7-بۆلۈم
خۇدانىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق قىلغان ۋەدىسى
قەدىمدە پەيغەمبەرلەر خۇداغا ساداقەتمەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ئۆمۈر بويى ئاشۇ ۋەدىلەرگە مەھكەم باغلىنىپ ياشىغان. ئاشۇ ۋەدىلەر نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئېرەم باغدا ئىسىيان كۆتەرگەندىن كېيىن، خۇدا دەرھال، يىلاننىڭ بېشىنى يانجىيدىغان بىرىنى تەيىنلىگەن. شۇ تەيىنلەنگەن بىرى، «ھېلىقى قەدىمقى يىلان، ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان چوڭ ئەجدىھا»نى مەڭگۈلۈككە يوق قىلىدۇ (يارىتىلىش 3:14، 15؛ ۋەھىيلەر 12:9، 12). كىم ئاشۇ تەيىنلەنگەن بىرى سۈپىتىدە كېلىدۇ؟
شۇ تۇنجى بېشارەت بېرىلىپ، تەخمىنەن 2000 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۋا ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلىپ، تەيىنلەنگەن ئاشۇ نەسىل ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خۇدا، ئىبراھىم پەيغەمبەرگە: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارچە مىللەتلەر بەرىكەتلىنىدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالدىڭ»،— دېگەن.— يارىتىلىش 22:18.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1473-يىلىدا، خۇدا، مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشۇ «نەسىل» ياكى ئەۋلاد توغرىسىدا كۆپرەك خەۋەر بەرگەن. مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا: «خۇدايىڭ يەھۋا سىلەر ئۈچۈن ئۆز بۇرادەرلىرىڭ ئىچىدىن مەندەك بىر پەيغەمبەرنى تاللايدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!»،— دېگەن ئىدى (تەكرار قانۇن 18:15). شۇڭا، مۇساغا ئوخشاش كېلىدىغان پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن دۇنياغا كېلىدۇ.
شۇ پەيغەمبەر داۋۇت پادىشاھنىڭمۇ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ ئۆزى ناھايىتى ئۇلۇغ بىر پادىشاھ بولاتتى. پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتقا ۋەدە بېرىپ: «سېنىڭ نەسىلىڭدىن بولغان، ئۆز ئوغلۇڭنى ئورنۇڭغا تىكلەيمەن. … مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈگە مۇستەھكەم قىلىمەن»،— دېگەن (2-سامۇئىل 7:12، 13). خۇدا داۋۇتنىڭ مۇشۇ نەسىلى «تىنچلىقنىڭ شاھزادىسى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، يەنە: «ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچىيىدۇ، داۋۇتنىڭ تەختىدە ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىدا تىنچلىقنىڭ چېكى بولمايدۇ، پادىشاھلىقىنى ھازىردىن ئەبەدغىچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق ئارقىلىق مۇستەھكەم تىكلەيدۇ»،— دېگەن (يەشايا 9:6، 7). دەرۋەقە، ئاشۇ ھەققانىي ھۆكۈمران پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىنچلىق ۋە ئادىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەمما، بۇ ھۆكۈمران قاچان كېلىدۇ؟
پەرىشتە جەبرائىل كېيىنچە خۇدانىڭ پەيغەمبىرى دانىيالغا: «شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش جاكارلانغاندىن تارتىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مەسىھ مەيدانغا چىققۇچە، يەتتە ھەپتە ۋە ئاتمىش ئىككى ھەپتە ئۆتىدۇ» (دانىيال 9:25). مۇشۇ 69 ھەپتە 7 يىل بىر بىرلىك قىلىنغان 69 يىل ھەپتىسى بولۇپ، جەمئىي 483- يىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-يىلدىن باشلاپ، تاكى مىلادى 29-يىلغىچە داۋام ئەتكەن a.
ئۇزۇن يىللار كۈتكەن «نەسىل»، يەنى مۇساغا ئوخشاش پەيغەمبەر، راستىنلا مىلادى 29-يىلدا مەسىھ سۈپىتدە كەلگەنمۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
a يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 255-بەتتىكى 2-ئىزاھاتقا قاراڭ.