزىنىڭ ئالدىدا بولسا، ئېنىق ئارتىكىل يوق. خاتالىق يۈز بېرىپ، بۇ يەردىكى ئېنىق ئارتىكىل يېزىلماي قالغانمىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلىك تەلىماتىنى چۈشىنىش شۇنچە قىيىن؟
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر قەدىمقى گرېك ئورتاق تىلى كوينې دەپمۇ ئاتالغان تىلىدا يېزىلغان. بۇ تىلدا ئېنىق ئارتىكىلنى ئىشلىتىشنىڭ قائىدىلىرى بولغان. مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى ئارچىبالد توماس روبېرتسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر جۈملىدە ئىگە ۋە پېئىلنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل تۇرسا، شۇ جۈملىنىڭ ئەزالىرى «بىر-بىرىگە باراۋەر ۋە بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ». بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، ئۇ مەتتا 13:38-ئايەتنى نەقىل كەلتۈردى. بۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: ئېتىز [گرېكچە، خو ئاگروس]— بۇ دۇنيا [گرېكچە، خو كوسموس]. «ئېتىز» ۋە «دۇنيا» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا خو دېگەن ئارتىكىل تۇرىدۇ. گرامماتىكا شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئېتىز بىلەن دۇنيا بىرخىل نەرسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەردە يۇھاننا 1:1-ئايەتكە ئوخشاش، ئىگە ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل بولسا، لېكىن پېئىل ئالدىدا ئارتىكىل بولمىسىچۇ؟ بۇ ئايەتنى نەزەردە تۇتۇپ، جېيمىس ئالېن خيۇئېنت شۇنى تەكىتلەيدۇ: «بۇنداق سۆز قۇرۇلمىسىدا ئىگە ۋە پېئىل بىر-بىرىگە باراۋەر ئەمەس ۋە بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلمايدۇ».
خيۇئېنت بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن 1-يۇھاننا 1:5-ئايەتنى كەلتۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە: «خۇدا يورۇقلۇقتۇر»،— دەپ يېزىلغان. گرېك تىلىدا خۇداغا قارىتا خو تېئوس دېگەن سۆز يېزىلىدۇ، يەنى بۇ سۆزنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل خو بار. بىراق، يورۇقلۇقنى بىلدۈرىدىغان فوس دېگەن گرېك سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل يوق. خيۇئېنت بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «خۇدانى يورۇقلۇققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، بىراق يورۇقلۇق خۇدادۇر دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ». يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى. يۇھاننا 4:24 ۋە 1-يۇھاننا 4:16-ئايەتلەردە، «خۇدا — روھتۇر» ۋە «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر» دېگەن سۆز-ئىبارىلەر بار. بۇ ئايەتلەردە «خۇدا» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل ئىشلىتىلگەن، بىراق «روھ» ۋە «مېھىر-مۇھەببەت» دېگەن پېئىل سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئارتىكىل يوق. شۇنداق ئىكەن، بۇ سۆزلەر بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا، روھنى خۇدادۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى خۇدادۇر دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
«سۆز» — ئۇ كىم؟
قەدىمقى گرېك تىلىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ۋە كۆپلىگەن مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچىلار يۇھاننا 1:1-ئايەتتىكى «سۆز» دېگەن نام-ئۇنۋان شەخسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچى ۋىليام باركىلاي مۇنداق دەيدۇ: «[ئەلچى يۇھاننا] بۇ ئايەتتە تېئوس سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل ئىشلەتمىگەچ، بۇ سۆز پەقەت ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتنى تەسۋىرلەيدۇ. يۇھاننا بۇ ئايەتتە «سۆز» خۇداغا تەڭ-باراۋەر دېمەكچى بولمىغان. ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئەيسانى خۇدانىڭ ئۆزى دېمىگەن». جېيسون دېيۋىد بېدۇن ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇپ، مۇنداق دېگەن: «يۇھاننا 1:1-ئايەتنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا يېزىلغاندەك، تېئوس دېگەن گرېك سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل بولمىسا، قەدىمقى گرېك تىلدا سۆزلەيدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ سۆزنى بىردىنبىر خۇدا ئەمەس، ئىلاھىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان شەخسنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتى». بىر مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسى ئۈستىدە ئىشلىگەن ئالىم (American Standart Version) جوسېف ھېنرى تايېر بۇ ئايەتنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «لوگوس [سۆز] خۇدانىڭ ئۆزى ئەمەس، ئىلاھىي خۇسۇسىيىتى بار بىرى».
ئەيسا مەسىھ دۇئادا ئۆزى بىلەن ئاتىسى ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرسەتكەن
خۇدانىڭ كىملىكى ھەقىقەتەن يوشۇرۇن سىرمۇ؟ ئەيسا پەيغەمبەر شۇنداق ئويلىمىغان. ئەيسا مەسىھ دۇئادا ئۆزى بىلەن ئاتىسى ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرسەتكەن: «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن يېگانە ھەق خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇش كېرەك» (يۇھاننا 17:3). ئەگەر ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنسەك ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى روشەن ھەقىقەتنى چۈشەنسەك، شۇ چاغدا ئەيسانىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلىمىز ۋە ئۇنى خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. يەھۋانى بولسا، «يېگانە ھەق خۇدا» دەپ تونۇيمىز.