سەگەك تۇرۇڭلار!
يەر شارى ۋەيران قىلىنماقتا — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
«ئىنسانىيەت پات ئارىدا كىلىمات ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلماقتا. چوڭ شەھەرلەرنى سۇ بېسىپ كېتىش، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھاۋا ئىسسىپ كېتىش، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلار، ئىچىملىك سۇ يېتىشمەسلىك، مىليونلىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تۈرلىرىنى يوقۇلىشى، بۇلار توقۇلما گەپ ياكى مۇبالىغە ئەمەس. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتلەر ئېنىرگىيە ئىشلىتىش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمىسە، مۇشۇ تىلغا ئالغان ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىدۇ». (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېرىسنىڭ 2022-يىلى، 4-ئاپرېلدا خەلقئارا كىلىمات ئۆزگۈرۈشى يىغىنىدا ئېيتقان سۆزى).
«ئالىملار كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا كىلىمات ئۆزگۈرۈشى سەۋەبلىك، [ئامېرىكىدىكى] 423 دۆلەت باغچىسىنىڭ ھەممىسىگە دېگىدەك ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئوت ۋە كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چىدىغۇسىز ئىسسىق ھاۋا-رايى قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىدۇ، بۇ خۇددى مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن دەھشەتلىك بالايىئاپلەرگە ئوخشايدۇ» (نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، 2022-يىل، 15-ئىيۇن).
يەر شارىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنى كىم ھەل قىلالايدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.
مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان
مۇقەددەس كىتابتا خۇدا «يەرنى ۋەيران قىلغۇچىلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ۋاقىت كەلدى» دەپ يېزىلغان (ۋەھىيلەر 11:18). بۇ ئايەت بىزنى ئۈچ نەرسىگە ئىشەندۈرىدۇ:
1. ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يەر شارىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرىدۇ.
2. يەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئاخىرلىشىدۇ.
3. يەر شارىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى ئىنسانلار ئەمەس، خۇدانىڭ ئۆزى ھەل قىلىدۇ.
كەلگۈسىدە يەر شارى بىخەتەر بولىدۇ
مۇقەددەس كىتابتا يەر-زېمىن «مەڭگۈ قالىدۇ» دەپ يېزىلغان (ۋەز 1:4). ئۇنىڭدا ھەردائىم ئادەملەر ياشايدۇ.
«ھەققانىيلار يەرگە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەبەدىل-ئەبەد ياشايدۇ».—زەبۇر 37:29.
يەر شارى پۈتۈنلەي ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.
«جاڭگال ۋە قۇرۇپ قاغجىرىغان يەر خۇشال بولىدۇ، چۆل-باياۋان شادلىنىپ، زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ».—يەشايا 35:1.