مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

Getty Images/‏Anna Moneymaker

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

ئالىملار قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائە‌ت تىلىنى ئالدىغا يۆتكىدى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

ئالىملار قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائە‌ت تىلىنى ئالدىغا يۆتكىدى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 ئالىملار،‏ 2023-‏يىلى 24-‏يانۋاردا،‏ قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائىتى a يېرىم كېچىگە،‏ يە‌نى دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.‏

  •   «بۇ يە‌ردە تىلغان ئېلىنغان «قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائىتى» ئىنسانىيە‌ت ئۆز-‏ئۆزىنى ۋە‌يران قىلىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىگە سىمۋول قىلىنغان.‏ سە‌يشە‌نبە كۈنى،‏ ئالىملار قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائە‌ت تىلىنى يېرىم كېچىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌ردى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌كرائىنادىكى ئۇ‌رۇ‌ش،‏ يادرو قورالى ئۇ‌رۇ‌شى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ۋە يە‌ر شارى مۇ‌ھىت بۇ‌لغىنىشى ئىلگىرى ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ تېخىمۇ يامان ۋە‌زىيە‌تكە يۈزلىنىپ كېتىۋاتىدۇ».‏—‏AFP International Text Wire.‏

  •   «سە‌يشە‌نبە كۈنى،‏ ئالىملار قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائە‌ت تىلى يېرىم كېچىگە،‏ يە‌نى ئىنسانىيە‌ت ئۆز-‏ئۆزىنى پۈتۈنلە‌ي ھالاك قىلىدىغان ۋاقىتقا 90 سېكۇ‌نت قالغان يە‌رگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارلىدى».‏—‏ABC News.‏

  •   «خە‌لقئارالىق بىر گۇ‌رۇ‌پپا ئالىملار ئىنسانىيە‌ت ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ئە‌ڭ چوڭ خە‌تە‌رگە يۈزلە‌نگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌ردى».‏—‏The Guardian‏.‏

 ئىنسانىيە‌ت ۋە يە‌ر شارىنىڭ گۇ‌مران بولۇ‌ش ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتامدۇ؟‏ كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ‏«يە‌ر يۈزى مە‌ڭگۈگە قالار»‏ ۋە ئادە‌ملە‌ر ‏«يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشار»‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ز 1:‏4؛‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىنسانلار يە‌ر يۈزىنى ۋە‌يران قىلمايدۇ ياكى پۈتكۈل يە‌ر شارى ياشاش ئىمكانسىز بىر جايغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.‏

 ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىر ئاخىرلىشىشنى تىلغا ئالىدۇ‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭدا «بۇ دۇ‌نيا .‏.‏.‏ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دە‌پ يېزىلغان.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏17‏.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىشى ئە‌سلىدە نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ «‏دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېلىۋاتىدۇ؟‏ ئاخىرە‌ت كۈنى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ كېلە‌چە‌كتە دۇ‌نيادا يۈز بېرىدىغان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى دە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ «‏بۇ دۇ‌نيا قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۈمىدۋار بولۇ‌شقا تىرىشىڭ

 بۈگۈنكى كۈندىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ بىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇ‌شقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ قانداق؟‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ ئىجابىي كۆز قارىشىڭىزنى ساقلاشقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ «‏غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رگە قانداق تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كېلە‌چە‌ككە بولغان ئىشە‌نچىلىك بىر ئۈمىدنى بېرىدۇ (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھە‌م كېلە‌چە‌كتە قانداق ئىشلارنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇ‌رغانلىقىنى ئېنىق چۈشە‌ندۈرىدۇ ۋە دۇ‌نيادا قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ داۋاملىق ئۈمىدۋار بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن،‏ سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ھە‌قسىز بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏

a ‏«قىيامە‌ت كۈنىنىڭ سائىتى —‏ كىشىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رىدىغان بىر لايىھە.‏ بۇ ئۆز قولىمىز بىلە‌ن ياسىغان خە‌تە‌رلىك تېخنىكىلار ئارقىلىق دۇ‌نيانى ۋە‌يران قىلىشقا قانچىلىك يېقىنلاپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ بىر ئوخشىتىش بولۇ‌پ،‏ بىزگە يە‌ر يۈزىدە ھايات قېلىش ئۈچۈن چوقۇ‌م ھە‌ل قىلىش زۆرۈر بولغان خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌رنى ئە‌سكە‌رتىدۇ» (‏Bulletin of the Atomic Scientists‏)‏.‏