سەگەك تۇرۇڭلار!
6 مىليون ئادەم تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلدى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىل، 23-مايغا قەدەر، 19-COVID سەۋەبلىك، 6 مىليون 270 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمما، 2022-يىل، 5-ماي كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەنگەن. دوكلاتتا 2020 ۋە 2021-يىللاردا «19-COVID تارقىلىشچان ۋىرۇس سەۋەبلىك بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 14 مىليون 900 مىڭ» ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. مۇقەددەس كىتاب بۇنداق ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى بېشارەت قىلىنغان
ئەيسا «ئاخىر زامان» دەپ ئاتىلىدىغان مەزگىلدە، ۋابالار ياكى «يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ» تارقىلىشىنى ئالدىن-ئالا بېشارەت قىلغان.—لۇقا 21:11؛ 2-تىموتىي 3:1.
ئەيسانىڭ بېشارىتى بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «‹ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ›، يەنى ئاخىر زاماننىڭ بەلگۈلىرى نېمە؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب تەسەللى بېرىدۇ
«بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ... خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى».—2-كورىنتلىقلار 1:3، 4.
يېقىنلىرى ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابتىن تەسەللى تاپتى. «قايغۇنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق مەسلىھەتلەر» (باشقا تىلدا) ۋە «قايغۇرۇپ قان يۇتقانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەم» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب مەڭگۈلۈك ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئاشكارىلىدى
«پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي. ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي».—مەتتا 6:10.
پات-ئارىدا «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى» بارلىق ئىنسانلارنى «ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى ‹مەن كېسەل›» دېمەيدىغان كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ (ماركۇس 1:14، 15؛ يەشايا 33:24). بۇ ئاسماندىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، «خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
مۇقەددەس كىتابنىڭ دانا مەسلىھەتلىرى ۋە ئاجايىپ ۋەدىلىرى سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. بىز سىزنى مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.