مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

Comstock Images/Stockbyte via Getty Images

ئالاھىدە پائالىيە‌ت

چىرىكلە‌شكە‌ن ئە‌مە‌لدارلار —‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏

چىرىكلە‌شكە‌ن ئە‌مە‌لدارلار —‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏

 كىشىلە‌ر ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى چىرىكلە‌شكە‌ن ۋە ئىشە‌نچىسىز ئە‌مە‌لدار سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئىشە‌نچلىك دە‌پ قارايدىغان كىشىلە‌رنىڭ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ 2023-‏يىلى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تە‌كشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،‏ كىشىلە‌ر ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرىنى ئە‌ڭ ئىشە‌نچىسىز ئادە‌ملە‌ر دە‌پ قارىغان.‏ a

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌ڭ ئىشە‌نچىلىك ۋە چىرىكلىكتىن خالى ھۆكۈمە‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ھۆكۈمە‌ت بولسا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىدۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمران ئە‌مە‌لدارى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر.‏—‏يە‌شايا 9:‏7‏.‏

 ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا ھە‌قىقىي كۆيۈنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان (‏مە‌تتا 9:‏35،‏ 36‏)‏.‏ ئۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇ‌پ،‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌نىڭ رە‌ھبە‌رلىكىنى قوبۇ‌ل قىلغان بارلىق ئىنسانلارنى ئادالە‌ت ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏12–‏14‏.‏

a 2023-‏يىلى،‏ ئېدېلمان ئىشە‌نچىلىك دە‌رىجە كۆرسە‌تكۈچىسى يە‌رشارى دوكىلاتى