سەگەك تۇرۇڭلار!
2023-يىل ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق ھاۋا رايى. مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان ئىسسىقلىققا ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك ھاۋا رايى ھادىسىلىرىگە بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىڭ:
«دۇنيا 174 يىلدىن بۇيان خاتىرىلىنىپ كەلگەن يەر شارى كلىماتىدىكى ئەڭ ئىسسىق 6 ئاينى باشتىن كەچۈردى».—ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسى، 2023-يىل، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى.
«ئىتالىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشانىڭ ھەممىسى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بەلكىم سىتسىلىيە ۋە ساردىنىيە ئارىلىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 48 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ ياۋروپا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بولۇشى مۇمكىن».—ياۋروپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى، 2023-يىل، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى.
«يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، مۆلچىرىمىزدىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ شىددەتلىك يامغۇرلارنىڭ يېغىشىنى كۆرىمىز، بۇمۇ كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».—2023-يىل، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى، گىدرولوگىيا، سۇ ۋە مۇزلۇق قەۋىتى ئىلىمىنىڭ باش مۇدىرى ستېفان ئۇخلېنبۇرگ.
بۇنداق ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ھاۋا رايى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشى سىزنى غەم-ئەندىشىگە سالامدۇ؟ بۇ مۇھىم ماۋزۇ ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ھاۋا رايى مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرامدۇ؟
ھە. يەر شارى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى ۋە باشقا شەكىلدىكى پەۋقۇلاددە ھاۋا رايى ھادىسىسى مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەسىلەن، ئەيسا پەيغەمبەر بىزنىڭ زامانىمىز توغرۇلۇق سۆزلەپ، «قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر» ياكى «ھەيۋەتلىك ئالامەتلەرنى» كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بېشارەت قىلغان ئىدى (لۇقا 21:11). يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىشى سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانىيەت يەرنى ۋەيران قىلىدۇ دەپ قورقىدۇ.
يەر شارى راستىنلا ۋەيران بولامدۇ؟
ياق. خۇدا يەر شارىنىڭ بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىمىز قىلىپ ياراتقان. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ (زەبۇر 115:16؛ ۋەز 1:4). ئەمەلىيەتتە، خۇدا ئۆزى «يەر يۈزىنى گۇمران قىلغۇچىلارنى گۇمران قىلىدۇ».—ۋەھىيلەر 11:18.
مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ يەر شارىنى قوغدايدىغان كۈچ-قۇدرىتى بارلىقىنى ۋە چوقۇم تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ قوغدايدىغانلىقى يېزىلغان.
«ئۇ بوران-چاپقۇنلارنى توختىتار، دېڭىز دولقۇنلىرىنى تىنچىتار» (زەبۇر 107:29). ياراتقۇچىمىزنىڭ تەبىئەت كۈچلىرىنى تىزگىنلەش كۈچى بار. خۇدا ھازىر كىشىلەرنى قىيناۋاتقان پەۋقۇلاددە ھاۋا رايى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ.
«سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلىسەن، ئۇنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، مول-ھوسۇلغا تولدۇرىسەن» (زەبۇر 65:9). خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدۇ.
مۇھىت مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدە ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «يەر شارىنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟» (باشقا تىلدا) دېگەن ماقالىنى كۆرۈڭ.