سەگەك تۇرۇڭلار!
2022-يىلى، قالايمىقانچىلىق كۆپەيگەن بىر يىل بولدى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2022-يىلىدا ئۇرۇش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاپەتلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇردۇق. پەقەت مۇقەددەس يازمىلار بۇ ئىش-ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2022-يىلى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەقىقىي مەنىسى
ئۆتكەن يىل يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەر، بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى تېخىمۇ ئېنىقراق كۆرسىتىدۇ (2-تىموتىي 3:1). ئۇ دەۋىر 1914-يىلى باشلانغان. يېقىنقى يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر بىلەن قانداق ماس كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ:
«ئۇرۇشلار».—مەتتا 24:6.
«2022-يىلى، ياۋروپا ئۇرۇشنىڭ قورقۇنچلۇق تەسىرىگە يەنە ئۇچرىدى» a
«روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
«ئاچارچىلىقلار».—مەتتا 24:7.
2022-يىلى، ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بەردى. b
«ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيادا ئاشلىق كرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر».—لۇقا 21:11.
«بالىلار پارالىچ كېسىلى قايتا پەيدا بولۇپ، مايمۇن چېچەك كېسىلى ھەم كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، تاجىسىمان ۋىرۇس (19-COVID) سەۋەبلىك ئىنسانلار داۋاملىق ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» c.
«6 مىليون ئادەم تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلدى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
«قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر».—لۇقا 21:11.
«ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى، قۇرغاقچىلىق، ئورمان ئوت ئاپىتى، كەلكۈن بېسىپ كېتىشتەك ئاپەتلەر يۈز بەردى. 2022-يىلى يازدا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەددىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى، ئىنسانلارنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى، يۈز مىڭلىغان ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان كىشىلەر ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە توغرا كەلدى» d.
«پۈتۈن دۇنيادا تېمپېراتۇرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
«قالايمىقانچىلىقلار».—لۇقا 21:11.
كىشىلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقى كۈچىيىپ، قاتتىق غەزەبلەنگەچ، 2022-يىلىدا ھۆكۈمەتلەرگە قارشى نامايىشلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. e
«دۇنيادا پۇل پاخاللىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتتى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
كېلەر يىلى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟
ھېچكىم 2023-يىلى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. لېكىن، بىز شۇنى بىلىمىزكى، خۇدا پادىشاھلىقى، يەنى ئاسماندىكى ھۆكۈمەت پات يېقىندا دۇنيادىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ، نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ (دانىيال 2:44). بۇ پادىشاھلىق ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى يوق قىلىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.—مەتتا 6:9، 10.
بىز سىلەرنى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىشقا ۋە سەگەك تۇرۇپ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز (ماركۇس 13:37). مۇقەددەس كىتاب ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەمدە سىز ۋە ئائىلىڭىزنى كېلەچەككە بولغان ئاجايىپ ئۈمىدكە قانداق ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى خالىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىڭ.
a .2022 8٬ December by Jill Lawless٬ ”2022 Was Year the Horror of War Returned to Europe٬“ AP News٬
b ”A Global Food Crises“ World Food Programme٬
c .2022 22٬ September JD٬ Gostin٬ .by Lawrence O ”and Disease X٬ Polio٬ 19 to Monkeypox٬-From COVID—Living in an Age of Pandemics“ JAMA Health Forum٬
d .2022 24٬ October by Martina Igini٬”؟2022 Breaking Extreme Weather Events of Summer-What’s Behind the Record“ Org٬.Earth
e .2022 8٬ December by Thomas Carothers and Benjamin Feldman٬ ”Economic Anger Dominated Global Protests in 2022٬“ Carnegie Endowment for International Peace٬