1-قوشۇمچە مەلۇمات
بىز ئۆگىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەقىقەتلەر
ھەزرىتى ئەيسا سەمىمىي كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئاڭلىغاندا، ھەقىقەتنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (يۇھاننا 10:4، 27). شۇڭا، مەيلى قاچان ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىشتىن قەتئىينەزەر، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئاددىي ھەقىقەتلەرنى ئېيتىپ بېرىشنى خالايمىز. ئۇلاردىن: «سىز بىلەمسىز … ؟» ياكى «سىز ئىلگىرى … ئاڭلاپ باققانمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارغا ھەقىقەت توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىشكە تىرىشىڭ. ئاندىن كېيىن، شۇ ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەت ياكى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى ئاددىي ھەقىقەت توغرۇلۇق پاراڭلىشىش ئارقىلىق كىشىنىڭ قەلبىگە ھەقىقەت ئۇرۇقى چېچىلسا، خۇدا ئۆزى شۇ ئۇرۇقنى ئۆستۈرەلەيدۇ!—1-كورىنت. 3:6، 7.
كېلەچەك
-
1. بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان ئىش-ۋەقەلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى پات-ئارىدا زور بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.—مەتتا 24:3، 7، 8؛ لۇقا 21:10، 11؛ 2-تىموت. 3:1–5.
-
2. يەر يۈزى ھەرگىزمۇ ۋەيران قىلىنمايدۇ.—زەبۇر 104:5؛ ۋەز 1:4.
-
3. يەر شارى مۇھىتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.—يەشايا 35:1، 2؛ ۋەھىي. 11:18.
-
4. ھەربىر كىشى مۇكەممەل ساغلاملىققا ئىگە بولىدۇ.—يەشايا 33:24؛ 35:5، 6.
-
5. يەر يۈزىدە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىيالايسىز.—زەبۇر 37:29؛ مەتتا 5:5.
ئائىلە
-
6. ئەرلەر ئۆز ئايالىنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك.—ئەفەس. 5:33؛ كولوسى. 3:19.
-
7. ئاياللار ئۆز ئېرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىشى كېرەك.—ئەفەس. 5:33؛ كولوسى. 3:18.
-
8. ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇشى لازىم.—مالاك. 2:16؛ مەتتا 19:4–6، 9؛ ئىبرانىي. 13:4.
-
9. ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنغان بالىلارنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.—پەند. نە 1:8، 9؛ ئەفەس. 6:1–3.
خۇدا
-
10. خۇدانىڭ خاس ئىسىمى بار. —زەبۇر 83:18؛ يەرەم. 10:10.
-
11. خۇدا بىزگە مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزگەن.—2-تىموت. 3:16، 17؛ 2-پېتر. 1:20، 21.
-
12. خۇدا ھەممىسىنى تەڭ كۆرىدۇ.—تەكرار. قا 10:17؛ ئەلچى. 10:34، 35.
-
13. خۇدا بىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.—زەبۇر 46:1؛ 145:18، 19.
دۇئا
-
14. خۇدا بىزنىڭ پەقەت ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ. —زەبۇر 62:8؛ 65:2؛ 1-پېتر. 5:7.
-
15. مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.—مەتتا 6:7–13؛ لۇقا 11:1–4.
-
16. بىز دائىم دۇئا قىلىشىمىز لازىم. —مەتتا 7:7، 8؛ 1-سالونىكا. 5:17.
ئەيسا مەسىھ
-
17. ئۇلۇغ ئۇستاز ئەيسا مەسىھنىڭ بەرگەن تەلىملىرى ھازىرمۇ قوللىنىشچان ۋە پايدىلىق.—مەتتا 6:14، 15، 34؛ 7:12.
-
18. ھەزرىتى ئەيسا بىز كۆرۈۋاتقان ئىش-ۋەقەلەرنى بېشارەت قىلغان.—مەتتا 24:3، 7، 8، 14؛ لۇقا 21:10، 11.
-
19. ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى.—مەتتا 16:16؛ يۇھاننا 3:16؛ 1-يۇھاننا 4:15.
-
20. ئەيسا ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەس.—يۇھاننا 14:28؛ 1-كورىنت. 11:3.
خۇدا پادىشاھلىقى
-
21. خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى ھەقىقىي بىر ھۆكۈمەت.—دانىيال 2:44؛ 7:13، 14؛ مەتتا 6:9، 10؛ ۋەھىي. 11:15.
-
22. ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىنى خۇدا پادىشاھلىقى ئالىدۇ.—زەبۇر 2:7–9؛ دانىيال 2:44.
-
23. پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ.—زەبۇر 37:10، 11؛ 46:9؛ يەشايا 65:21–23.
ئازاب-ئوقۇبەتلەر
-
24. ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە خۇدا سەۋەبچى ئەمەس.—تەكرار. قا 32:4؛ ياقۇپ 1:13.
-
25. شەيتان بۇ دۇنيانى باشقۇرۇۋاتىدۇ.—لۇقا 4:5، 6؛ 1-يۇھاننا 5:19.
-
26. خۇدا سىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىزنى كۆرىدۇ ۋە سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.—زەبۇر 34:17–19؛ يەشايا 41:10، 13.
-
27. خۇدا پات-يېقىندا ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ.—يەشايا 65:17؛ ۋەھىي. 21:3، 4.
ئۆلۈم
-
28. ئۆلۈكلەرنىڭ ھېچقانداق سېزىمى يوق؛ ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدۇ.—ۋەز 9:5؛ يۇھاننا 11:11–14.
-
29. ئۆلۈكلەر بىزگە ياردەم بېرەلمەيدۇ ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.—زەبۇر 146:4؛ ۋەز 9:6، 10.
-
30. ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىمىز تىرىلدۈرۈلىدۇ.—ئايۇپ 14:13–15؛ يۇھاننا 5:28، 29؛ ئەلچى. 24:15.
-
31. «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ».—ۋەھىي. 21:3، 4؛ يەشايا 25:8.
دىن
-
32. پەقەت بىرلا دىن خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.—يەرەم. 7:11؛ مەتتا 7:13، 14، 21–23.
-
33. خۇدا ساختىپەزلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ.—يەشايا 29:13؛ مىكاھ 3:11؛ ماركۇس 7:6–8.
-
34. توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىۋاتقانلار سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ.—مىكاھ 4:3؛ يۇھاننا 13:34، 35.