سەگەك تۇرۇڭلار!
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيادا ئاشلىق كرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ
2022 يىل، 19-مايدا، 75تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار «ئاللىقاچان 19-COVID تارقىلىشچان كېسىلى ۋە ھاۋا كىلىمات ئۆزگۈرۈشى سەۋەبلىك، دۇنيانىڭ يامانلىشىپ كەتكەن ئاشلىق كرىزىسىنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق ئاپىتى باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە خەۋەر بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەنگلىيەنىڭ بىر گېزىتىدا: «ئاللىقاچان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا تولۇپ كەتكەن بۇ دۇنيا ئەمدىلىكتە ئۇرۇش سەۋەبلىك كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ»،— دەپ يېزىلغان («The Economist»). مۇقەددەس كىتابتا ئاچارچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان، شۇنداقتىمۇ ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر بار.
مۇقەددەس كىتابتا ئاشلىق كرىزىسى بېشارەت قىلىنغان
ئەيسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ».—مەتتا 24:7.
مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەھىيلەر كىتابىدا تۆت سىمۋوللۇق چەۋەنداز تەسۋىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئاچارچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان يەنە بىرى كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەكلەر ھەددىدىن زىيادە قىممەت باھادا سېتىلىدۇ. «قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. ... «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ...» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم».—ۋەھىيلەر 6:5، 6.
مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىر زامان» دەپ ئاتالغان ۋاقىتتا، يەنى ھازىر بۇ بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشماقتا (2-تىموتىي 3:1). «ئاخىر زامان» ۋە ۋەھىيلەر كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن تۆت چەۋەنداز ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «دۇنيا 1914-يىلدىن باشلاپ ئۆزگەردى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە «تۆت چەۋەنداز ئۇلار كىملەر؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، ھەتتا ئاشلىق كەمچىلىكى قاتارلىق قىيىن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار. «بارىغا قانائەت قىلىپ ياشاش» ناملىق ماقالىدىن بەزى مىساللارنى كۆرۈڭ.
شۇنداقلا مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئۈمىد بېرىپ، يامان ۋەزىيەتنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدا «يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول» بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكى مول بولىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان.—زەبۇر 72:16. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئۈمىد ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ ئۈمىدكە ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «ئەتىمىز ئۈچۈن گۈزەل بىر ئۈمىد» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.