سەگەك تۇرۇڭلار!
2023-يىلى، ئۈمىدۋار بولۇش ئۈچۈن سەۋەبلەر بار — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2023-يىلى باشلىنىشى بىلەن، بىز ھەممىمىز ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ياخشى ئارزۇ-ئامانلىرىغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نېمە ئۈچۈن كېلەچەككە شۇنداق ئۈمىد بىلەن يۈزلىنەلەيمىز؟
مۇقەددەس كىتاب ئۈمىد بېرىدۇ
مۇقەددەس كىتابتا، بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پات-يېقىندا يوق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بار. شەك-شۈبھىسىزكى، مۇقەددەس كىتاب «تەلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغان. شۇڭا، . . . مۇقەددەس يازمىلاردىن ئالغان تەسەللىي ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولالايمىز».—رىملىقلار 15:4.
مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن «گۈزەل كېلەچەككە بولغان ھەقىقىي ئۈمىد» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
ھازىر سىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئۈمىد
مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد «ھاياتىمىز ئۈچۈن خۇددى كېمە لەڭگىرىدەك» (ئىبرانىيلار 6:19). بۇ ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى كۈندىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاش ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن:
بىر كىشىگە يامان ئادىتىنى تاشلاشقا مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ. «ھاياتىمدىن تويغان ئىدىم» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
يېقىن كىشىمىزدىن ئايرىلغاندا، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. «يېقىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئۈچۈن تەسەللىي» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئۈمىدىڭىزنى كۈچەيتىڭ
نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما شۇ ئۈمىدىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئىشەنچ قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب ۋەدە قىلغان ئۈمىد بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئارىسىدا پەرق بار. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر بولسا ئۆزىگە «يالغان ئېيتالمايدىغان» خۇدادىن كەلگەن (تىتۇس 1:2). پەقەت ياراتقۇچى يەھۋا a ئۆز ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغاچ، ئۇ «خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىدۇ».—زەبۇر 135:5، 6.
بىز سىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى ئىشەنچىلىك ئۈمىدنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمىز. مۇقەددەس يازمىلارنى تەكشۈرۈپ چوڭقۇر ئىزدەنسىڭىز، ئۈمىدىڭىزنى كۈچەيتەلەيسىز (ئەلچىلەر 17:11). بۇنى قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلاڭ. 2023-يىلىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قەدەم تاشلاڭ!
a «ئىسىمى يەھۋا بولغان سەن».—زەبۇر 83:18.