سەگەك تۇرۇڭلار!
دۇنيادا پۇل پاخاللىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتتى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى 2022-يىل، ئىيۇندىكى دوكلاتىدا مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «دۇنيا يەنە ئىقتىسادى خەتەرگە دۇچ كەلدى. بۇ قېتىم بىر تەرەپتىن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت باھاسى تېز ئۆرلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ خەشلەيدىغان پۇللىرى ئازايدى».
خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە: «يېقىلغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ باھاسى تېز ئۆسۈپ، ئىقتىسادى گۈللەنمىگەن دۆلەتلەردىكى كەمبەغەل كىشىلەرگە كۈچلۈك زەربە بەردى».
مۇقەددەس كىتاب بىزگە نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ مەڭگۈ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
«ئاخىرقى كۈنلەردە» مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى
مۇقەددەس كىتابتا بىز ياشاۋاتقان دەۋىر «ئاخىرقى كۈنلەر» دەپ ئاتالغان.—2-تىموتىي 3:1.
ئەيسا مەسىھ بۇ زاماندا «ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر ۋە چوڭ ئالامەتلەر» يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 21:11). پۇل پاخاللىقىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىشى كىشىلەرنى قورقۇنچقا سالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئائىلىسىنى قانداق قامداش ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەر كىتابىدا ئاخىر زاماندا يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان. ««بىر قاچا بۇغداي بىر دىنارغا ۋە ئۈچ قاچا ئارپا بىر دىنارغا ... » دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلىدىم».—ۋەھىيلەر 6:6.
«ئاخىر زامان» ۋە ۋەھىيلەر كىتابىدىكى بېشارەت ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «دۇنيا 1914-يىلدىن باشلاپ ئۆزگەردى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە «تۆت چەۋەنداز ئۇلار كىملەر؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
بارلىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى
«ئادەملەر ئۆيلەرنى ياساپ، ئۇلاردا ئولتۇرىدۇ. [ئۈزۈم] تاللىقلارنى سېلىپ، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەپ، باشقىسىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ياسىماي، باشقىسىنىڭ يېيىشى ئۈچۈنمۇ تىكمەسلەر».—يەشايا 65:21، 22.
«يۇرتتا تاغنىڭ چوقۇسىغىچە ئاشلىق ئۈنۈپ، ئۇنىڭ ھوسۇلى» مول بولىدۇ.—زەبۇر 72:16.
«بىچارىلەرنىڭ ئۆزى زۇلۇم تارتىپ، پېقىرلار بولسا نالە قىلىپ تۇرغىنى ئۈچۈن مەن ئەمدى قوپاي دەپ خۇداۋەند [يەھۋا] ئېيتۇر».—زەبۇر 12:5. a
پات-ئارىدا خۇدا بىر دۆلەتتە ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئادالەتسىز ئىقتىسادىي شارائىتنى يوق قىلىدۇ. ئۇ بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «ئادىل بىر ئىقتىسادىي تۈزۈم ئورنىتىش مۇمكىنمۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مال باھالىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا مۇقەددەس كىتاب ياردەم بېرەلەيدۇ. قانداق قىلىپ؟ ئۇنىڭدا پۇلنى دانالىق بىلەن ئىشلىتىش ھەققىدە ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار (پەندى-نەسىھەت 23:4، 5؛ ۋەز 7:12). كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈڭ» ۋە «بارىغا قانائەت قىلىپ ياشاش» ناملىق ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
a خۇدانىڭ بىردىن-بىر خاس ئىسىمى يەھۋا.—زەبۇر 83:18.