مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏بۆلۈم

خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

خۇ‌دا يە‌رشارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزە‌ل ماكان قىلىپ يارىتىپ بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئاسمانلار يە‌ھۋانىڭ ئاسمانلىرى،‏ ئۇ ئىنسانلارغا يە‌ر يۈزىنى بە‌ردى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان‏.‏‏—‏ زە‌بۇ‌ر 115:‏16‏.‏

تۇ‌نجى ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتىنى يارىتىشتىن ئاۋۋال،‏ خۇ‌دا يە‌ر يۈزىدىكى ئېرە‌م دېگە‌ن بىر پارچە يە‌رنى تاللاپ،‏ گۈزە‌ل باغ بە‌رپا قىلغان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ فىرات ۋە دىجلە دە‌ريالىرى ئاشۇ ئېرە‌م دېگە‌ن جايدىن ئېقىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ a‏.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تنى ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنىڭ شە‌رقىي رايونىغا جايلاشقان دە‌پ قارىشىدۇ.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ ئېرە‌م باغ يە‌ر يۈزىدە بولغان!‏

پە‌رۋە‌ردىگار ئادە‌م-‏ئاتىنى يارىتىپ،‏ «ئېرە‌م بېغىنى پە‌رۋىش قىلىپ،‏ باغدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى» (‏يارىتىلىش 2:‏15‏)‏.‏ كېيىنچە،‏ خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئايالى ھاۋا-‏ئانىنى ياراتقان.‏ ئۇ مۇ‌شۇ بىر جۈپ ئىنسانغا:‏ «يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئە‌مر-‏پە‌رمان چۈشۈرگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏28‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ خۇ‌دا «يە‌رنى بىكارغا ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان»‏‏.‏‏—‏ يە‌شايا 45:‏18‏.‏

ئە‌مما،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌ش ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى جە‌ننە‌تتىن قوغلاپ چىقارغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ جە‌ننە‌تتە ياشاش پۇ‌رسىتى يوقالغان.‏ ھە‌تتا،‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھى سە‌ۋە‌بلىك،‏ تېخىمۇ يامان ئاقىۋە‌ت پە‌يدا بولغان.‏ قانداق يامان ئاقىۋە‌ت؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار:‏ «بىر ئىنسان ئارقىلىق دۇ‌نيادا گۇ‌ناھ پە‌يدا بولدى ۋە گۇ‌ناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پە‌يدا بولدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆلۈم ھە‌ممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى گۇ‌ناھ قىلغان»،‏—‏ دە‌يدۇ‏.‏‏—‏ رىملىقلار 5:‏12‏.‏

يە‌ر يۈزى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن تولۇ‌شى كېرە‌ك —‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ بۇ دە‌سلە‌پكى مە‌قسىتىدىن ۋاز كە‌چتىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ خۇ‌دا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېغىزىمدىن چىققان سۆزۈم ھە‌م شۇ‌نداقتۇ‌ر؛‏ ئىرادە‌م جە‌زمە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشمىغىچە،‏ ئۇ‌نى ئە‌ۋە‌تكە‌ندىكى مە‌قسىتىمگە چوقۇ‌م يە‌تمىگىچە،‏ ئۇ ماڭا بىكاردىن-‏بىكار قايتىپ كە‌لمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 55:‏11‏)‏.‏ جە‌ننە‌ت يە‌ر يۈزىدە قايتىدىن بە‌رپا قىلىنىدۇ!‏

جە‌ننە‌تتىكى تۇ‌رمۇ‌ش قانداق بولىدۇ؟‏ تۆۋە‌ندە خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.‏

a يارىتىلىش 2:‏10–‏14-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ «ئېرە‌مدىن بىر دە‌ريا ئېقىپ چىقىپ باغنى سۇ‌غىراتتى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ يە‌ردە سۇ تۆتكە بۆلۈنۈپ ئاقاتتى.‏ بىرىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى پىشون بولۇ‌پ،‏ … ئىككىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى گىھون بولۇ‌پ،‏ … ئۈچىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى دىجلە بولۇ‌پ،‏ ئاسسۇ‌رنىڭ شە‌رق تە‌رىپىگە ئاقىدۇ ۋە تۆتىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى فىرات»،‏ دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ باشتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دە‌ريانىڭ قە‌يە‌رگە جايلاشقانلىقى ۋە ئۇ‌لارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك باشقا ئېنىق مە‌لۇ‌ماتلار يوق.‏