سەگەك تۇرۇڭلار!
نېمە ئۈچۈن سىياسىي بۆلۈنۈشلەر شۇنچە كۆپىيىپ كەتتى؟ — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا كۈندىن-كۈنگە سىياسىي بۆلۈنۈشلەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. 2022-يىلى، پېۋ تەتقىقات (Pew Research Center) مەركىزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان: «19 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 65 پىرسەنتى ئۆز دۆلەتلىرىدە پەرقلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى قوللايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ياكى ئىنتايىن كۈچلۈك تالاش-تارتىشلار بارلىقىنى ئېيتقان».
سىز ياشاۋاتقان جايدا سىياسىي بۆلۈنۈشلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بۆلۈنۈشلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدىغان كۆزقاراشلار
مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىر زامان» دەپ ئاتالغان بۇ دەۋرىمىزدە، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان كۆزقاراشلاردا بولىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان.
«ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۆزىنىلا سۆيىدىغان،... مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان» بولىدۇ.—2-تىموتىي 3:1–3.
نۇرغۇن كىشىلەر قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز رولىنى ئوڭۇشلۇق جارى قىلدۇرۇشى تەس بولىۋاتىدۇ. بىر-بىرىگە قارشى سىياسىي كۆزقاراشتىكى ئادەملەرنىڭ بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالىشى تەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق نەتىجىلەر ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تەستىقلايدۇ.
«ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت زىيان-زەخمەت كەلتۈرىدىكەن».—ۋەز 8:9.
ئەمما، مۇقەددەس كىتاب بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنىڭ مەنبەسىنى يوق قىلالايدىغان بىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى تىلغان ئالغان.
كۆيۈمچان ۋە لاياقەتلىك رەھبەر
مۇقەددەس يازمىلاردا ئۆزگىچە ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان بىر رەھبەر تەسۋىرلەنگەن. بۇ رەھبەر — ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇنىڭ بارچە ئىنسانلارنى ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تىنچلىققا ئېرىشتۈرۈش ئىستىكى، ھوقۇقى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بار.
«ئۇنىڭ سەلتەنەت كۈنلىرىدە ئادىل كىشى گۈللەپ-ياشنار، ... تىنچ-ئامانلىق بولار».—زەبۇر 72:7.
«پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭغا خىزمەت قىلار».—زەبۇر 72:11.
ئەيسا مەسىھ مۇكەممەل رەھبەر. چۈنكى، ئۇ ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
«چۈنكى، ئۇ قۇتقۇزار نالە-پەرياد قىلغانلارنى، ياردەمچىسى يوقلارنى ۋە بىچارە ئاجىزلارنى. ئۇ بىچارە ۋە كەمبەغەللەرگە ئىچ ئاغرىتار، ئۇ كەمبەغەللەرنىڭ جانلىرىنى قۇتقۇزار. ئۇ قۇتقۇزار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى».—زەبۇر 72:12–14.
ئەيسا مەسىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھلىق ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىزنى قانداق بەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ.
«خۇدا پادىشاھلىقى — چىرىكلىك يوق ھۆكۈمەتتۇر» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.