شاگىرتلارنى تەييارلاش
11-دەرس
ئاددىي ئۇسۇلدا تەلىم بېرىش
پرىنسىپ: «چۈشىنىش ئاسان سۆزلەرنى قىلىڭلار». —1-كورىنت. 14:9.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى مەتتا 6:25–27-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئەگەر ئاددىي ئۇسۇلدا تەلىم بەرسەك، كىشىلەر ئۆگەنگەنلىرىنى ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە بىز ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىمىز.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. بەك كۆپ گەپ قىلماسلىق. بىلگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، دىققەتنى ئۆگىنىش پىلانلانغان مەزمۇنغا قارىتىڭ. ئۆگەنگۈچىدىن بىر سوئال سوراپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇڭ. ئۇ جاۋابنى بىلمىسە ياكى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرگە زىت ئوي-پىكىرنى ئېيتسا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىدىغان قوشۇمچە سوئاللارنى سوراڭ. ئۇ ئاساسىي ئوي-پىكىرنى چۈشەنگەن بولسا، كېيىنكى مەزمۇنغا ئۆتۈپ كېتىڭ.
4. ئۆگەنگۈچىنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرى بىلەن يېڭى تەلىم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش. مەسىلەن، سىلەر تىرىلىش ھەققىدىكى دەرسنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم توغرىسىدا ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارنى قىسقىچە تەكرارلاپ چىقىڭلار.
5. ئېھتىيات بىلەن مىساللارنى تاللاش. بىرەر مىسالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
-
بۇ مىسال ئۆگەنگۈچىنىڭ پەقەت مىسالنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئاساسىي ئوي-پىكىرنى ئېسىدە ساقلىشىغا ياردەم بېرەمدۇ؟
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
مەتتا 11:25؛ يۇھاننا 16:12؛ 1-كورىنت. 2:1