2-قوشۇمچە مەلۇمات
سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
ئەگەر كىشى سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلىرىمىزگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتسا ياكى بىزدىن مەلۇم بىر ئوي-پىكىرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى سورىسا، خۇشاللىق بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. بىز مەڭگۈ ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايمىز.—ئەلچى. 13:48.
بىراق، كىشى ئاچچىقلانسا، تالاش-تارتىش قىلماقچى بولسا ياكى ھازىر پاراڭلىشىشنى خالىمىسىچۇ؟ ئۇنداقتا، پەم-پاراسەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ (پەند. نە 17:14). ئەدەب-ئەخلاق بىلەن، ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ. شۇنداق بولغاندا، بەلكىم بۇ كىشى كېلەچەكتە بىز بىلەن پاراڭلىشىشنى خالاپ قالار.1-پېتر. 2:12.