Sean Gladwell/Moment via Getty Images
سەگەك تۇرۇڭلار!
دۇنيانىڭ ھەربىي چىقىمى ئىككى تېرىليون دوللاردىن ئاشىدۇ — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2022-يىلى، روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجەت تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى (SIPRI) 2023-يىلى ئاپرېلدا بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلدى:
ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي چىقىمى «بۇ يىل 13 پىرسەنتتىن ئاشتى ۋە 1991-يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ ھەربىي چىقىم قىلغان بىر يىل بولدى».
«روسىيە...ھەربىي چىقىمىنى 2.9 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى كۆپ چىقىم قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 5-ئورۇندىن 3-ئورۇنغا ئۆتتى».
ئامېرىكا يەنىلا ئەڭ كۆپ چىقىم قىلغان 1-ئورۇندىكى دۆلەت بولۇپ قالغان، «دۇنيا ھەربىي چىقىمىنىڭ 39 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ».
SIPRI دوكلاتىنى تەييارلاش ئۈچۈن بىرلىكتە قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچى، دوكتور نەن تىئەن مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا ھەربىي ئىشلار چىقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىزنىڭ كۈنسېرى بېخەتەر بولمىغان دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى».
مۇقەددەس كىتابتا بۈگۈن يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى ئالدىن بېشارەت قىلىنغان ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىردىن-بىر ئۈمىد ئاشكارىلانغان.
ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئالدىن ئېيتىلغان
مۇقەددەس كىتاب بىز ياشاۋاتقان بۇ ۋاقىتنى«زامان ئاخىرى» دەپ ئاتايدۇ.—دانىيال 8:19.
دانىيال كىتابى بۇ ۋاقىتتا رىقابەتلىشىدىغان دۇنيا كۈچلىرى بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ دۇنيا كۈچلىرى «ھۇجۇم قىلىدۇ» ياكى ئەڭ كۈچلۈك دۇنيا كۈچى ئورنى ئۈچۈن توقۇنۇشىدۇ. بۇ ھەربىي توقۇنۇش بەك كۆپ «خەزىنە» ياكى ئىقتىسادىي بايلىقنى سەرپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.—دانىيال 11:40، 42، 43.
مۇقەددەس كىتابتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ بېشارەتلەر توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «دانىيال 11-باب، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بېشارەت» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
ھەقىقىي تىنچلىق قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ
مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانلار قۇرغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىغا خۇدا باشقا بىر ھۆكۈمەتنى قويىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. «خۇدا مەڭگۈ يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى تىكلەيدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا ھېچبىر خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۆزى پۈتۈن پادىشاھلىقلارنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدۇ ۋە يالغۇز ئۆزى مەڭگۈ قالىدۇ».—دانىيال 2:44.
خۇدا يەھۋا a پات-يېقىندا ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمىگەن ئىشنى، يەنى ھەقىقىي ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. قانداق؟ ئۇنىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقى ياكى ھۆكۈمىتى بارچە قورال-ياراقلارنى يوق قىلىدۇ ۋە بارلىق زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.—زەبۇر 46:8، 9.
خۇدا پادىشاھلىقى نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا «تىنچلىقنىڭ چېكى بولماس»» دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
a يەھۋا دېگەن خۇدانىڭ خاس ئىسىمى.—زەبۇر 83:18.