3-بۆلۈم
كىشىلىك تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر
مەھەللىڭىزگە يېڭى بىر دوختۇر كۆچۈپ كەلدى، دەپ پەرەز قىلايلى. دەسلىپىدە بەلكىم ئۇنىڭ ياخشى دوختۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، گۇماندا بولغانسىز. ئەمما، ئاشۇ دوختۇرنىڭ ياردىمىدە، بەزى دوستلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىكى كۆپ ياخشىلانغان بولسىچۇ؟ سىز ھەم شۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ كۆرمەمسىز؟
مۇقەددەس يازمىلارنى بەزى جەھەتتىن، ئاشۇ دوختۇرغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئاشۇ يازمىلاردىن مەسلىھەت سوراشتىن قورقۇپ گۇماندا بولۇشقان. بىراق، كېيىنچە ئۇلار يازمىلاردىكى دانا مەسلىھەتنى ئۆزلىرىگە تەتبىقلاپ، تۇرمۇشىنى كۆپ ياخشىلىيالىغان. تۆۋەندىكى بىرنەچچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
نىكاھتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
«توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېرىم دۇماسنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، قاتتىق خاپا بولغىنىمدىن، ھەمىشە ۋاقىراپ-جارقىراپ ئۇنى ھاقارەتلەپ، قولۇمغا چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ، ھەتتا ئۇنىڭغا مۇشت كۆتەردىم. بەزى چاغلاردا، قاتتىق ئاچچىقلانغاچ، ھوشۇمدىن كېتەتتىم.
«ئېرىم دۇماس مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئۇنى مەسخىرە قىلدىم. لېكىن، ئۇ ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭ نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ياندىكى خانىدە ئوغۇرلۇقچە تىڭشايتتىم. بىر كۈنى، «ئەي ئاياللار، ھەزرىتىمىزگە بويسۇنغاندەك، ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. … ئايالمۇ ئۆز ئېرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىسۇن»،— دېگەن ئايەتنى ئاڭلاپ قالدىم (ئەفەسلىكلەر 5:22، 33). مۇشۇ سۆزلەر قەلبىمگە قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن ئېرىمنى خورلىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدادىن كەچۈرۈم تىلىدىم ۋە ياخشى ئايال بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ياردەم سورۇدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي، دۇماس ئىككىمىز بىرلىكتە مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندۇق»، دەپ ئەسلەپ ئۆتتى. — سۇمىياتۇن.
مۇقەددەس يازمىلار ھەم: «ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك»،— دەيدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:28). سۇمىياتۇن يەنە: «مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىش ھەر ئىككىمىزگە تەسىر قىلدى. مەن دۇماس ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا چاي ئېلىپ كېلىپ، ئىللىق گەپ-سۆزلەرنى قىلاتتىم. دۇماس ھەم ماڭا كۆپرەك كۆيۈنۈپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەم قىلاتتى. بىز ئىككىمىز تىرىشىپ، «بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولۇڭلار. … بىر-بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كەچۈرۈڭلار»،— دېگەن نەسىھەتنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىدۇق (ئەفەسلىكلەر 4:32). نەتىجىدە، ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز چوڭقۇرلاشتى. مانا ھازىر خۇشال-خۇرام نىكاھلىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزغا 40 يىلچە بوپتۇ. ھەقىقەتەن خۇدانىڭ دانا مەسلىھىتى نىكاھلىق تۇرمۇشىمىزنى قوغداپ قالغان ئىدى!»— دەيدۇ.
غەزەپنى تىزگىنلەش
«مەن قەھرى-غەزەپ ئادەم ئىدىم، ھەمىشە كىشىلەر بىلەن سوقۇشاتتىم ۋە باشقىلارغا قۇرال
تەڭلەپ، ئۇلارنى قورقۇتاتتىم. ئاچچىقىم تۇتقاندا، ئايالىم كۇسترىيانى ئۇرۇپ يەردە دوملىتىۋېتەتتىم. نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭدىن قورقاتتى.«بىر كۈنى، مەن ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ: «سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن: بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،— دېگەن شۇنداق بىر سۆزىنى ئوقۇپ قالدىم (يۇھاننا 13:34). مەن بەك تەسىرلەندىمكى، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر نۆۋەت غەزەپتىن ئۆرتەنگىنىمدە، ئۆزۈمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن خۇدادىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلدىم. غەزەپلىنىدىغان مىجەزىم ئاستا-ئاستا يوق بولدى. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز، ئەفەسلىكلەر 4:26، 27-ئايەتلەردىكى: «غەزىپىڭلاردىن قايتماي تۇرۇپ، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن. شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار»،— دېگەن نەسىھەتلەرنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىدۇق. ھەركۈنى ئاخشىمى بىرلىكتە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ، دۇئا قىلدۇق. شۇنداق قىلىش ھەركۈنى پەيدا بولغان غەم-ئەندىشىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، نىكاھ رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچەيتتى.
«ھازىر باشقىلار مېنى مۇلايىم ئادەم دېيىشىدۇ. ئايالىم ۋە بالىلىرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ. مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم بار ھەمدە ئۆزۈمنى يەھۋاغا يېقىن ھېس قىلىمەن. مەن ھەقىقەتەن بەختلىك ئادەممەن»،— دەيدۇ. — تايىب.
زەھەرلەردىن قول ئۈزۈش
«مەن قارا جەمئىيەت شايكىلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ، تاماكىلارنى بېسىپ چېكەتتىم ۋە دائىم ئىچىۋېلىپ ئاخشاملىرى كوچىلاردا يىقىلىپ يېتىپ قالاتتىم. ھەتتا مەن نەشە، باش چايقاش كومىلىچى دېگەنگە ئوخشاش قانۇنسىز زەھەرلەرنى ئىستېمال قىلاتتىم ۋە ساتاتتىم. ئۇلارنى ئوق ئۆتمەس كىيىمىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلايتتىم. گەرچە كىشىلەرگە لۈكچەكلەردەك كۆرۈنسەممۇ، ئەمما ھەمىشە قورقۇپ يۈرەتتىم.
«بىرى ماڭا مۇنۇ ئايەتنى كۆرسەتتى: «ئەي ئوغلۇم تەلىمىمنى ئۇنتۇما، … چۈنكى ئۇلار كۈنۈڭگە كۈن، ئۆمۈرۈڭگە ئۆمۈر قوشۇپ، تىنچ-خاتىرجەملىك تاپىسەن» (پەندى-نەسىھەت 3:1، 2). ئۇزۇندىن بېرى، مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەشنا بولۇپ كەلگەن! مەن يەنە: «قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىزگە شۇنداق ۋەدىلەر بېرىلگەن ئىكەن، تەن ۋە روھىمىزنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ، خۇدادىن ئەيمىنگەن ھالدا مۇقەددەسلىكىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى»،— دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدۇم (2-كورىنتلىقلار 7:1). شۇنىڭ بىلەن، مەن زەھەرلەردىن قول ئۈزۈپ، قارا جەمئىيەت شايكىلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى توختاتتىم ۋە خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم.
«مەن زەھەردىن قول ئۈزگىلى 17 يىلچە بولۇپ قالدى. مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى، نۇرغۇن يېقىن دوستلىرىم بار، پاك ۋىجدان بىلەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە بەختلىك ياشاۋاتىمەن. كوچىلاردا مەست بولۇپ يېتىشنىڭ ئورنىغا، خاتىرجەم ئۆز كارۋىتىمدا ئۇيقۇمنى ئۇخلايمەن»،— دەپ بايان قىلغان. — گوئىن.
ئىرقى كەمسىتىشنى تاشلاش
«ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىلا، جىنايەت يولىغا قەدەم بېسىپ، كۆپۈنچە باشقا بىر مىللەت كىشىلىرىنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۇلارنى بوزەك قىلاتتىم.
«ئەمما، كېيىنچە خۇدانى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىدىغان بىر توپ كىشىلەرنى ئۇچراتتىم. مەن شۇ بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل ئىرق ۋە مىللەت كىشىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە بىر-بىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا مەن ئۆچ كۆرىدىغان مىللەت كىشىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار مېنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى! مەن ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدىم! شۇندىلا، مەن مۇقەددەس كىتابنىڭ: «خۇدا ھەممىنى تەڭ كۆرىدىكەن. قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، توغرا ئىش قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن»،— دېگەن ئايىتىنى چۈشىنىپ يەتتىم.— ئەلچىلەر 10:34، 35.
«مانا ھازىر قەلبىمنى زەھەرلەيدىغان ئۆچمەنلىك ۋە كەمسىتىشلەر يوقالدى. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلۇرۇمنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئىلگىرى مەن ئۆچ كۆرگەن مىللەت كىشلىرىدۇر. خۇدا مۇقەددەس يازمىلىرى ئارقىلىق ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتتى»،— دەپ كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى. — بامباڭ
زوراۋانلىق قىلىشنى توختۇتۇش
«ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىلا، ئىككى قېتىم ئوغرىلىق بىلەن، يەنە بىر قېتىمدا، بىر ئادەمگە ۋەھشىيلەرچە پىچاق تىقىپ تۈرمىگە كىردىم. كېيىنچە، ئىسيانچى توپقا قوشۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈم. توپىلاڭ
كۆتۈرۈشلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا جىنايەتچىلەرگە باشلىق بولدۇم. قەيەرگە بارسام، مېنىڭ قوغدىغۇچى چاپارمەنلىرىم مەن بىلەن بىللە باراتتى. مەن زوراۋان ۋە خەتەرلىك ئادەم ئىدىم.«بىر كۈنى، مەن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ قالدىم: «مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مۇھەببەت ھەسەت قىلمايدۇ ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسانلا ئاچچىقلانمايدۇ. ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ» (1-كورىنتلىقلار 13:4، 5). مۇشۇ سۆزلەر مېنى قاتتىق تەسىرلەندى. مەن باشقا بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىم. شۇ يازمىلاردىكى نەسىھەتلەرنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا ئەمەلىي ئىشلەتتىم.
«ھازىر مەن زوراۋان ئادەم ئەمەس، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىمەن ۋە باشقىلار مېنى ھۆرمەتلەيدۇ. مانا ھازىر تۇرمۇشۇمدا ئېنىق نىشانىم بار بولغاچ، مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتىمەن»، دەپ بايان قىلىدۇ. — گاروگا.
خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە
مۇشۇلار ۋە باشقا سان-ساناقسىز كەچۈرمىشلەر، «خۇدانىڭ سۆزى تىرىك ۋە كۈچلۈكتۇر»،— دېگەن ئايەتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (ئىبرانىيلار 4:12). خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى نەسىھەتلەر ئاددىي، قوللىنىشچان بولۇپ، كىشىگە ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلار سىزگە ھەم ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، سىز دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان. ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، تۈزىتىش، ھەققانىيلىق يولىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. شۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ بەندىسى ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن».— 2-تىموتىي 3:16، 17.
ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئاساسىي تەلىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.