مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

YURI LASHOV/AFP via Getty Images

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋە ئۇ‌رۇ‌شلار —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋە ئۇ‌رۇ‌شلار —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 كۆپلىگە‌ن خرىستىئان دىنىي رە‌ھبە‌رلىرى ئۇ‌كرائىنادىكى ئۇ‌رۇ‌شنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌ر ئىككىلا تە‌رە‌پنى قانداق قوللاۋاتقانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ:‏

  •   «دۆلىتىمىز ئۇ‌كرائىنانى قوغداۋاتقان ھە‌ممە ئە‌سكە‌رلە‌رگە چوڭقۇ‌ر ھۆرمىتىمىزنى ۋە مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.‏ سىلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌داغا دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىۋاتىمىز ۋە قە‌لبىمىز سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە،‏ ھە‌ردائىم سىلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمىز».‏ —‏ كىيېۋ چوڭ شە‌ھىرى باش روھانىيسى ئېپىفانىئۇ‌س (‏Jerusalem Post‏،‏ يېرۇ‌سالىم پوچتا گېزىتى،‏ 2022-‏يىل،‏ 16-‏مارت)‏

  •   «موسكۋا ئۇ‌كرائىنادىكى ھە‌ربىي ھۇ‌جۇ‌مىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ۋاتقاندا،‏ رۇ‌س پراۋىسلاۋىيان چىركاۋسىنىڭ رە‌ھبىرى يە‌كشە‌نبە كۈنىدە رۇ‌س ئە‌سكە‌رلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە دىنىي مۇ‌راسىم ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ رۇ‌س ئە‌سكە‌رلىرىنى ئۆز دۆلىتىنى قوغداشقا ئۈندىگە‌ن» (‏رېيتېر خە‌ۋە‌ر ئاگېنتلىقى،‏ 2022-‏يىل،‏ 3-‏ئاپرېل)‏

 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىشى كېرە‌كمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌تە‌ن نېمە يېزىلغان؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتناشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

  •   «قىلىچىڭنى غىلاپىغا سالغىن،‏ چۈنكى قىلىچ كۆتۈرگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قىلىچ بىلە‌ن ھالاك بولىدۇ».‏—‏مە‌تتا 26:‏52‏.‏

     ئۇ‌رۇ‌شلارغا قاتنىشىدىغان ياكى ئۇ‌نى قوللايدىغان كىشى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالامدۇ؟‏

  •   «‏مە‌ن سىلە‌رگە يېڭى ئە‌مىر بېرىمە‌ن:‏ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.‏ مە‌ن سىلە‌رنى سۆيگىنىمدە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.‏ ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ‏».‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏.‏

     ئە‌گە‌ر كىشى ئۇ‌رۇ‌شتا مە‌لۇ‌م بىر تە‌رە‌پنى قوللىسا،‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرىغا خاس سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏

 كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ «‏مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌رۇ‌شقا قاتناشسا بولامدۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇ‌رۇ‌شلار

 بۈگۈنكى كۈندە مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچە‌مدۇ؟‏ ھە‌ئە.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زامان ئاخىرىدا ھە‌رخىل مىللە‌تتىن چىققان بىر توپ كىشىلە‌رنىڭ ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنى ئۆگە‌نمە‌ي،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىگە ماس ياشايدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان.‏—‏يە‌شايا 2:‏2،‏ 4‏.‏

  •   «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىدىكى «‏خۇ‌دا ئۇ‌رۇ‌شلارغا قانداق قارايدۇ‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

 ‏«تىنچلىقنىڭ خۇ‌داسى»‏ a پات-‏يېقىندا ئاسماندىكى پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئادە‌ملە‌رنى زۇ‌لۇ‌م ۋە زوراۋانلىقتىن قۇ‌تقۇ‌زىدۇ.‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏9؛‏ زە‌بۇ‌ر 72:‏14‏.‏

a يە‌ھۋا —‏ خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18‏.‏