سەگەك تۇرۇڭلار!
پۈتۈن دۇنيادا تېمپېراتۇرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2022-يىلى، ئىيۇل ئېيىدا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ھەققىدە خەۋەرلەرنى بەرگەن.
«جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئايدا، ئىككىنچى قېتىم تەخمىنەن 70 شەھەردە ھاۋا-رايىنىڭ ئىنتايىن ئىسسىپ كېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئادەملەرنى خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان» (2022-يىل، 25-ئىيۇل، «CNN Wire Service»).
«ياۋرۇپادا ھاۋا-رايى ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق بولۇپ كەتكەچكە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە شىددەتلىك ئورمان ئوت ئاپەتلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ» (2022-يىل، 17-ئىيۇل، «The Guardian»).
«يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كەتتى. بۇ يازلىق ئىسسىق ھاۋا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋە جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمىغا تارقالدى» (2022-يىل، 24-ئىيۇل، «The New York Times»).
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە نېمىدىن خەۋەر بېرىدۇ؟ يەر شارى ئاخىرى ياشاش ئىمكانسىز جايغا ئايلىنامدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئىسسىق ھاۋا-رايى ھەققىدە بېشارەت قىلىنغانمۇ؟
ھەئە. يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئوخشاش ئىش-ۋەقەلەر بىزنىڭ زامانىمىزدا يۈز بېرىدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغان. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ قورقۇنچلۇق ئىشلار ياكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئالامەتلەرنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن ئېيتقان (لۇقا 21:11). ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىنى گۇمران قىلىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ.
يەر شارى ياشاش ئىمكانسىز جايغا ئايلىنامدۇ؟
ياق. خۇدا يەر-زېمىننى ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغان ماكانى بولۇشى ئۈچۈن ياراتقان (زەبۇر 115:16؛ ۋەز 1:4). ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارنىڭ يەر شارىنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇ يەرنى گۇمران قىلغۇچىلارنى گۇمران قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.—ۋەھىيلەر 11:18.
خۇدا يەنە نېمىلەرنى ۋەدە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پەقەت ئىككى بېشارەتنى كۆرۈپ چىقايلى:
خۇدايىمىز يەر شارىنىڭ ياشاشقا بولمايدىغان چۆل-قاقاس يەرگە ئايلاندۇرماي، ئەكسىچە ۋەيران قىلىنغان جايلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
ھەممىگە قادىر خۇدا يەرنى بەرىكەتلەپ، ئۇنى جەننەتكە ئايلىنىدۇ.
كىلىمات ئۆزگۈرۈشى مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «كىلىمات ئۆزگۈرۈشى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتابتىكى يەر يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى ۋەدىلەر توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «يەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.