سەگەك تۇرۇڭلار!
روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىماي، 2022-يىل، 24-فېۋرال كۈنى تاڭ سەھەردە، روسىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىدى. بۇ ئۇرۇش دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇرۇشنىڭ ياۋرۇپا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارغا قانچىلىك ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن».
مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
ئەيسا مەسىھ: «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ»،— دەپ شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى (مەتتا 24:7). «ئاخىرقى كۈنلەر» ياكى «ئاخىر زاماننىڭ» ئالامەتلىرى نېمە؟» دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتاب، بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ ئەيسا ئېيتقان بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەھىي كىتابىدا ئۇرۇش «يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش» ھوقۇقى بېرىلگەن رەڭگى قىزىل ئاتنى مىنگۈچى چەۋەنداز سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىي 6:4). بۇ بېشارەتنىڭ بۈگۈنكى ئۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «تۆت چەۋەنداز ئۇلار كىملەر؟» (باشقا تىل.) دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
دانىيال كىتابىدا، «شىمال پادىشاھى» بىلەن «جەنۇب پادىشاھى» ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىش بېشارەت قىلىنغان (دانىيال 11:25–45). نېمە ئۈچۈن روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى «شىمال پادىشاھى» دەپ تونۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بېشارەت — دانىيال 11-باب» (باشقا تىل.) ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ a.
ۋەھىي كىتابىدا يەنە «ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدە بولىدىغان» ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىي 16:14، 16). ئەمما بۇ بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئەمەس. كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «ئارماگېدون ئۇرۇشى دېگەن نېمە؟» (رۇس.) دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
نېمە ئۈچۈن كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن كۆز تىكەلەيمىز؟
مۇقەددەس كىتابتا، خۇدا «ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ» دېيىلگەن (زەبۇر 46:9). خۇدا ۋەدە قىلغان كەلگۈسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «ئەتىمىز ئۈچۈن گۈزەل بىر ئۈمۈت» (رۇس.) ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن ئىدى (مەتتا 6:9، 10). ئۇ پادىشاھلىق خۇدانىڭ يەر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاسماندىكى ھۆكۈمەت. خۇدانىڭ ئىرادىسى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئۇكرائىنادا 129000دىن كۆپرەك يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بار. باشقا دۆلەتلەردىكى گۇۋاھچىلارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ سىياسىي جەھەتتە بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئەيسانى ئۈلگە قىلىدۇ (يۇھاننا 18:36). دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى داۋاملىق «پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى»، يەنى ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ (مەتتا 24:14). سىز مۇقەددەس كىتابتىكى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ۋەدىلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى خالىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
a بۇ بېشارەتنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئاخىر زاماندىكى «شىمالىي پادىشاھ» ۋە «بۈگۈنكى كۈندە «شىمالىي پادىشاھ» كىم؟» ناملىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ.