سەگەك تۇرۇڭلار!
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان چوڭ قىرغىنچىلىق — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2023-يىلى، 27-يانۋار كۈنى، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىيلار ئۇچرىغان چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ. 75 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەر، بەلكىم سىزنى مۇنۇ سوئال ئۈسىتىدە ئويلاندۇرىدىغاندۇ: «نېمە ئۈچۈن خۇدا ئاشۇ چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان؟».
مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، «نېمە ئۈچۈن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۇنى توختاتمىغان؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. مىليونلىغان كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. باشقا توپلارغا تەۋە كىشىلىرىمۇ چوڭ قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگەن. ئۇلار ئارىسىدا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ھايات كەچۈرىدىغان ئىمان-ئېتىقادلىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ بار ئىدى.
بۇ ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مەزگىلدە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا نېمە بولغان؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
كېلەچەك ۋە ئۈمىد
نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىيلار ئۇچرىغان چوڭ قىرغىنچىلىققا ئوخشاش پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. خۇشاللىنارلىق يېرى، مۇقەددەس كىتاب شۇنداق قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنىڭ كېلەچەكتە يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.
««چۈنكى، مەن سىلەر ھەققىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ياخشى بىلىمەن»،— دەيدۇ يەھۋا، «سىلەرگە پالاكەت ئەمەس، تىنچلىقنى، كېلەچەك ۋە ئۈمىد بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن»».—يەرەمىيا 29:11. a
يەھۋا خۇدا يامانلىقنى يوق قىلىدۇ ۋە دۇنيادا پەيدا بولغان بارچە بۇزغۇنچىلىقلارنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇ چاغدا، بۇ ئۈمىد رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ياراتقۇچىمىز پات يېقىندا مۇنۇلارنى قىلماقچى:
باشقىلارغا يامانلىق قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ.—پەندى-نەسىھەت 2:22.
بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەرنىڭ قەلب يارىلىرىنى ساقايتىدۇ.—ۋەھىيلەر 21:4.
ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ.—يۇھاننا 5:28، 29.
سىز تەسەللى بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىدكە ئىشىنەلەيسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىش ئۈچۈن، سىزنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ھەقسىز بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.
a يەھۋا دېگەن خۇدانىڭ خاس ئىسىمى.—زەبۇر 83:18.