شاگىرتلارنى تەييارلاش
12-دەرس
جۈرئەت
پرىنسىپ: «خۇشبۇي ماي ۋە ئىسرىق كۆڭۈلنى خۇش قىلار؛ جان-جىگەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى ھەم كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرەر».—پەند. نە 27:9.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ماركۇس 10:17–22-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. بىز ئۆگەنگۈچىنىڭ داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق-يورۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشىمىز لازىم.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. ئۆگەنگۈچىنىڭ مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا يېتىشىگە ياردەم بېرىش.
-
«مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ «مەقسەت» دېگەن رامكىسىنى ئىشلىتىڭ.
-
قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەقسەتلەرگە يېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوقۇم نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ.
-
ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى دائىم ماختاپ تۇرۇڭ.
4. ئۆگەنگۈچىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە نېمىلەر توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، توسالغۇلارنى يېڭىشىغا ياردەم بېرىش.
-
-
ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىمىسە، نېمە ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟
-
ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟
-
-
ئۇ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆيۈمچانلىق بىلەن، ئوچۇق-يورۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن جۈرئەت سوراپ دۇئا قىلىڭ.
5. ئالغا ئىلگىرىلىمىسە، تەتقىق ئۆگىنىشىنى توختىتىش.
-
سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئالغا ئىلگىرىلىمىسە، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
-
ئۇ ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىۋاتامدۇ؟
-
ئۇ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشامدۇ ۋە باشقىلارغا ھەقىقەت توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرەمدۇ؟
-
ئەگەر ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۆگەنگەن بولسا، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالامدۇ؟
-
-
ئەگەر ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالىمىسا:
-
ئۇنىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە نېمە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى سوراڭ.
-
نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشنى توختاتماقچى بولغانلىقىڭىزنى مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈڭ.
-
ئۇ مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى قايتىدىن باشلاشنى خالىسا، نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇنىڭغا ئوچۇق ئېيتىڭ.
-
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
زەبۇر 141:5؛ پەند. نە 25:12؛ 27:6؛ 1-كورىنت. 9:26؛ كولوسى. 4:5، 6