سۆھبەت باشلاش
5-دەرس
پەم-پاراسەت
پرىنسىپ: «گەپ-سۆزۈڭلار ھەمىشە يېقىملىق، … بولسۇن».—كولوسى. 4:6.
ئەلچى پاۋلۇس نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئەلچىلەر 17:22، 23-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەلچى پاۋلۇس ئافىنا شەھىرى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇش بىلەن تولغانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟—ئەلچى. 17:16.
-
ئەلچى پاۋلۇس ئافىنالىقلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەم-پاراسەت بىلەن ئۇلارنىڭ دىننى كۆز قاراشلىرىنى قانداق قوللانغان؟
پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. قايسى گەپ-سۆزلەرنى، قانداق ئۇسۇلدا ۋە قاچان سۆزلەشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىساق، كىشىلەر بىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ مايىل بولۇشى مۇمكىن.
پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىش
3. ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلەرنى تاللاش. ئەگەر خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشى بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، بەلكىم مۇقەددەس كىتابنى تونۇشتۇرۇش ياكى ئەيسانى پەرقلىق نام-ئۇنۋان بىلەن ئاتاش ئۈچۈن سۆز-جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
4. كىشىنىڭ كۆز قارىشىنى تۈزىتىشكە ئالدىرىماسلىق. كىشىنى ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەركىن-ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئەگەر ئۇ مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىگە زىت بولغان بەزى نەرسىلەرنى ئېيتسا، تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ (ياقۇپ 1:19). كىشىنى دىققەت بىلەن تىڭشىسىڭىز، ئۇنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيسىز.—پەند. نە 20:5.
5. مۇمكىنقەدەر كىشىنىڭ ئوي-پىكرىگە قوشۇلۇش ۋە ماختاش. كىشى ئۆز دىنىي-ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىشى مۇمكىن. ئاۋۋال، ھەر ئىككىڭلار ئورتاق قوشۇلىدىغان ماۋزۇ ھەققىدە پاراڭلىشىشقا تىرىشىڭ. كېيىن، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
پەند. نە 25:15؛ 2-تىموت. 2:23–26؛ 1-پېتر. 3:15