سەگەك تۇرۇڭلار!
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2023-يىل، 13-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى، «ئامېرىكىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزلىرى» (CDC) ئامېرىكىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا 40 پىرسەنتتىن كۆپرەك بالىلارنىڭ دائىم كۆڭلى يېرىم ۋە ئۈمىدسىز يۈرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
شۇ مەركەزلەرنىڭ «ئۆسمۈرلەر ۋە مەكتەپ ساغلاملىقى بۆلۈمى» (HSAD) مۇدىرى، دوكتور كەسېلىن ئېيسىر مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ياشلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتقا قارىغاندا، ھازىر ئۆسمۈر قىزلار ئارىسىدا روھىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلايدىغان، ھەتتا پىلان تۈزۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمەكتە».
باياناتتا:
ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ھەر 10نىڭ 1دىن كۆپرەكى (14 پىرسەنت) خالىمىغان ئەھۋالدا، زوراۋانلىق بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان. دوكتور ئېيسىر: «بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئىنتايىن چۆچىتىدۇ. سىز تونۇيدىغان ئون قىزدىن كەم دېگەندە بىرى، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكى جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن»،— دېدى.
ئۈچ ئۆسمۈر قىزدىن بىرى (30 پىرسەنت) ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرۇلۇق ئەستايىدىل ئويلانغان.
بەش ئۆسمۈر قىزنىڭ ئۈچى (57 پىرسەنت) ھەر دائىم كۆڭلى يېرىم ۋە ئۈمىدسىز يۈرىدىكەن.
بۇ سىتاستىكا ئۇچۇرى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى ئېچىندۇرىدۇ. ئەسلىدە ياشلار ئويناپ كۈلۈپ يۈرۈشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ
مۇقەددەس كىتاب ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلەر ھەققىدە تەسۋىرلەپ، ئۇنى «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار» دەپ ئاتىغان (2-تىموتىي 3:1–5). قانداقلا بولسۇن، مۇقەددەس كىتاب ھېچقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدىغان دانا مەسلىھەتنى بېرىدۇ. شۇ مەسلىھەت پۈتۈن دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ:
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھېس-تۇيغۇلىرى بار ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم
ئەگەر ياشىغۇم كەلمىسىچۇ؟
ياشىغۇم كەلمىسە، مۇقەددەس كىتاب ماڭا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقنى قەدىرلەش كېرەك؟
چۈشكۈنلۈك، قايغۇ-ھەسرەت ياكى سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم
چۈشكۈنلۈكنى قانداق يېڭەلەيمەن؟
سەلبىي پىكىر قىلىش تەرزىدىن قانداق نېرى تۇرالايمەن؟
غەم-تەشۋىشلەرگە قانداق تاقابىل تۇرالايمەن؟
ھېس-تۇيغۇلىرىمنى قانداق كونترول قىلالايمەن؟
قايغۇنى يېڭەلەيسىز (تېز سىزما كارتونلار)
بوزەك قىلىش ياكى ئىنتېرنېتتا بوزەككە ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەرگە ياردەم
مەكتەپتە مېنى بوزەك قىلسا، نېمە قىلالايمەن؟
ئىنتېرنېت ئارقىلىق بوزەك قىلىشقا ئۇچرىسام، نېمە قىلالايمەن؟
لۈكچەكلەرنى مۇش كۆتۈرمەي يەڭگىن! (تېز سىزما كارتونلار)
جىنسىي خورلاشقا ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەرگە ياردەم
جىنسىي خورلۇققا قانداق تاقابىل تۇرالايمەن؟
جىنسىي خورلاش ھەققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرەك؟ (1-قىسىم). قوغدىنىش چارىلىرى
جىنسىي خورلاش ھەققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرەك؟ (2-قىسىم). قوغدىنىش چارىلىرى
مۇقەددەس كىتاب ئاتا-ئانىلارغا ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىدۇ
مۇقەددەس كىتاب ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىدۇ. بۇ مەسلىھەت ئارقىلىق ئۇلار بالىلىرى ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. تۆۋەندىكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.
نېمە ئۈچۈن ياش-ئۆسمۈرلەر چۈشكۈنلۈككە چۈشىدۇ. ئۇلارغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
قىزىڭىز چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن بولسا، نېمە قىلالايسىز؟
بالام بوزەك قىلىنغان بولسا، نېمە قىلالايمەن؟
بالام ئۆز-ئۆزىگە زىيان-زەخمەت كەلتۈرۈپ يۈرسە، نېمە قىلالايمەن؟
بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى (1-قىسىم). بالام ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشى كېرەكمۇ؟
بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى (2-قىسىم). بالىلارغا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى بىخەتەر ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش
بالىلار ۋە يانفون (1-قىسىم). بالام يانفونغا مۇھتاجمۇ؟
بالىلار ۋە يانفون (1-قىسىم). بالىلارغا يانفوننى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش
شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە بالىلارغا ياردەم بېرىش