مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

مە‌كتە‌پتىكى ئوق چىقىرىش ۋە‌قە‌لىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

مە‌كتە‌پتىكى ئوق چىقىرىش ۋە‌قە‌لىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 2022-‏يىلى،‏ 24-‏ماي كۈنى،‏ ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنىڭ يۇ‌ۋالدې دېگە‌ن كىچىك شە‌ھە‌ر-‏بازىرىدا كىشىلە‌رنى قورقۇ‌تىدىغان بىر پاجىئە يۈز بە‌ردى.‏ «نيۇ-‏يورك ۋاقىت» (‏The New York Times‏)‏ گېزىتىدا:‏ «قوراللىق بىر كىشى روب باشلانغۇ‌چ مە‌كتىپىدە 19 بالا ۋە ئىككى ئوقۇ‌تقۇ‌چىنى ئۆلتۈرگە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏

 ئېچىنارلىقى،‏ شۇ‌نداق دە‌ھشە‌تلىك ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق پات-‏پات ئاڭلاپ تۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز.‏ «بۈگۈنكى ئامېرىكا» (‏USA Today‏)‏ گېزىتىنىڭ خە‌ۋىرىگە قارىغاندا،‏ پە‌قە‌ت ئامېرىكىدىلا «ئۆتكە‌ن يىلى مە‌كتە‌پلە‌ردە 249 قېتىم ئوق چىقىرىش ۋە‌قە‌لىرى يۈز بە‌رگە‌ن بولۇ‌پ،‏ بۇ سان 1970-‏يىلدىن بۇ‌يانقى ھە‌رقانداق بىر يىلغا قارىغاندا ئە‌ڭ كۆپ».‏

 نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق پاجىئە‌لە‌ر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟‏ بىز بۇ‌نداق رە‌زىل قىلمىشلارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رالايمىز؟‏ زوراۋانلىقلار بىر كۈنى يوق بولارمۇ؟‏ جاۋابنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالايلى.‏

دۇ‌نيا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ زوراۋانلىققا تولۇ‌پ كە‌تتى؟‏

  •    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزنىڭ دە‌ۋرىمىز ‏«ئاخىر زامان»‏ دە‌پ ئاتىلىپ،‏ بۇ زاماندا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ‏«كۆيۈمسىز»‏ ۋە ‏«ۋە‌ھشىي»‏ بولۇ‌پ،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز ۋە زوراۋانلىق قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ شۇ‌نداق ئىللە‌تلىك كىشىلە‌ر ‏«بۇ‌رۇ‌نقىدىنمۇ يامانلىشىپ»‏ كېتىدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5،‏ 13‏)‏.‏ كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «‏كىشىلە‌رنىڭ بۈگۈنكىدە‌ك ئوي-‏پىكىر قىلىشى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغانمۇ‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

 نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر:‏ «خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن مە‌كتە‌پلە‌ردىكى ئوق چىقىرىشقا ئوخشاش قورقۇ‌نچلۇ‌ق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمايدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن «‏نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادە‌ملە‌ر يامان ئىشلارغا ئۇ‌چرايدۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يامانلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رالايمىز؟‏

  •    «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى سۆزلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىزگە تە‌لىم بولسۇ‌ن دە‌پ بۇ‌رۇ‌نلا يېزىپ قالدۇ‌رۇ‌لغان.‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىگە ئېرىشكە‌نگە قە‌دە‌ر ئۇ سۆزلە‌ر بىزنى رىغبە‌تلە‌ندۈرىدۇ ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك قىلىدۇ».‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى سىزنىڭ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادىكى زوراۋان ئىشلارغا تاقابىل تۇ‌رالىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن «‏زوراۋانلىق بىر كۈنى يوق بولارمۇ؟‏‏» ناملىق «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

 بالىلار ئاڭلىغان ياكى كۆرگە‌ن قورقۇ‌نچلۇ‌ق خە‌ۋە‌رلە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىغا ئاتا-‏ئانىلارنىڭ قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى «‏قورقۇ‌نچلۇ‌ق خە‌ۋە‌رلە‌ر ۋە بالىلىرىڭىز‏» ناملىق ماقالىدىن ئوقۇ‌ڭ.‏

زوراۋانلىق بىر كۈنى يوق بولارمۇ؟‏

  •    «ئۇ خالاس قىلار زۇ‌لۇ‌م ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇ‌لارنى».‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏14‏.‏

  •    «بۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌لار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى،‏ نە‌يزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇ‌شىدۇ؛‏ بىر ئە‌ل يە‌نە بىر ئە‌لگە قىلىچ كۆتە‌رمە‌يدۇ،‏ ئۇ‌لار ھە‌م يە‌نە ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنى ئۆگە‌نمە‌يدۇ».‏—‏مىكاھ 4:‏3،‏ كالام تە‌رجىمىسى‏.‏

 ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قادىر.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌رشتىكى پادىشاھلىقى بارلىق قورال-‏ياراقلارنى ۋە زوراۋانلىقلارنى يوق قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى كە‌لگۈسىدە يە‌نە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «‏پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا چە‌كسىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ھۆكۈم سۈرىدۇ‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏