مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

mustafahacalaki/‏DigitalVision Vectors via Getty Images

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

سۈنئىي ئە‌قىل —‏ پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟‏ —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

سۈنئىي ئە‌قىل —‏ پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟‏ —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 يېقىندا دۇ‌نيادىكى رە‌ھبە‌رلە‌ر،‏ ئالىملار ۋە تېخنىكا مۇ‌تە‌خە‌سسىسلىرى سۈنئىي ئە‌قلىي ئىقتىدار،‏ ياكى سۈنئىي ئىدراكنىڭ كۈچى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشتى.‏ ئۇ‌لار سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ بۇ تېخنىكىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىدىن ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏

  •   «بۈگۈنكى كۈندە سۈنئىي ئە‌قىلنى ئىنسانلارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى زور دە‌رىجىدە ياخشىلايدىغان ئە‌ڭ كۈچلۈك بىر تېخنىكا دېيىشكە بولىدۇ.‏  .‏ .‏ .‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ سۈنئىي ئە‌قىل بىخە‌تە‌رلىك ۋە تىنچلىققا تە‌ھدىت ئېلىپ كېلىشى،‏ كىشىلىك ھوقۇ‌ققا ۋە شە‌خسىي مە‌خپىيە‌تلىككە دە‌خلى-‏تە‌رۇ‌ز قىلىشى،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك خە‌لقنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى يوقىتىشىغا ئاساس بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏—‏ئامېرىكا مۇ‌ئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خارىس،‏ 2023-‏يىل،‏ 4-‏ماي.‏

  •   دوكتۇ‌ر.‏ فرېدېرىك فېدېرسپېل يېتە‌كچىلىكىدە بىر توپ دوختۇ‌رلار ۋە مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر،‏ 2023-‏يىل،‏ 9-‏ماي كۈنى،‏ «دۇ‌نيا ساغلاملىقى» ژۇ‌رنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «گە‌رچە سۈنئىي ئە‌قىل تىببىي داۋالاشتا كۆپ مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىشتا پايدىلىق بولسىمۇ،‏ ئۇ جىسمانىي ۋە ھېسسىي ساغلاملىقىمىزغا زىيان يە‌تكۈزۈشى مۇ‌مكىن» (‏BMJ Global Health‏)‏ a‏.‏

  •   «ئادە‌ملە‌ر ئاللىقاچان سۈنئىي ئىدراكنى يالغان مە‌لۇ‌ماتلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ سۈنئىي ئىدراك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئىشسىز قالدۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پە‌ن-‏تېخنىكا ساھە‌سىدە ئىشلە‌يدىغان بە‌زى كىشىلە‌ر سۈنئىي ئە‌قىلنىڭ ئىنسانىيە‌تكە زىيان يە‌تكۈزۈشىدىن ئە‌نسىرە‌يدۇ».‏—‏«نيۇ-‏يورك ۋاقىت گېزىتى»،‏ 2023-‏يىل،‏ 1-‏ماي.‏

 سۈنئىي ئە‌قىل ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟‏ بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ ئېنىق بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كە‌شپىياتلىرى كىشىنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدۇ؟‏

 پە‌ن-‏تېخنىكا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلە‌ۋاتىدۇ،‏ ئە‌مما ئىنسانلار ئىلغار تېخنىكىنىڭ پە‌قە‌ت پايدىلىق ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالە‌تلىك قىلالمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:‏

  1.  1.‏ گە‌رچە ئادە‌ملە‌رنىڭ نىيە‌تلىرى ياخشى بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنىڭ سە‌لبىي تە‌سىرلىرىنى ئالدىن كۆرە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏

    •   «قارىماققا ئادە‌مگە توغرا كۆرۈنىدىغان يول بار،‏ ئە‌مما ئۇ ئاخىرىدا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارار».‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏12‏.‏

  2.  2.‏ بىر تە‌تقىقاتچى ئۆزىنىڭ كە‌شپىياتىنى باشقىلارنىڭ توغرا ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشىنى كونترول قىلالمايدۇ.‏

    •   «ھە‌ممىسىنى مە‌ندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىگە قالدۇ‌رۇ‌پ كېتىشىم كېرە‌ك.‏ ئۇ كىشىنىڭ دانا ياكى نادان بولۇ‌شىنى كىم بىلىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قوياش ئاستىدا تىرىشىپ-‏تىرمىشىپ،‏ ھېكمە‌ت بىلە‌ن ئېرىشكە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىلىرىمگە ئۇ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ».‏—‏ۋە‌ز 2:‏18،‏ 19‏.‏

 بۇ نېمە ئۈچۈن ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

كىمگە ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

 ياراتقۇ‌چىمىز ئىنسانلارنىڭ ياكى ئۇ‌لارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يە‌ر يۈزىنى ياكى ئىنسانىيە‌تنى ھالاك قىلىشىغا ھە‌رگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏

  •   «يە‌ر يۈزى مە‌ڭگۈ قالار».‏—‏ۋە‌ز 1:‏4‏.‏

  •   «ھە‌ققانىيلار يە‌ر يۈزىگە ئىگە بولار،‏ ئۇ‌لار يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏.‏

 ياراتقۇ‌چىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ كېلە‌چە‌كتە بىخە‌تە‌ر ۋە تىنچ-‏ئامان ھايات كە‌چۈرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە دە‌يدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏پارلاق كېلە‌چە‌ككە ئېرىشىشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏‏» ۋە «‏كېلە‌چە‌ككە بولغان ھە‌قىقىي ئۈمىد‏» ناملىق ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

a فرېدېرىك فېدېرسپېل،‏ رۇ‌ت مىتچېل،‏ ئاشا ئاسوكان،‏ كارلوس ئۇ‌مانا ۋە دېيۋىد ماككوي قاتارلىقلار يازغان «سۈنئىي ئە‌قىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا بولغان تە‌ھدىتى» ناملىق ماقالىدىن نە‌قىل كە‌لتۈرۈلدى.‏