سەگەك تۇرۇڭلار!
شىددەتلىك كەلكۈنلەر — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا نۇرغۇن ئادەملەر شىددەتلىك كەلكۈن ئاپەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ باياناتلىرىغا دىققەت قىلىڭ:
«جۇڭگونىڭ پايتەخت شەھىرىدە، بىرنەچچە كۈن يېقىنقى 140 يىل ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنتايىن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ئاپىتى يۈز بەردى. . . . شەنبە كۈنىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە 8.744 مىللىمېتىر (48.74 سانتىمېتىر) يامغۇر ياغدى» (AP News، 2023-يىل، 2-ئاۋغۇست)
«قانۇن تەيفېڭ بورىنى پەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ جەنۇبىغا شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇرنى ئېلىپ كېلىپ، كەم دېگەندە 2 ئادەم قازا قىلدى. . . . بوران تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تاغلىق رايونغا ئېلىپ كېلىدىغان ھۆل-يېغىن مىقدارى 0.6 مېتىر (60 سانتىمېتىر) دەپ مۆلچەرلەنمەكتە» (DeutscheWelle، 2023-يىلى 3-ئاۋغۇست).
«بۇ ھەپتە ئاخىرىدا (يېڭى شوتلاندىيە) كانادانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدا 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان شىددەتلىك يامغۇر ياغقاچ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى» (BBC News، 2023-يىل، 24-ئىيۇل).
مۇقەددەس كىتاب بۇ ئىش-ۋەقەلەر توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟
ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتى
مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ «ئاخىر زامان» دەپ ئاتىلىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاشكارا قىلىدۇ (2-تىموتىي 3:1). ئەيسا پەيغەمبەر بۇ مەزگىل ئىچىدە ھەيۋەتلىك ئالامەتلەرنى، يەنى شىددەتلىك ئىش-ۋەقەلەرنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بېشارەت قىلغان (لۇقا 21:11). كىلىمات ئۆزگىرىشى بارا-بارا مۆلچەرلىگۈسىز، دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە ھەددىن زىيادە زىيان كەلتۈرگۈچى ھاۋا-رايى ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ سەۋەبى
مۇقەددەس كىتاب بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدە يۈز بېرىۋاتقان شىددەتلىك ئىش-ۋەقەلەر بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ دەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىڭلار» (لۇقا 21:31؛ مەتتا 24:3).
بىز كۆرۈۋاتقان ۋەقەلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خۇدا پادىشاھلىقى پات يېقىندا يەر يۈزىدىكى بارچە تەبىئىي ھادىسىلەرنى، شۇ جۈملىدىن كەلكۈن ئاپەتلىرىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەيدۇ (ئايۇپ 36:27، 28؛ زەبۇر 107:29).
خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىدىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، «يەر شارىنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ