سەگەك تۇرۇڭلار!
پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوراللىق زوراۋانلىق. مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2022-يىلى، 7-ئاي ئىچىدە، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى:
«ياپونىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق سىياسىيونى [سابىق باش مىنىستىر، شىنزو ئابي]نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۇ دۆلەتتە زوراۋانلىق جىنايىتىنىڭ ئاز يۈز بېرىشى ۋە قورال-ياراق ساقلاش قانۇن تۈزۈمىنىڭ چىڭ بولۇشىنى نەزەرگە ئالغاندا، يۈز بەرگەن ۋەقە دۆلەتتىكى پۇقرالارنى قايغۇغا سېلىپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇردى».—2022-يىلى، 10-ئىيۇل، «The Japan Times».
«دانىيەلىكلەرنى چۆچۈتتى. كوپېنھاگېن سودا سارىيىدا بىر قوراللىق كىشى ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى».—2022-يىلى، 4-ئىيۇل، «Reuters».
«جەنۇبىي ئافرىقا: سوۋېتو شەھەر-بازىرىدىكى قاۋاقخانىدا، قوراللىق كىشىلەر 15 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى».—2022-يىلى، 10-ئىيۇل، «The Guardian».
«ئامېرىكىنىڭ 4-ئىيۇل بايرام كۈنى ۋە شۇ ھەپتىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 220دىن ئارتۇق ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى».—2022-يىلى، 5-ئىيۇل، «CBS News».
بۇنداق زوراۋانلىق بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
زوراۋانلىق ئاخىرلىشىدۇ
مۇقەددەس كىتابتا بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋىر «ئاخىر زامان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ زاماندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋەھشىي، رەھىم-شەپقەتسىز ۋە زوراۋان بولىدىغانلىقى يېزىلغان (2-تىموتىي 3:1، 3). بۇنداق زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئادەملەر قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدۇ (لۇقا 21:11). ئەمما مۇقەددەس كىتاب پات ئارىدا زوراۋانلىق يوق بولۇپ، تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان بېخەتەر جاي-ماكانلاردا ياشايدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلىدۇ (يەشايا 32:18). زوراۋانلىق قانداق يوق قىلىنىدۇ؟
خۇدا رەزىل ئادەملەرنى ۋە بارلىق قورال-ياراقلارنى يوقىتىدۇ.
«رەزىللەر يەر يۈزىدىن كېسىپ تاشلىنار، خائىنلار ئۇنىڭدىن قومۇرۇلار».—پەندى-نەسىھەت 2:22.
«[خۇدا] يەر يۈزىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ. ئۇ ئوقيانى سۇندۇرىدۇ ۋە نەيزىنى پارچىلاپ تاشلايدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ».—زەبۇر 46:9.
خۇدا ئىنسانلارغا تىنچ ياشاشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق زوراۋانلىقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى يوق قىلىدۇ.
«مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھېچبىر يېرىدە، نە زىيانكەشلىك بولماس، نە خاراب قىلىش بولماس. چۈنكى سۇلار خۇددى دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتكۈل جاھان يەھۋا ھەققىدىكى بىلىمگە تولدۇرۇلىدۇ».—يەشايا 11:9.
ھازىرنىڭ ئۆزىدە خۇدا دۇنيا يۈزىدىكى ئادەملەرگە زوراۋانلىق ۋە قورال ئىشلىتىشتىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاقلار سوقۇشقا ئۆگىتىۋاتىدۇ.—مىكاھ 4:3.
مۇقەددەس كىتابتىكى قورقۇنچ بولمايدىغان دۇنيا ھەققىدىكى ۋەدە توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «قورقۇنچتىن ئازاد بولۇش مۇمكىنمۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
زوراۋانلىقنىڭ مەڭگۈگە يوق قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «يەر شارىدىكى تىنچلىق!» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.