سۆھبەت باشلاش
6-دەرس
جاسارەت
پرىنسىپ: «خۇدايىمىزغا تايىنىپ، جاسارەت بىلەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق».—1-سالونىكا. 2:2.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى لۇقا 19:1–7-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. بىز ھەممە ئىنسانلارنى تەڭ كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىشىمىز كېرەك.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. يەھۋاغا تايىنىش. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئەيسا مەسىھكە ۋەز قىلىش ئۈچۈن كۈچ بەرگەندەك، سىزگىمۇ ۋەز قىلىش ئۈچۈن كۈچ بېرەلەيدۇ (مەتتا 10:19، 20؛ لۇقا 4:18). بەزى ئادەملەرگە ۋەز قىلىشتىن قورقسىڭىز، يەھۋادىن جاسارەت سوراڭ.—ئەلچى. 4:29.
4. ئادەملەر توغرۇلۇق ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق. ئادەملەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ياكى دىننى كۆز قاراشلىرى سەۋەبلىك، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىشىمىز مۇمكىن. بىراق، شۇنى ئەستە ساقلاڭ:
-
يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلەلەيدۇ، ئەمما بىز بىلەلمەيمىز.
5. جاسارەت، ئەمما ھۆرمەت ۋە پەم-پاراسەت بىلەن سۆزلەش (مەتتا 10:16). تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ. كىشى خۇش خەۋەرنى تىڭشاشنى خالىمىسا ياكى ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلمىسىڭىز، ئەدەب بىلەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ.—پەند. نە 17:14.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
ئەلچى. 4:31؛ ئەفەس. 6:19، 20؛ 2-تىموت. 1:7